كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى

كۆك كەپتەر مەشخۇلات سېستىمىسىنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتتى
مىكروسوفتتىن كەلگەن Windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغانلىق خەۋىرىدىن كىيىنلا، كەمىنە كۆك كەپتەر ئۇيغۇرچە سېستىمىلارغا قايتىدىن نەزەر تاشلىدىم، ھازىر مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، لەپتوپ، مۇلازىمىتېر ھەتتا يانفوندىن تارتىپ ھەممىسى ئۇيغۇرچە يىزىقىمنى شۇنچىلىك چىرايلىق قوللىدى، ھەتتا ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەشخۇلات سېستىمىسى بار بولدى. ئىشلەتمەي قانداق قىلاتتىم؟ بۈگۈن قولۇمدىكى لەپتوپقا ubuntuنىڭ 11.10 نەشىرىنى ۋە gnome چاپىنىنى قاچىلىدىم. تورغا ئۇلاغلىق ھالەتتە، سېستىما تىل بولىقى تاللاش ئورنىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللىدىم ۋە سۆرەپ ئەڭ ئۈستىگە ئىلىپ چىقتىم، ubuntu يۇمشاق دىتاللار مەركىزىدىن ukij نامىدىكى ئۇيغۇرچە فونتلارنى قاچىلىدىم، مانا ئاقىۋەت پۈتۈن سېستىمام، لەپتوپ ۋە مۇلازىمىتىردىكى سېستىمام پۈتۈن كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتتى. بۇنداق چىرايلىق ئۇيغۇرچە سېستىمىنى ئىشلەتمەسلىككە يەنە قانداق باھانىڭىز بار؟

كومپىيۇتېر ئىشلىتىپ، مۇنداق قىززىق ئىشلارنى كۆرگەنمۇ سىز؟ (2)
ئالدىنقى قىتىم سۆزلىگەنلىرىم بولسا، قالايمىقان كودلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە بولسا، بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىم، تور بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىزىقارلىق ئىشلار، بۇ قىزىقارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلسىڭىز، يەنە بەزى ئۇششاق بىلىملەرگىمۇ ئىرىشەلىشىڭىز مومكىن.

1. بۇ 2008-يىلى يازدا كەمىنە دۇچ كەلگەن بىر ئەھۋال، بىر تارماق ئورنىمىزنىڭ (بۇ بىزنىڭ VLAN نىڭ بىر ئابونىت نۇقتىسى) ئىشخانا بىنا قۇرۇلۇشى تۈپەيلى تور سىمىنى قايتا تارتىش توغرا كەلدى. ھەممە سىملار تارتىلىپ بولدى، روتېر قويۇلدى، روتېرنىڭ ئەھۋالى نورمال… بىراق سىناق قىلىش نەتىجىسدە، ھىچقايسى كومپىيۇتېر تورغا ئۇلىنالمىغان. يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاپپاراتتا تۇرۇپ، بۇ ئورۇندىكى روتېرنى PING قىلسا نورمال. چاتاق ئەمدى، مەن نەچچە كۈن جاپا تارتىپ تارتقان تور سىمىغا ئارتىلدى. پۈتۈن سىملارنى ئۈزۈپ، كۆيدۈرۋەتكىدەك بولدۇم… لىكىن يەنە ئاچچىقىمنى بىسۋالدىم. ئاپپاراتلار: Huawei سىۋىچ بىلەن Huawei نىڭ DVPN روتىرى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارلىقتىكى سىم، زاۋۇتتىن پىچىتى بىلەن كەلگەن، بىشى ئۇلاغلىق چىققان سىم ئىدى. بۇنىڭغا شەكسىز ئىشەندىم. لەپتوپنى سىۋىچقا چىتىپ، ping بۇيرۇقىنى بىرىپ قويۇپ، كومپىيۇتېرلارغا ئۇلىنىدىغان سىملارنى بىردىن بىردىن تارتىۋەتتىم، ئۈچ تال سىمنى تارتىپ بولغاندا، ping ئۆتتى. ئۈچ سىمنىڭ ئۈستىدىنى نۇمۇرغا قارىسام، (ئەڭ ئاخىردا تارتىۋەتكىنىممۇ شۇ.) بىرسى، كادىرلار يازدا باراڭنىڭ ئاستىدا، ئىشلەپ قالسا دەپ، سىرىتتىكى بۆلىكىنى بىر يەرگە مۇقىملاشتۇرۋەتمەي يۆگەپلا قويغان سىم. سىرىتقا چىقىپ كۆردۈمكى،  سىمنىڭ بىر ئۇچى تامنى ئاقارتىۋاتقانلارنىڭ چىلىكىدە…  ئاچچىقىمدا، سىمنىڭ ئۇ بىشىنى كىسۋىتىپ، بۇ بىشىنى چىقىرۋىتىپ، بىرسىگە ئىيتتىم: «ماڭ! ماۋۇ سىمنى ئۆيۈڭگە ئاپىرۋەت، ئۆيۈڭدىكىلەر كىر يايسۇن!، مىتىرى بىر يىرىم كويلۇق سىمغا يايسا، ئىتتىك قۇرۇيارمىش ».

بۇ ئىشتا، سىمنىڭ بىر ئۇچى سىۋىچقا چىتىلىغان، يەنە بىر ئۇچى بولسا، سۇغا تاشلانغان، بۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان كاشىلا شۇكى، ئاشۇ سىۋىچنىڭ ئاستىدىكى پۈتۈن قىسمى تور پالەچ بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى، سىم ماسىلا بولىدۇ دىگەن گەپ، بۇنداق قىلمىشنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى، تور سىمىنىڭ ئىككىلا ئۇچىنى بىر سىۋىچقا چىتىپ قويۇش.

2. تورداشلارغا مەلۇم، كومپىيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇنلانغانلار، چوڭراق بىر سودا يولىغا ماڭالمىساق، مەگگۈ باي بولماي ئۆتۈپ كىتىشىمىز مومكىن، چىرايلىق ئۆيلەر، ئالىي دەرىجىلىك پىكارلارنىغۇ ئىكراننىڭ تەگىلىكىدە ياكى ۋاپادار جۈپتىمىزنىڭ QQ بوشلۇقىدىلا كۆرەلىشىمىز مومكىن، ئەمدى مىڭ بىر جاپادا ماشىنا ئالساق، كىچىلەردە چارچاپ كەتكەن ۋاقتىمىزدا مايغا چىڭراق دەسسەپ سالساق، جەرىمانە تالونى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان گەپ، قارانچۇق ئىلىشقا چىدىمايمىز، قانداق قىلىش كىرەك؟ ماۋۇ ئىچكىردىكى مەلۇم بىر پىروگراممىر دوستىمىزنىڭ ئويلاپ تاپقان چارىسىكەن، ناۋادا ئاشۇ بىر قۇر بۇيرۇق، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ساندانىغا كىرسەك قانداق ئاقىۋەت يۈز بىرەر؟ بۇ ئىنىقلا قانۇنسىز قىلمىش، ئىزىپ تىزىپ سىناپ سالماڭ جۇمۇ.

ئالما شىركىتىنىڭ تاۋار ماركىلىرى دۆلىتىمىزدە تالان- تاراجغا ئۇچىرىدى
sina تورىنىڭ خەۋىرىچە، جيېجاڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھرىدىن مەلۇم بىر سودىگەر چىراق، ئىسستقۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تۈرلۈك تاۋارغا «IPhone» ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغان، بۇ ماركا ئۇقتۇرۇش مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگە كەلگەندە، ئالما شىركىتى نارازىلىق پىكىرى سۇنۇپ، ئىلتىماسنى قايتۇرۋىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئىشتىن كىيىن، مۇخبىر مەزكۇر ماركىنى تىزىملاشقا ۋاكالەتچىلىك قىلغان يىۋۇ شەھرىدىكى مەلۇم بىر تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، مەزكۇر ئورۇننىڭ مەسئۇلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بىيجىڭغا بىرىپ، بىر ئاي ئىچىدە ئالما شىركىتى سۇنغان نارازىلىق پىكىرىگە جاۋاب بىرىشكە تەييارلانغان، ئۇنىڭ ئىيتىشىچە بۇ قىتىمقى تالاش تارتىشتا غەلبە قىلىش ئىھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن.

مەزكۇر تاۋار ماركا ئورنىنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئالما شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى باشقا خەلىقئارالىق شىركەتلەر قوللانغان پۈتۈن تۈر بويىچە (جەمئىي 45تۈر) تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى قوللانماستىن، پەقەت 20نەچچە تۈرگىلا تاۋار ماركا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، بۇ 20نەچچە تۈر، مەزكۇر ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلغان 11 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەتلىك تاۋار ماركا ئىدارىسىغا رەسمىي تىزىملىتىش ئىلتىماسى سۇنغان، مەزكۇر ئىلتىماس ئەڭ ئاخىرقى ئۇقتۇرۇش مۇددىتىگە كىرگەن بولۇپ، ناۋادا بۇ ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق تەرەپ نارازىلىق بىلدۈرمىسە. ئىلتىماس قىلغۇچى IPhone ماركىسىنى دۆلىتىمىز تەۋەسى ئىچىدە قانۇنلۇق ھالدا ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتەلەيتتى. بىراق ئۇقتۇرۇش مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئالما شىركىتى بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر بىلىم مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش ئورنىغا نارازىلىق ئىلتىماسىنى ھاۋالە قىلغان.

بۇ ئىشقا نىسبەتەن گۇاڭدۇڭ داتۇڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى جۇ يوڭپىڭ قارىشىچە، يىۋۇ شەھرىدىكى سودىگەرنىڭ قىلمىشى قانۇنلۇق بولۇپ، ھېچقانداق تاۋار ماركا دەخلى تەرۈز قىلمىشىنى شەكىللەندۈرمەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى بۇ قىتىملىق تاۋار ماركا ماجراسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولسا، يەنە IPAD نىڭ تاۋار ماركا ماجىراسىغا دۇچ كىلىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا شېنجىندىكى ۋىيگۈەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگو تەۋەلىكىدە، «IPAD» ماركىسىنىڭ ئالما شىركىتىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەملىكەت مىقياسىدا يەرلىك سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى «IPAD» ماركىسىنىڭ تاۋار ماركا دەخلى تەرۈز قىلمىشىنى تەكشۈرگەن، شۇ مەزگىلدە، نۇرغۇن جايلاردا IPADلار سېتىشتىن توختىلغان.

مەزكۇر ماجىرالاردىن كېيىن، كەمىنە كۆك كەپتەر دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ تورىدىن IPAD ماركىسىنى تەكشۈردۈم، مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، 47تۈرلۈك تاۋار ماركا تۈرىنىڭ ئىچىدە پەقەت 15تۈرلا ئالما شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، قالغان 32تۈرنى شىنجىن ۋىيگۈەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق بىر نەچچە شىركەت تىزىمغا ئالدۇرغان.

Linux مۇلازىمىتىرىدە ئۇنتۇلغان MySQLنىڭ ROOT پارولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
بۈگۈن مۇلازىمىتېردا يېڭى ساندان قۇراي دەپ phpmyadmin غا كىردىم بىراق، root نىڭ پارولىنى ھىچ قىلىپ ئەسلىيەلمىدىم. سانداننى قايتا قاچىلاش مومكىن ئەمەس، چوقۇم root پارولىنى تىپىشىم كىرەك ئىدى، ساقلىغان ماتېرىياللىرىمدىكى ئۇچۇرلار كارغا كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ بىر نەچچە قۇر بۇيرۇقنى تىپىۋالدىم. Linux ۋە MySQLنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسقىسىغا ماس كىلىدىكەن.

/etc/init.d/mysql stop
mysqld_safe --user=mysql --skip-grant-tables --skip-networking & mysql -u root mysql
mysql> UPDATE user SET Password=PASSWORD('yingi_parol') where USER='root';
mysql> FLUSH PRIVILEGES;
mysql> quit
/etc/init.d/mysql restart

بۇ بۇيرۇقتا، 1. قۇردىكى بۇيرۇقنىڭ رولى: MySQL مۇلازىمىتىرىنى توختىتىش، 2. قۇر: يەرلىك ئىشلەتكۈچى ھالىتىدە MySQL مۇلازىمىتىرىگە كىرىشتىن ئىبارەت. ئۈچىنجى قۇر بولسا، SQL بۇيرۇقى بولۇپ، تىرناق ئىچىگە ئۆزىمىز بىكىتمەكچى بولغان يېڭى پارولنى يىزىپ بەرسەك بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا MySQL مۇلازىمىتىرىنى قايتا قوزغاتساقلا يېڭى پارول ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

كومپىيۇتېر ئىشلىتىپ، مۇنداق قىززىق ئىشلارنى كۆرگەنمۇ سىز؟ (1)
«مەن، ماشىنا ئادەم» دىگەن كىنو مەن ياقتۇرىدىغان كىنولارنىڭ بىرسى، بۇ كىنونىڭ ۋەقەلىكى ۋە تېخنىكىسىدىن باشقا، ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بىر جۈملە سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ، دوكتور Dr. Alfred Lanning نىڭ بىر جۈملە سۆزى «قالايمىقان كودلار بىرلىشىپ بىز ئويلاپ باقمىغان نەتىجىنى شەكىللەندۈرىدۇ.». بەلكىم بۇ سۆزنى كومپىيۇتېردا كود يېزىپ باققان ھەر قانداق ئادەم چۈشىنەلىشى مۇمكىن. چۈنكى، بىز كودنى مەلۇم بىر مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەلۇم تەرتىپتە يازىمىز، بىراق بۇ كودلارنىڭ بىز بىلىدىغان تەرتىپتىن باشقا شەكىلدە ئىجرا بولۇپ بىز ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرىشى، بۇ نەتىجىلەر گاھىدا بىزنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتەلىشى، تۇيۇقسىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن.

بۈگۈن دوستلارغا مېنى ھەيران قالدۇرغان ۋە كۈلدۈرگەن بىر نەچچە ئىشنى سۆزلەپ بىرەي، بۇ بەلكىم راست بولماسلىقى، بەزىلەرنىڭ چاقچىقى دەپ چۈشەنسەكمۇ، قالايمىقان كودلار كەلتۈرۈپ چىقارغان غەلىتە نەتىجە دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.

1. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يېزىمىزدىكى مەلۇم بىر ھۆكۈمەت ئورنىدا كومپىيۇتېردا ئارخىپ باشقۇردىغان خىزمەتنى ۋاقىتلىق ئىشلىدىم. بۇ 2003-يىللىرى، كومپيۇتېر سېستىمىسىغا WindowsMe ئىشلىتىدىغان، بارماق دىسكا ئانچە ئومۇملاشمىغان (كومپيۇتېرلارنىڭ USB ئېغىزى يوق)، كومپيۇتېرلاردا تور كارتىسى يوق، 1.4Mلىق يۇمشاق دىسكىدا ھۆججەت ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمىز ئىدى.

بىر كۈنى چۈشلۈكى، ئادەتتىكىدەكلا خىزمەت قىلىۋاتاتتىم، مەلۇم بىر كەنىت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى (كومپيۇتېر مەشغۇلات خادىمى) ئىشخانىغا مىنى ئىزدەپ كەپتۇ. (ئۇ زامانلاردا بىزنىڭ بۇ چەت يىزىدا، بىر كومپيۇتېرنىڭ كاشىلىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بالىلارنى ساناپ كەلسە، بىر قولنىڭ بارماقلىرى ئىشىپ قالاتتى.)

كومپىيۇتېردا ھۆججەت كۆچۈرگەندە، ھىلىقى ۋاراقنىڭ سول تەرەپتىن ئۇچۇپ، ئوڭ تەرەپكە چۈشىدىغانلىقىنى، بۇ سىستېما ھۆججىتىگە قىستۇرۇلغان بىر تال GIF رەسىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دىيىشىچە، ئەتتىگەن كومپىيۇتېردا بىر ئارخىپنى ئىشلەپ بولۇپ، يۇمشاق دىسكىغا كۆچۈرۈۋاتقاندا، سول تەرەپتىن بىر تال ۋاراق ئۇچۇپ ئوتتۇرغا كەلگەندە توختاپ قاپتۇ، شۇ ھامان ئوڭ تەرەپتىن يەنە بىرتال ۋاراق ئۇچۇپ چىقىپ، ئىككىسى سوقۇشۇپتۇ دە، كومپيۇتېر كۆك ئېكران بولۇپلا قىتىپ قاپتۇ.

ئاڭلاپ تۇرۇپ كەتتىم، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ چىرايىدىكى ئالاقىزادىلىككە قاراپ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. مەكتەپنىڭ 20مىڭ يۈەنلىك كومپيۇتېرى شۇنداق دەپلا بۇزۇلۇپ قالسا، ئايدا 150يۈەن مائاش ئالىدىغان (ۋاقىتلىق) ئوقۇتقۇچى، شەھەرگە رېمونتقا ئىلىپ كىرىپ رىمونىت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى ئايلىق مائاشى چىقىشمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىرىپ كومپيۇتېرنى كۆرۈپ باقتىم، ھەقىقەتەن كومپيۇتېر شۇ كۆك ئېكران ھالىتىدە قېتىپ قالغان ئىدى، قايتا قوزغىتىپ چىققان ئۇچۇردىن تەجرىبەمگە ئاساسەن، سىستېما بۇزۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم – دە قايتا سىستېما قاچىلاپ ماڭغۇزۇپ بەردىم.

كېيىن ئاڭلىسام ئۇ كومپيۇتېرنىڭ خەتلىرى پات-پات ئەينەكتە كۆرۈنگەندەك تەتۈر كۆرۈنۈپ خاپا قىلىپ، ئىلىشىپ قالغان كومپىيۇتېركەن دەپ باش مەكتەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتىمىش.

2. تور باشقۇرۇش خىزمىتى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى مۇستەقىل بىر خىزمەت بولۇپ، ئادەتتە تورداشلار، تور = كومپيۇتېر دەپلا چۈشىنىدۇ. بۇ خاتا قاراش، نېمىشقا دىسىڭىز، ھازىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى، تور بولمىسا ھېچقانداق ئىش قىلالماسلىقى مۇمكىن، بىراق تور باشقۇرغۇچىچۇ؟ بىر تور باشقۇرغۇچى كومپىيۇتېردىكى بىر تال ping بۇيرۇقىدىن باشقا ھىچنىمىگە ئىھتىياجلىق بولماسلىقى مۇمكىن. بۈگۈن ئىچكىردىكى بىر كەسىپدىشىمىز مانا مۇشۇ ping ھەققىدە ناھايىتى غەلىتە بىر ئىشقا دۇچ كەپتۇ.

ping بۇيرۇقى نەتىجىسىدە كۆرۈنگەن بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەر ئىچىدە time دەپ بىر كۆرسەتكۈچ بار بولۇپ، بۇ كۆرسەتكۈچ، مۇشۇ قىتىملىق ئۇچۇر بولىقى قارشى تەرەپكە بىرىپ، يەنە قارشى تەرەپتىن جاۋاب ئۇچۇر كەلگۈچە بولغان ۋاقىت كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ۋاقىت كۆرسەتكۈچى قانچە چوڭ چىقسا، ئىنكاس قايتۇرۇش تېزلىكىنىڭ شۇنچە ئاستا بولغانلىقىنى ياكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا بولغان توسالغۇنىڭ شۇنچە چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆرسەتكۈچ چوڭ بولۇپ كەتسىغۇ كاشىلا دەپ قاراپ ھەل قىلارمىز، بىراق بۇ كۆرسەتكۈچ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىكدەك زىيادە كىچىك بولۇپ قالسا، قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.

خاككىرلار IPhone5كە قىزىقىپ فۇشىكاڭنىڭ مۇلازىمىتىرىگە كىرگەن
دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق قاتتىق دىتال شىركىتى فۇشىكاڭ (FoxConn)نىڭ، IPad ۋە IPhone قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن ياسايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.

AppleInsider تېخنىكا بىلوگىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، Swagg دەپ ئاتىلىدىغان خاككىرلار تەشكىلاتى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ فۇشىكاڭ شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتىرىگە مۇۋاپىقىيەتلىك كىرگەنلىكى ھەمدە، مۇشۇ زاۋۇت ۋاكالىتەن مەھسۇلات ئىشلەپ بىرىدىغان خىرىدارلار ئىسمى ۋە پارولىغا ئىرىشكەنلىكى، بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئالما، مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ زاكاس تالونىنى ئويدۇرۇپ چىقارغىلى بولىدىغانلىنى ئىلان قىلغان.

Swaggنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ فۇشىكاڭ شىركىتىنىڭ ناچار خىزمەت مۇھىتىدىن (ئالدىنقى مەزگىللەردە فۇشىكاڭدا ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەرگەن بىنادىن سەكرەش ۋەقەلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئىسىدە بولسا كىرەك.) «ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى»، ھەمدە IPhone5 نىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە بولغان «ئازىراق قىزىقىش» بۇ قىتىمقى ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان، بىراق ئۇلار بۇ ھۇجۇمنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھىچقانداق توسالغۇسىزلا فۇشىكاڭنىڭ ئوتتاملىرىن ئەگىپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئىرىشكەن پاروللار ئارقىلىق ئالما، مىكروسوفت ۋە IBM شىركەتلىرىنىڭ زاكاس تالونلىرىنى ياساپ چىقالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تەشكىلات، چارشەنبە كەچتە Twitter دە سۆزلەپ، فۇشىكاڭ شىركەت تەرەپنىڭ مۇلازىمەت مەركىزى تورى Service.foxconn.com تور بىكىتىنى تاقىۋەتكەنلىكى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ بىر مۇنچە زاكاس تالونلىرىنى ياساپ بولغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

يۇقۇرقى سۈرەت بولسا، مەزكۇر خاككىرلىق تەشكىلاتى قولغا چۈشۈرگەن خىرىدار ئۇچۇرى ۋە زاكاس تالونىغا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇر بولۇپ، زاكاس بەرگۈچى ئالما شىركىتى، مەخپىيەتلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان ئالما شىركىتىنىڭ پارولنى بۇ دەرىجىدە ئاددىي بىكىتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. مۇلازىمەت مەركىزى تاقالغىنىغا قارىغاندا مەسىلە بىز ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ئىغىر بولۇشى مومكىن.

كۆك كەپتەر ئىلاۋىسى

ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرلار بىخەتەرلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنۋاتقان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا، بۇنداق چوڭ شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسىدىن (بەلكىم فۇشىكاڭدا بۇنچىلىك ئاتالغۇغا ماس كەلگۈدەك سېستىمىمۇ مەۋجۇت ئەمەستۇ.) چاتاق چىقىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالىدۇ. مىسالغا ئىيتساق، ھازىر مىھمانخانىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خىرىدارلار ئارخىپىنى كومپىيۇتېردا ساقلايدۇ. بىر مىھمانخانا ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا. بىر كومپىيۇتېر ۋە ئىشىك سېستىمىسىدىن باشقا ھىچقانداق ئەسلىھە بولماسلىقى مومكىن، بىخەتەرلىك سېستىمىسىدىن سۆز ئىچىشقۇ ئەسلا مومكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ مىھمانخانا سېستىمىسىدا سانسىزلىغان خېرىدارلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلار ساقلانغان بولىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كىتىشى، بەلكىم شۇ خىرىدار، شۇ كىملىك ئىگىسىگىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئورۇننىڭ تىجارەت ئەھۋالىغىمۇ ئويلاپ باقمىغان زىيانلارنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن. يەنە ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسى ئارقىلىق باشقۇرۇلۋاتقان يىمەك- ئىچمەك تىجارەت ئورۇنلىرى، بۇنداق ئورۇنلارنىڭ سىمسىز تورلىرى ئاساسەن مەخپىيلەشتۈرۈلمىگەن… شۇڭا ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، كارخانا ۋە تىجارەت ئورۇنلىرى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق…

يېڭى ياغاچ ئات Trojan_Sojax توردا پەيدا بولدى
شىنخۇا ئاگىنىتلىقى مۇخبىرى جاڭ جىيەنشىننىڭ 12-فىۋرال تىئەنجىندىن ئەۋەتكەن تىلگىراممىسىغا ئاساسلانغاندا، يىقىندا دۆلەتلىك كومپىيۇتېر ۋىرۇسى جىددى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ئىنتىرنېت ئالاقە تورىنى تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، يىڭى تىپتىكى ياغاچ ئات (تىروجان) پىروگراممىسى Trojan_Sojax توردا پەيدا بولغان.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايانىچە، بۇ بىرخىل يامان نىيەتلىك قوليازما پىروگراممىسى بولۇپ، ئادەتتە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان PDF ھۆججەت (ئىلكىتاب ھۆججىتى) ۋە DOC ھۆججىتى (Word ھۆججىتى)نى كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا تارقىتۋىتىدىكەن، ھەمدە كومپىيۇتېر مەشخۇلات سېستىمىسىغا يۇقۇپ، تور، ئىجرا بولۋاتقان پىروگراممىلار ۋە ھۆججەت تىزىملىكى ھەمدە سىستېما سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلايدىكەن.

ۋىرۇس ئىجرا بولغاندىن كىيىن، ۋىرۇس ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ھالدا مەشغۇلات سىستېمىسى مۇندەرىجىسىگە تاشلاپ، توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئالاقە تورى ئارقىلىق ۋىرۇس تارقاتقۇچىنىڭ كومپيۇتېرى ياكى مەركىزى مۇلازىمىتېرغا يوللاپ بىرىدىكەن. ئۇ يەنە مەركىزى مۇلازىمىتېرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۈرلۈك بۇيرۇق كۆرسەتمىلەرنى (ھۆججەت يوللاش. چۈشۈرۈش، كونترول قىلىش دىگەندەك) ئىجرا قىلالايدىكەن.

مۇتەخەسىسلەر كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ۋىرۇسخور ۋە نازارەت پىروگراممىسىنى ۋاقتىدا يىڭىلاپ، ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

كۆك كەپتەر كۆرسەتمىسى

يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ خارەكتىرى بۇزغۇنچىلىق بولماستىن بەلكىم جاسوسلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاساسلىقى ماتېريال ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋە كونترول قىلىش بولۇپ، ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇ سانلىق مەلۇمات توپلاشتىن ئىبارەت. شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى سىزنىڭ خۇسۇسىي سىرلىرىڭىزنىڭ ئىچۋىتىلگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.

شۇڭا كەمىنە كۆك كەپتەر، ئېلكىتاب ھۆججەتلىرى ۋە word ھۆججەتلىرىنى ئاچقاندا ئىھتياتچان بولۇشىڭىزنى، ناتونۇش يوللانما ۋە تور بېكەتلىرىدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، «ئوتتام» قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشمۇ ياخشى چارە، شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كىرەككى، ۋىرۇسخور بىلەن ئوتتامنىڭ رولى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ۋىرۇسخور پەقەت ھۆججەتنى نازارەت قىلىدۇ، ئوتتام بولسا، تورنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ. شۇڭا ئىشەنچىلىك ئوتتام پىروگراممىلىرىنى قاچىلاپ، تورنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئوتتام پىروگراممىلىرىدىن 天网防火墙 بولۇپ، ئاق، قارا تىزىملىكلەر سىزگە بىخەتەر تور مۇھىتى ھازىرلاپ بىرەلەيدۇ.

كۆك كەپتەرنىڭ WordPressنى ئاپتوماتىك زاپاسلاش ھۈنىرى
ئەلقىسە… مىلادى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:55مىنۇت ئۆتكەندە، بىلوگىرلار QQ توپىدا جەڭگىۋار بىلوگ يازغۇچىمىز، ماھىر WordPress تېخنىكى ئۇيغۇربەگنىڭ ھەسرەتلىك نالە ئاۋازى ئاڭلاندى! – Help, ساندان ۋەيران بوپتۇ!!!- مانا شۇ مىنۇتتىن باشلاپ، ئۇدا ئىككى يىل «ئۇيغۇرلاردىكى 10چوڭ بىلوگ» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپ كېلۋاتقان ئۇيغۇربەگ بىلوگى ئارىمىزدىن ئۈن تىنسىز غايىب بولغان ئىدى…

ناھايەت… يولداش ئۇيغۇربەگنىڭ 10نەچچە كۈنلۈك جاپالىق تىرىشچانلىقى، تەدبىركار ۋە قۇتبىلىك قاتارلىق كونا بىلوگىرلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە سەمىمىي ياردىمى، باشقا بىلوگىلارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، بۈگۈن ئۇيغۇربەگ بىلوگى، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى نادىر يازمىلىرىنى ئىلىپ يەنە ئارىمىزغا قايتىپ كەلدى.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇربەگ بىلوگىنىڭ قايتىپ كىلىشى خوشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ، يولداش ئۇيغۇربەگدەك بىلوگ تېخنىكىسىدا مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن بىر بىلوگىرنىڭ ئەجەللىك خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىغا نىسبەتەن، باشقا بىلوگىرلارنىڭ قەلبىدە نارازىلىق تۇمانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بىز بۇ يەردە يولداش ئۇيغۇربەگنى ۋە ئۇيغۇربەگكە ئوخشاش خاتالىقلارنى سادىر قىلۋاتقان باشقا بىلوگىلارنىمۇ كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. بىر زامانلاردا توردا بىر پاراڭلىرىمىز بار ئىدى – «يازما ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سىزگە تەۋە بولسا، ئىلان قىلىنىغاندىن كىيىن كۆپچىلىككە تەئەللۇق، سىزنىڭ قالايمىقان ئۆزگەرتىش ۋە يوقىتىۋېتىش ھوقۇقىڭىز يوق!»- بۇ تىپىك مۇنبەر پاراڭلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئەلۋەتتە، «جان كەتسە كەتسۇن، ئىلھام كەتمىسۇن» دەپ قويىمىز، مىڭ بىر جاپادا يازغان يازمىلار يوقاپ كەتسە، ئەلۋەتتە ئەلەم بولىدۇ-دە، ئۇيغۇربەگكىمۇ ئاسان ئەمەس.

مەزكۇر يازما، يولداش ئۇيغۇربەگ ۋە ئۇيغۇربەگلەر سادىر قىلىپ تۇرىدىغان ئورتاق خاتالىق «سانداننى قەرەللىك زاپاسلىماسلىق» قىلمىشىغا قارىتا يىزىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سىز مەيلى قانچىلىك ھۇرۇن بولۇپ كەتمەڭ، WordPress سىزنى ئەيىپلىمەيدۇ، ئەكسىچە سىزگە ۋاكالىتەن بارلىق زاپاسلاش خىزمەتلەرنى ئاپتوماتىك تاماملاپ بىرىدۇ، مەسىلە سىزنىڭ شۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكىڭىزدە.

نۇرغۇن يازارمەنلەرنىڭ ئالقشىغا ئىرىشكەن خەلقئارادا داڭقى بار مەزكۇر بىلوگ سۇپىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاپتوماتىك ئىش بىجىرىش قىستۇرمىلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىزغىن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر قىستۇرمىسى بار، ئۇ بولسىمۇ كەمىنە كۆك كەپتەر تەۋسىيە قىلماقچى بولغان BackWPup قىستۇرمىسىدىن ئىبارەت.

مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ باشقا قىستۇرمىلاردىن ئارتۇق تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدىغان تەرەپلىرى شۇكى، بۇ قىستۇرما سىزنىڭ ساندانىڭىزنى زاپاسلاپلا قالماي، سىزنىڭ بىلوگ بوشلۇقىڭىزدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى قوشۇپ زاپاسلاپ، سىز ئالدىن بەلگىلىگەن ئېلخەت، FTP بوشلۇقى، كومپيۇتېرنىڭ مەلۇم رايونى ياكى Microsoftنىڭ زاپاسلاش مۇلازىمىتىگە ئاپتوماتىك يوللاپ بىرىدۇ، بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ تەڭشەپ قويغاندىن كېيىن، سىز پەقەت يازما يىزىشنى بىلسىڭىزلا بولدى، ساندان ۋە ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ قىستۇرمىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى

WordPressنىڭ ئارقا سۇپا تىزىملىكىدە «قىستۇرما»نىڭ ئىچىدىن «يېڭىدىن قوشۇش»نى باسىمىز.

قىستۇرمىلارنى ئىزدەش كۆزنىكىدە قىستۇرما ئىسمى BackWPup نى كىرگۈزۈپ ئىزدەيمىز.

ئىزدەپ تاپقان قىستۇرمىلارنىڭ ئارىسىدىن BackWPup نى تېپىپ قاچىلاش بۇيرۇقىنى بىرىمىز. قىستۇرمىنىڭ سىغىمى ناھايىتى كىچىك بولۇپ تىزلا چۈشۈرۈپ بولىدۇ ۋە قاچىلاش تاماملىنىدۇ.

WordPressنىڭ ئارقا سۇپا تىزىملىكىگە قارىساق، BackWPup تىزىملىكىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بايقايمىز. (ناۋادا تاپالمىسىڭىز، قىستۇرما قاچىلانماپتۇ، باشتىن كېلىڭ.) قىستۇرما تىزىملىكىگە كىرىپ،«يېڭىدىن قۇرۇش Add New» بۇيرۇقىنى بىرىمىز.

كۆز ئالدىمىزغا نامايان بولغىنى، قىستۇرمىنىڭ ئىقتىدارلىرى بولۇپ، بىزگە كېرەكلىك ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. بەلگە قويۇلغان بۆلەكلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى تۆۋەندىكىچە:

1. ۋەزىپە ئىسمى (ئىنگىلىزچە ياكى ULY دا بولسۇن، بولمىسا خاتالىق كىلىپ چىقىدۇ.)

2. سانداندىكى زاپاسلىنىدىغان جەدۋەللەر (بىزنىڭ ئۇچۇرلىرىمىز شۇ، ھەممىسىگە بەلگە قويۇڭ.)

3. زاپاسلىنىغان ھۆججەتلەر (Exclude نىڭ ئاستىدىكى تۈرلەرگە بەلگە قويساق، شۇ تۈرنىڭ زاپاسلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە بىز Blog Uploads ئاستىدىكى تۈرلەرنى زاپاسلىغان بولدى، باشقا قىستۇرما ياكى ئۇسلۇبلارنى ئۆزىڭىز ئىھتىياجغا ئاساسەن تاللاڭ.)

4. زاپاسلاش تۈرلىرى (ساندان ۋە ھۆججەتلەرنىڭ زاپاسلىنىغان ياكى زاپاسلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەن ئادەتتە XML، ساندان ۋە ھۆججەتلەرنى بىللە زاپاسلايمەن. 3. بۆلەكنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش بولماسلىقى مۇشۇ يەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.)

5. ۋەزىپىنىڭ تەكرارلىنىش ۋاقتى (بۇنى ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن بىكىتسىڭىز بولىدۇ، مەن ئادەتتە كۈندە بىر قىتىم زاپاسلاشقا بۇيرۇق بىرىمەن. كۈندە بىر يازما يازالمىساقمۇ، تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىمۇ بار ئەمەسمۇ.)

6. زاپاسلانغان ھۆججەتنى تاپشۇرۋالىدىغان ئادرېس (بارلىق زاپاسلانغان ئۇچۇرلىرىڭىز مۇشۇ ئېلخەتتە ساقلىنىدۇ. ئىشلەتكەن ئېلخەتنىڭ قوبۇل قىلالايدىغان يەككە ھۆججەت سىغىمىنى چوڭ ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك. ئادەتتە كۆپ قىسىم ئېلخەتلەر 20M دىن چوڭ يەككە ھۆججەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. مەن ئادەتتە QQنىڭكىنى ئىشلىتىمەن.)

7. ھۆججەتنى تاپشۇرۇۋالىدىغان FTP بوشلۇقى. (ناۋادا سىزدە ئىشەنچىلىك FTP بوشلۇقى بولسا شۇ يەرگىمۇ تەڭ يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.)

يۇقۇرقى تەڭشەكلەر تاماملانغاندىن كىيىن، BackWPup تىزىملىكىدىن «Jobs» تۈرىگە كىرسەك، بىر قۇرغان ۋەزىپىنىڭ تەپسىلاتى، زاپاسلانماقچى بولغان ھۆججەتلەرنىڭ چوڭلۇقى كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىن «Run Now»نى باسساق، ۋەزىپە شۇ ھامان ئىجرا بولىدۇ-دە تەڭشەش ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

1. ھۆججەت تاپشۇرۋالغۇچى ئېلخەت ساندۇقى بىرىنجى قىتىم تاپشۇرۋالغاندا مەزكۇر يوللانمىنى ئەخلەت دەپ بىر تەرەپ قىلىۋىتىشى مۇمكىن، چوقۇم بىر قېتىم «ئەخلەت ئەمەس» دەپ تاللاپ قويۇڭ.

2. ئېلخەت ساندۇقىڭىزنىڭ پارول بىخەتەرلىكىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىڭ.

3. بىلوگ قويۇلغان مۇلازىمىتىرىڭىزنىڭ ئېلخەت ئەۋەتەلەيدىغانلىقى (يەنى ‎php()mail‎ فونكىسىيېسىنى قوللايدىغانلىقى)نى جەزىملەشتۈرۈڭ. بۇنى مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچىلار ھەل قىلىدۇ. قىلالمىسا، كەمىنە كۆك كەپتەرنىڭ «Ubuntu مۇلازىمىتىرىنىڭ ئېلخەت ئەۋەتەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» دىگەن يازمىسىنى ئوقۇسۇن، ناۋادا پەقەت ئامال بولمىسا، BackWPup سىزگە يەنە بىرخىل ئېلخەت ئەۋەتىش ئىقتىدارى يەنى SMTP ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدۇ.

SMTP تەڭشەشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز، كەمىنە كۆك كەپتەردىن ياردەم سورىسڭىز بولىدۇ.

خاتىمە

ھېچقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ مىڭ بىر جاپادا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمگەك مىۋىسىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچىلاردا «ساندان ئالتۇندىن قىممەت» دەيدىغان گەپ بار، ئادەتتە ھېچقانداق مۇلازىمىتېر سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى، سىز يۈتتۈرۋەتسىڭىزمۇ، مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچى يۈتتۈرۋەتمەيدۇ، بىراق سىز كەسىپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن مۇلازىمىتېر ياكى بوشلۇق سودىگىرىگە ئۇچىراپ قالسىڭىز، ئۇيغۇربەگدەك كىلىشمەسلىك چىقسا، ئاھ ئۇرۇپ قالىدىغان گەپ، ئۆزىمىزنىڭ مۈلۈكىنى ئۆزىمىز ياخشى ساقلىمىساق، خەق ھەرگىز ساقلاپ بەرمەيدۇ، شۇڭا بارلىق بىلوگىرلارنىڭ ئۇيغۇربەگ ۋەقەسىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇچۇرلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Ubuntu مۇلازىمىتىرىنىڭ ئېلخەت ئەۋەتەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
يىقىندا مۇلازىمىتېرنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى تەكشۈرۋىتىپ، تۇيۇقسىز مۇلازىمىتېر سېستىمىسىنىڭ، سېستىما مەشخۇلات خاتىرىسى ۋە سېستىما ھالەت خاتىرىلىرىنى يوللاپ بىرىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىغىنى WordPress قاتارلىق تور پىروگراممىلىرىنىڭمۇ ئېلخەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم.

ئادەتتە مۇلازىمىتېردىكى ھەر قايسى بۆلەكلەر، مەسىلەن: Apache, FTP, VPN ۋە ساندان مۇلازىمەتلىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكىلات بىرىپ تۇرىدۇ، كاشىلا كۆرۈلگەندە تور باشقۇرغۇچىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، قىسقىسى بۇ مۇلازىمىتېر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىقتىدار ھىسابلىنىدۇ.

مۇلازىمىتېرنىڭ ئېلخەت ئەۋەتىشىدە ئىشلىتىدىغان بۆلەك بولسا sendmail قىستۇرمىسى بولۇپ، ئادەتتە SMTP مۇلازىمىتىرى قۇرۇلمىغان ئەھۋالدا مۇلازىمىتېر مۇشۇ ئىقتىدار ئارقىلىق بىزگە ئېلخەت يوللايدۇ. مۇلازىمىتېرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇ قىستۇرمىنىڭ قاچىلانمىغانلىقىنى بايقىدىم ۋە تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلاپ قويدۇم.

sudo apt-get install sendmail-bin
sudo apt-get install sendmail-cf

شۇنىڭ بىلەن مەسىلە ھەل بولدى.

4Gكۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە
كەپتەرخانىدىكى پىشقەدەم كەپتەرلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۋىتىپ، ئىككى يىل بۇرۇنقى دەل مۇشۇ كۈندە ئۇچۇرما بولغان بىر كەپتەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. مانا شۇنىڭ تۈرىتكىسىدە ئاشۇ كەپتەرنىڭ ئاكىسىنى بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە قويۇپ بىرىشنى توغرا تاپتىم.

ئىككى يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكسىىدىن بىرى بولغان «3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە» دىگەن نامدا بىر يازما يازغان ئىدىم. ئاشۇ 3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىن بەھىرلىنىپ يۈرگەن ئىككى يىل ئىچىدە، دۆلىتىمزنىڭ كاتتا مەرىكىلىرىدىن «شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى» ۋە «جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈلدى، ئەلۋەتتە دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكىلار قاتارىدا «4G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكسىى» دەيدىغان ئاتالغۇلارمۇ پەيدا بولدى. كەمىنە ئالاقە تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا زىيادە قىزىققىنىم تۈپەيلى بۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىشكە مۇۋەپپىق بولدۇم، نۆۋەتتە بۇ تېخنىكىدىن بەھىرلىنىشكە شارائىت يار بەرمىگەن بولسىمۇ، چۈشەنچەم ئاساسىدا كۆپچىلىككە بىر يازما سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.

4G دىگەن زادى نىمە؟

4G دىگىنىمىز، تۆتىنجى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى بولۇپ، 3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە WLAN سىمسىز قىسمى تور تېخنىكىسىنىڭ بىرىكىشى نەتىجىسىدە يۇقۇرى سۈپەت ۋە يۇقۇرى ئىنقلىقتىكى سۈرەتلەرنى يوللاش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. 4G تېخنىكىسى ئىشلەتكۈچىلەرنى نۇمۇر بۇراپ تورغا چىقىش تېخنىكىسىدىن 2000ھەسسە تىز بولغان 100Mbps لىق چۈشۈرۈش ۋە 20Mbps لىق يوللاش تۋخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا 4G تېخنىكىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىمسىز توردىكى بارلىق ھاجەتلىرىدىن چىقالايدۇ دىگەن سۆز.

ئەلۋەتتە، ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان باھا مەسىلىسىدە 4G مۇلازىمىتى بىلەن سىملىق كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ باھاسىنىڭ كۆپ پەرىقلەنمەيدىغانلىقى بايان قىلىندى. 4G مۇلازىمىتىنى DSL ياكى سىملىق تىلىۋىزىيە تورى قاپلانمىغان رايونىلارغىمۇ كىڭەيتىشكە بولىدىغان بولۇپ، تورنىڭ قاپلىنىشى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىرىشەلەيدۇ.

نۆۋەتتە دۇنيادا يولغا قويۇلۋاتقان 4G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىن Long-Term Evolution يەنى (LTE) تېخنىكىسى، HSPA+ ۋە WiMax تېخنىكىسى بار بولۇپ، بىز بۇ ئۈچ تېخنىكىنىڭ تەپسىلىي تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرىگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمىز. ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا WiMax تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كىلىشى بىر قەدەر بالدۇر بولۇپ، بەزى رايونلاردا خۇددى WCDMA تېخنىكىسىدەكلا ئالقىشقا ئىرىشكەن. كەمىنە كۆك كەپتەرمۇ بۇ تېخنىكا ھەققىدە ئانچە مۇنچە ماتېرياللارنى كۆرگەن ئىدىم. بىراق IBM نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشچە %67 تور كارخانىسى LTE تېخنىكىسىنى تاللاشنى ئويلاشقان بولۇپ، بۇ LTE تېخنىكىسىنىڭ نۇرغۇن ئىلغار تەرەپلىرىگە چىتىلىدىكەن، پەقەت %8 تور كارخانىسىلا WiMAX تېخنىكىسىنى تاللىغان، بۇنداق بولۇشى بەلكىم بۇ تېخنىكا ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئەڭ تىز سۈرئەتلىك تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلاشقان بولۇشى مومكىن. بىراق بىر ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاللايدىغىنىمىز ئەلۋەتتە تىز بولۇپلا قالماي يەنە مۇقىم بولغان تور مۇلازىمىتىدۇر.

خۇددى رايونىمىزدايولغا قويۇلۋاتقان WCDMA مۇلازىمىتىدە خېرىدارلار 21M لىق تور سۈرئېتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسلىدىكى پىشىپ يىتىلگەن CDMA مۇلازىمىتى ئاساسىدىكى 3G مۇلازىمىتىنىڭ يەنىلا ئالقىشقا ئىرىشۋاتقانلىقى بۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بىرەلىشى مومكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزمۇ LTE تېخنىكىسى ئاساسىدىكى TD-LTE تېخنىكىسىنى تاللىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا ھازىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدا تەتقىق قىلىنۋاتىدۇ، دىمەك بىزنىڭ ئالدى بىلەن ئۇچىرىشىدىغىنىمىز TD-LTE تېخنىكىسى بولىدىغانلىقى تەبىيلا…

پىقىرنىڭ قولىدىكى تېخنىكىلىق ماتېرياللاردا بۇ تېخنىكا ھەققىدە نۇرغۇنلىغان بايانلار بار بولسىمۇ، شارائىت چەكلىمىلىكى تۈپەيلى بۇ تېخنىكا بىلەن ئۇچىرىشىشقا ھازىرچە ئامالسىز، شۇڭا بىۋاستە تەسىراتقا ئىرىشمەي تۇرۇپ كۆپ سۆزلەشنى لايىق تاپمىدىم. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆز ئالدىمىزدىكى تور تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا بىزنى ئىنتايىن مەمنۇن بولغۇدەك تور سۈرئېتى ۋە قولايلىق مۇلازىمەتلەرگە ئىرىشتۈرىدىغانلىقى ئىنىق.

Android دىگەننى ئەسلى ‎Ubuntu(Linux)‎ مۇھىتىدا ئوينايدىكەنمىز ئەمەسما!
ۋاي ئىسىت Android بىلەن تىغمۇ تىغ ئىلىشىپ، 150 دىن ئارتۇق rom دىكى libskia.so نى ئالماشتۇرىمەن دەپ يانفون سېستىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم! ئەسلى Android دىگەننى Ubuntu دا ئوينايدىغان ئىشكەن ئەمەسما!

ماندا گەپ: recovery نىڭ Share System دەيدىغان بىر ئىقتىدارى باركەنتۇق، USB سىمنى چېتىپ قويۇپ، Share System نى باسسام، «كومپىيۇتېرىم» دا USB  ساقلىغۇچتىن بىرسى پەيدا بولدى، ئاچسام ئېچىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ھۆججەت شەكلىگە قارىسام، RAW ئىكەن، Windows ئەلۋەتتە RAW ھۆججەت سېستىمىسىنى باشقۇرالمايدۇ دە! شۇنىڭ بىلەن Vmware دىكى Ubtuntu نى قوزغىتىپ قارىسام، ئاۋۇ USB ساقلىغۇچنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە كۆرۈنۈپتۇ. بۇنداق كۆرۈنىدىغان ئىش بولسا،  Libskia.so ياكى باشقا ھۆججەتلەرنى مۇشۇ يەردىلا ئالماشتۇرۇپ، ھوقوقنىمۇ مۇشۇ يەردىلا بىرىپ، يانفون كىسەك بولۇپ قالسا، مۇشۇ يەردىلا ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويساق، يانفونغا قايتا سېستىما قاچىلىغىلى سالمايدۇ- ئەمەسمۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، Andorid ئۆزىمۇ Linux ئاساسىدىكى سېستىما بولغاچقا، بۇنىڭغا بولغان نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى Linux ئاساسىدىكى سېستىمىلاردا ئىلىپ بارساق، نۇرغۇن ئىشلار قولايلىشىدۇ، نۇرغۇن ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ دىگەن گەپ.

Windows مەشخۇلات سېستىمىسى FAT تۈرىدىكى ھۆججەت سېستىمىلىرى، NTFS ۋە CDFS نىلا ئوقۇيالايدۇ ۋە باشقۇرالايدۇ. بىراق Linux تۈرىدىكى مەشخۇلات سېستىمىلىرى بولسا، ھازىرغىچە بىز ئاڭلىغان ھۆججەت سېستىمىلىرىغا كۈچى يىتىدۇ. دىمەك، RAW مۇ شۇ قاتاردا بولغان دىگەن سۆز. بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، Ubuntu لا ئەمەس باشقىلىرىدىمۇ بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھۆججەتلەرنى مۇشۇ يەردىلا ئالماشتۇرۇپ، قوزغالمىسا، يەنە مۇشۇ يەردىلا ئەسلىگە قايتۇرۇپ قىلالايمىز ئەمەسمۇ.

بەلكىم، سىز يانفونىڭىزدىكى Recovery دىن Share System بۇيرۇقىنى تاپالمىغان بولۇشىڭىز مومكىن، ئۇنداقتا يانفونىڭىزدا Root ھوقوقىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا تەمىنلەنگەن ئۈچىنجى تەرەپ Recovery نى قاچىلاڭ. شۇندىلا Share System نى كۆرەلەيسىز.

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

Android قا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم
ئۇھ… تالاي قىتىملىق سىناشلار، تالاي قىتىم مەغلۇب بولۇش، تالاي قىتىم قايتا سېستىما يىزىش… مانا مۇشۇنداق «تالاي»لار نەتىجىسىدە ماۋۇ يانفون ئۇيغۇرچىنى ئاخىرى نورمال دىگۈدەك تونىدى…

تورداشلارنىڭ يادىدا بولسا كىرەك، ئالدىنقى مەزگىللەردە كەمىنە كۆك كەپتەر جۇڭگو نۇسقىسىدىكى Andorid سېستىمىلىق يانفون motorola me525 بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن ئىدىم، يانفوندا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا Firefox جاھاننامىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى ناھايىتى نورمال زىيارەت قىلغان، ھەرىپلەر شۇنداق نورمال ئىدى. بىراق يانفوندا ئۇيغۇرچىنى تولۇق ئىشلىتىش، ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يىزىش، ھەتتا يانفوننىڭ تىلىنى تولۇق ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىش خىيالى پەقەتلا ئارام بەرمەيۋاتاتتى.

سىز بەلكىم، me525/mb525/defy يانفونلارنىڭ ئۇيغۇرچە سېستىمىسى تارقىتىلدىغۇ؟ دىيىشڭىز مومكىن، توغرا! بىراق يانفونغا قالايمىقان سېستىما قاچىلاش، يانفون سېستىمىسىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا يانفوننىڭ كىيىنكى سۈپەت كاپالىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىشى تۇرغانلا گەپ، بولۇپمۇ جوڭگۇ نۇسقىسىدىكى يانفونلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق.

مانا مۇشۇ مەسىلىلەر تۈپەيلى، ئەسلىدىكى جوڭگۇ نۇسقىسىدىكى سېستىمىنى بۇزۋەتمىگەن ئاساستا ئۇيغۇرچىنى ياخشى تونۇتۇش بىر مەسىلە ھەم زادى ھەل قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈتكەن بىر مەسىلە ئىدى.

جۇڭگو نۇسقىسىدىكى me525 دا ئەسلى چىققان سېستىمىسى Android 2.2.2 بولۇپ، سېستىمىدا باشقا مەسىلىمۇ يوق ئىدى بولمىسا، بىراق بۇ يانفون سېستىمىسىنىڭ 2.3.4 نۇسقىسى چىققانلىقىنى ئاڭلاپ يىزىپ باققۇم كەلدى توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بىر سېستىما ھۆججىتىنى تاپتىم. motorola يانفونلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى سېستىما ھۆججىتى rom شەكىلدە تەمىنلەنمەستىن بەلكى تەگ بولاق (底包) شەكىلدە تەمىنلىنىدىغان sbf ھۆججەتتىن ئىبارەت. شۇڭا بۇنى قاچىلاشتىن بۇرۇن زادى قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مەيلى دەپ قاچىلاپ باقسام، سېستىما نەشىرى 2.3.4 غا كۆتۈرۈلدى بىراق me525 تىپلىق يانفون me525+ غا ئۆزگىرىپ قالدى. مەيلىلا دەۋەتتىم ئىشقىلىپ نىمىلا بولسۇن MB غا ئۆزگىرىپ قالمىسىلا شىركەت تەرەپ سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە بولىۋىرەتتى، پەقەت بولمىسا، بۇنى يەنە يانفوننىڭ ئەسلى 2.2.2 نەشىردىكى سېستىمىغا ياندۇرغىلى بولاتتى. (بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى: جۇڭگو نۇسقىسىدىكى يانفون (国行 ياكى 行货) غا چەتئەل نۇسقىسىدىكى يانفون (水货) نىڭ سېستىمىسىنى قاچىلاشقا بولمايدۇ، ناۋادا قاچىلانسا سۈپەت كاپالىتى ئەمەلدىن قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېستىمىنى ئەسلى ھالەتكە قايتۇرۇشمۇ تەس.)

مانا شۇنداق ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، يانفون ئاخىرىنى سېستىمىسى جۇڭگو نەشىرىدىكى سېستىما پىتى، ئۇيغۇرچىنى نورمال دىگۈدەك تونۇيدىغان ھالغا كەلدى. ناۋادا قىزىقسىڭىز بۇ كۆرەشنىڭ جەريانى نەزىرىڭىزدە بولسۇن. ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مەشخۇلاتىدىن ئاۋۋال قىلىدىغان ئىككى ئىش بار، يەنى يانفوننىڭ root ھوقوقىغا ئىرىشىش ۋە Root Explorer نى قاچىلاش، مېنىڭچە بۇنىڭ سۆزلىگىدەك ھىچقانداق يىرى قالمىدىغۇ دەيمەن. (بۇ يەردە سىناق جەريانىنى يىزىپ ئولتۇرماي، ئاخىرقى جەزىملەشكەن ھالەتنىلا يازىدىم.    )

(دىققەت: تۆۋەندىكى مەشخۇلاتلارنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك مەشخۇلاتلار بولۇپ، يانفونىڭىزنى كىسەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مومكىن. شۇڭا مەشخۇلات قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ياخشى ئويلىشىڭ، زادى مەشخۇلات قىلىمەن دىسڭىز، سېستىمىنى زاپاسلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!)

مانا بۇ يانفونۇمنىڭ ئۇيغۇرچىغا نىسبەتەن ھىچقانداق تونۇتۇش ئىلىپ بارمىغان ھالىتى، سېستىما يۈزىدىكى ھەرىپلەرنىڭ (خەت دىيىشكە پەقەت تىلىم بارمىدى.) ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ناچار، شۇڭا بۇ يەردە چىقىرىشتىن نۇمۇس قىلدىم.     سېستىما 2.3.4 ھالەتتە:

ئالدى بىلەن فونت قاچىلاشتىن باشلاندى. قايتا- قايتا سىناقلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشتا لازىم بولىدىغان فونتنىڭ DroidSansArabic.ttf ناملىق فونت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن نەلەردىندۇر تىپىۋالغان 1.11MB چوڭلۇقتىكى بىر فونتنى قاچىلىدىم، فونتنى قاچىلىغاندىن كىيىنكى نەتىجە تۆۋەندىكىدەك:

ھازىر فونتلا ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخى باشقا ھۆججەتلەر ئالماشتۇرۇلمىغان ئىدى. ئەمدى باشقا ھۆججەت ئالماشتۇرۇش باشلاندى. دەسلەپتە libskia.so ناملىق ھۆججەتنى ئالماشتۇردۇم. ئەھۋالدا خېلى ياخشىلىنىش بولغاندەك قىلىدۇ.

قارىماققا سېستىما بۆلەكلىرى (قىسقا ئۇچۇر)نىڭ ھالىتى كۆپ تۈزىلىپ كەتكەندەك ئىدى. بىراق تور بىكەتنىڭ ئەھۋالىدىن پەقەتلا رازى بولمىدىم. يەنە داۋاملىق ئالماشتۇرۇش، بۇدا ئەمدى libwebcore.so ھۆججېتى ئالماشتۇرۇلدى.

libwebcore.so ئالماشتۇرۇلغاندىن كىيىن، سېستىما بۆلىكىنىڭ ئەھۋالىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بىراق تور بىكەتنىڭ ھالىتى كۆپ ياخشىلانغان. ئۈستىدىكى رەسىمدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلانمىغان ھەرىپلەر يوق، پەقەت «ۆ» ھەرىپىلا نورمال كۆرۈنمىگەن بۇ ئىنىقلا فونتنىڭ كەمچىلىكى ئەمەسمۇ. ئەمدى فونت ئالماشتۇراي، فونت ئىزدەپ قارىسام، كومپىيۇتېرىمدا قايسى كۈنى Android 2.3 سېستىمىلىق Sony WT19i يانفوندىن چىقىرۋالغان 171.40kb چوڭلۇقتىكى DroidSansArabic.ttf فونتى ئۇچىراپ قالدى. (كاساپەت! زاۋۇتتىن چىقىشتىلا ئۇيغۇرچىنى شۇنداق چىرايلىق تونۇغان ئىكەن.) شۇنى ئالماشتۇردۇم.

ئۇھ! ئاخىرى تور بىكەت نورماللاشتى، بىراق قىسقا ئۇچۇرنى كۆرسەم فونتتا ئۆزگىرىش بولغان بىلەن، خەتنىڭ ئۇلىنىشىدا يەنىلا ئۆزگىرىش يوق ئىدى. بىراق ماۋۇ فونت كۆزۈمگە يەنە بىرخىل كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن www.alip.biz دىن 161kb چوڭلۇقتىكى ukij tuz tom دىن ئۆزگەرتىلگەن DroidSansArabic.ttf نى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم.

ئوھوي! ئەمدى ماۋۇ بىر ئۇيغۇرنىڭ يانفونىغا ئوخشىغاندەك قىلامدۇ نىمە.

بىراق قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئەھۋالى يەنىلا باشتىكىدەك، نىمىلا بولمىسۇن، دەسلەپتىكى ھالەتتىن خىلىلا ياخشىلانغان ئىدى. بىراق يەنىلا شۇ «ە، ى» ھەرىپلىرى نورمال ئۇلانمىغان.

كۆك كەپتەرنىڭ تەھلىلى ۋەل ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر:

1. نۇرغۇن تور بىكەتلەردە libicuuc.so نى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە بايانلار بولۇپ، مەن بۇ يانفوندا قايسىسىنىلا ئالماشتۇرسام يەنىلا ئوخشاش ھالەت، قىسقىسى بۇ ھۆججەت ھىچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىپ بىرەلمىدى ياكى مەن بايقىماي قالدىم.

2. بۇ يازمىدا كۆرسىتىلگەن libskia.so بىلەن libwebcore.so نى ئايرىم ئايرىم ئالماشتۇرغاندىكى ئەھۋال بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئالدىنقى ھۆججەت سېستىما بۆلەكلىرىگە (قىسقا ئۇچۇر، تېكىسىت ھۆججەت مەزمۇنى قاتارلىقلار) تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تور بىكەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولمىغان (بىراق يەنىلا ئازراق تەسىر كۆرسىتەلىگەن.) كىيىنكى ھۆججەتنى ئالماشتۇرغاندى كىيىن تور بىكەتنىڭ ھالىتى بىراقلا ياخشىلانغان. ئىشلەتكەن جاھاننامە سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن جاھاننامە ئىدى.

3. نىمىشقا ھەرخىل نەشىردىكى سېستىمىدا چىققان ھۆججەتلەرنىڭ رولى ئوخشىمايدۇ؟ بەزى يانفونلاردا libicuuc بىلەنلا مەسىلە ھەل بولغان بولسا، motorola نىڭ يانفونىدا libskia ۋە libwebcore ھۆججىتى ئىشلىتىلگەن، يەنە كىلىپ ئىككىسىنىڭ تەسىرى ئوخشاش بولمىغان.

4. ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟ نىمىشقا سېستىما نەشىرىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ؟ ھۆججەتلەرنىڭ ئايرىم نەشىرى بولامدىغاندۇ ياكى باشقا سەۋەبمىدۇ؟ مەن بۇ ئىككى ھۆججەتنى motorola mb525 نىڭ 2.2 نەشىردىكى ئەرەپچە سېستىمىسىدىنمۇ ئالدىم، cm سېستىمىنىڭ 4.0 نەشىرىدىنمۇ ئالدىم، نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى يانفوننى كىسەككە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھازىر ئىشلەتكەن ھۆججەتنى قۇتبىلىك ئەپەندىمنىڭ توپىدىن چۈشۈرۋالغان ئىدىم، بۇ ھۆججەتلەرنى زادى قانداق پەرىقلەندۈرۈش كىرەك؟

Windows2003 مۇھىتىدا VPNمۇلازىمىتىرى قۇرۇش
ئالدىنقى قىتىم VPN ھەققىدە يازما يوللانغاندىن كىيىن، نۇرغۇن تورداشلار، ئېلخەت ۋە QQ لاردا بۇ ھەقتە بەك كۆپ سۇئاللارنى سوراپ كەتتى. مانا بۈگۈن سەل ۋاقىت چىقىپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە بىر يازما يىزىشنى لايىق تاپتىم.

بۇ يازمىمىزدا Windows مۇھىتىدا قۇرۇلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان PPTP VPN مۇلازىمىتىرى قۇرۇشنى ئۆگىنىمىز، باشلاپ كەتتۇق- ھە! (ناۋادا VPNنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئابونىت قىسمىنى قانداق تەڭشەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان تورداشلار بولسا، ئالدى بىلەن كونا يازمىلارنى بىر ئاقتۇرۇپ چىققاي. )

Windows مۇھىتىدا VPN مۇلازىمىتىر قۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەن بولغاندا Windows Server 2003 مەشخۇلات سېستىمىسى بولۇشى كىرەك، ئەلۋەتتە Windows Server2000 مۇھىتىدىمۇ قۇرۇشقا بولىدۇ، بىراق شىركەت تەرەپ ئاللىبۇرۇن توختاتقان مەشخۇلات سېستىمىسى بولغاچقا، ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. Windows Server 2008 بولسا تېخىمۇ ياخشى جۇمۇ.

VPN مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە بىر يىتەكلىگۈچكە (路由器) ئوخشاش مۇلازىمەت بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، مۇلازىمىتېرنى بىر يىتەكلىگۈچكە ئايلاندى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. يىتەكلىگۈچنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئىغىز سانى قانچە بولۇپ كەتسۇن، ئادەتتە پەقەت ئىككى خىللا بولىدۇ، يەنى WAN ۋە LAN ئېغىزىدىن ئىبارەت، بۇلاردىن WAN ئېغىزى كىرىش ئىغىزى، LAN ئېغىزى چىقىش ئېغىزى بولىدۇ، يەنى WAN ئېغىزىدىن كىرگەن ئۇچۇرلار، تاسقاش، چەكلەش ۋە كۆپەيتىش قاتارلىق بىر قاتار جەريانلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن، LAN ئېغىزىغا يەتكۈزىلىدۇ.

ئەسلى گىپىمىزگە كەلسەك، ئادەتتە مۇلازىمىتېردا ئىككى دانە تور كارتىسى بولغان ھالەتتە بىرسى WAN بولسا، يەنە بىرسى LAN بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بىراق ھەممە مۇلازىمىتېردا ئىككى پارچە تور كارتىسى بولۇشى ناتايىن، بۇنداق ھالەتتە قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەمەلىيەتتە بىرلا تور كارتىسى بولغان ھالەتتە، بىر پارچە تور كارتىسىنى ھەم LAN ھەم WAN ئىغىز قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش جەريانى قولايلىشىدۇ. ئەمدى تەپسىلاتىغا قۇلاق سالايلى:

Windows2003 مەشخۇلات سېستىمىسى قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، «باشلاش» (开始) — «پىروگرامما» (程序) نىڭ ئىچىدىكى «باشقۇرۇش قوراللىرى» (管理工具)نىڭ ئىچىدىن «يىتەكلەش ۋە يىراقتىن زىيارەت» (路由和远程访问) پىروگراممىسى قوزغىتىمىز.

بۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمىتېر ئىسمى كۆرۈنىدۇ. مۇلازىمىتېر ئىسمى ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن «يىتەكلەش ۋە يىراقتىن زىيارەتنى تەڭشەش ۋە قوزغىتىش» (配置并启用路由和远程访问) نى باسىمىز.

چىققان كۆزنەكتە «كىيىنكى قەدەم» (下一步)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

بىزنىڭ قۇرماقچى بولغىنىمىز تاق تور كارتىلىق VPN بولغاچقا، بۇ كۆزنەكتە «ئىختىيارى تەڭشەش» (自定义配置)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرىمىز.

«ئىختىيارى تەڭشەش» تۈرلىرىنىڭ ئىچىدىن «VPNزىيارىتى» (VPN访问)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرىمىز.

تەڭشەلگەن تۈرلەرنى جەزىملەشتۈرۋەتكەندىن كىيىن، مەشخۇلاتنى تاماملايمىز.

تاماملاش بۇيرۇقى بىرىلگەندە، سېستىما بىزدىن «يىتەكلەش ۋە يىراقتىن زىيارەت» مۇلازىمىتىنىڭ قاچىلىنىپ بولغانلىقى، قوزغىتىش كىرەكلىكىنى سورايدۇ. ئادەتتە Windows Server 2003 نىڭ SP2 نۇسقىسىدىن باشلاپ مەزكۇر مۇلازىمەت قاچىلانغان ھالەتتە چىقىدۇ، ناۋادا قاچىلانمىغان بولسا، سېستىمىنىڭ قاچىلاش دېسكىسى سالساق، ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ.

مۇلازىمەت قاچىلىنىپ بولۇنغان بولسا، قوزغىتىشقا بىر ئاز ۋاقىت كىتىدۇ. سەل ساقلاپ تۇرساقلا كۇپايە.

كۆزنەكتىكى مۇلازىمىتېر ئىسمىنىڭ ئاستىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇلىنىش ئېغىزى قاتارلىق تەپسىلىي بۆلەكلەر كۆرۈنگەن بولسا، VPN مۇلازىمىتى قاچىلىنىپ ۋە قوزغىتىلىپ بولدى دىگەن سۆز. ئەمدى خاتىرجەم ئىشلەتسەك بولىدۇ.

خوش، VPN مۇلازىمىتىگە ئىرىشكەندىن كىيىن، ئىشلىتىش جەريانىدا دۇچ كىلىدىغان مەسىلىلەر نۇرغۇن بولۇپ، تۆۋەندە ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان ئىككى مەسىلىگە جاۋاب بىرىلىدۇ:

سۇئال: VPNمۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە ئابونىت تەرەپ ئىشلىتىدىغان ئىسىم ۋە پارولنى قانداق بەلگىلەيمىز:

جاۋاب: ئابونىتچى تەرەپلەر VPN گە ئۇلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىناۋەتلىك بولغان ئىسىم ۋە پارول كىرگۈزۈشى كىرەك، بولمىسا مۇلازىمىتېر بىلەن ئۇلىنىش مەغلۇپ بولىدۇ. ئابونىت تەرەپ كىرگۈزىدىغان ئىسىم ۋە پارول مۇلازىمىتېردە ئالدىن بەلگىلەپ بىرىلىدىغان بولۇپ، مۇلازىمىتېرغا قوشۇلغان ئەزالىق ئىسمى ۋە پارولنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى مۇلازىمىتېرنىڭ تىزگىن تاختا ئىچىدىكى ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش كۆزنىكىدىن قوشساق بولىدۇ. بىخەتەرلىك ئۈچۈن، قوشۇلغان ئىسىم ۋە پارولغا ھىچقانداق ئەزالىق گۇرۇپپىسى بەلگىلەنمەيدۇ.

سۇئال: مېنىڭ مۇلازىمىتىرىم قىسمى تورغا قويۇلغان مۇلازىمىتېر بولۇپ، يىتەكلىگۈچ (路由器) ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ. مەن سىرىتتا VPN مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ قىسمى تورغا كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كىرەك؟

جاۋاب:  VPN مۇلازىمىتى باشقا WEB ياكى FTP مۇلازىمىتى بىلەن ئوخشاش بىر ئۇلىنىش ئىغىزى ئارقىلىق سىرىتقا تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، كەپتەرخانىدا ئىلگىرى سۆزلەنگەن «ئۆز مۇلازىمىتىرىمىزدىكى تور مۇلازىمىتىنى سىرىتقا تەمىنلەش تېخنىكىسى» ئارقىلىق TCP نىڭ 1723 ئېغىزىنى سىرىتقا تەمىنلەپ بەرسەكلا بولىدۇ.

Androidتا ئۇيغۇرچىنى مۇنداق ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ…
مانا دەۋىر ئېقىمىغا ئەگىشىپ مەنمۇ، قولۇمدىكى Nokiaنى تاشلاپ، Android قاچىلانغان يانفوندىن بىرنى سىتىۋالدىم. يانفون قولۇمغا كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى قىلغان ئىشىم، ئەلۋەتتە سۆيۈملۈك يىزىقىمىزنى سىناق قىلىش بولدى. بىراق قانداق نەتىجىگە ئىرىشكىنىمنى Android يانفون ئىشلىتىۋاتقان ھەممە دوستلار بىلىدۇ…

ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردە بۇ ھەقتە نۇرغۇن يازمىلارنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. بىراق نىمىشقىدۇر، كەمىنە كۆك كەپتەر، بۇنداق يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەسلى ھالىتىدە (ئىلانلار كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمىسە) ئالدىراپ چىقىلمايمەن، نىمىلا بولسۇن، نۇرغۇنلىغان ئىنژىنىرلارنىڭ قولىدىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭىلاشقا مۇشۇ پىرىنسىپىم بويىچە، يانفوننىڭ ئەسلىدىكى خەت نۇسقىسىنى ئالماشتۇرۋىتىش ئۇسۇلىنى پەقەتلا توغرا تاپالمىدىم. نىمىشقا ئۇنداق قىلىمەن؟ بۇ دىگەن Linux سېستىمىسى تۇرسا، ئەسلى قائىدە بويىچە سېستىمىنىڭ ھەر قانداق ئۇچۇرىنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلىشىمىز كىرەكقۇ؟ ئۇيغۇرچە rom تەمىنلەنگەن يانفونلارغۇ ئۆزىلا تونۇيدىكەن، بۇنداق rom تەمىنلەنمىگەن يانفونلارچۇ؟؟؟

مانا شۇنداق قىلىپ، يانفونۇمنى ئەسلىدىكى سېستىمىسى (2.2) ھالىتىدىلا ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلالىغۇدەك ھالغا ئىلىپ كەلدىم. تۆۋەندە تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىزلەر:

1. ئالدى بىلەن يانفوندا ئالىي ئىشلەتكۈچى (Root) ھوقوقىغا ئىرىشتىم. نىمىشقىدۇر، باشقا يانفونلاردا نورمال ئىشلەيدىغان root قوراللىرىنىڭ ھىچقايسىسى بۇ يانفوندا ئىشلىمىدى، بەلكىم سەپلىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ (بۇ ھەقتە تېخى ئىزدەنگۈدەك بولمىدىم)، شۇڭا ئامالسىز، كومپىيۇتېردا ئىشلەيدىغان SuperOneClick دەيدىغان قورالدىن پايدىلاندىم.

2.قەدەمدە، ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان بىر نەچچە تال ئۇيغۇرچە فونتنى تاللاپ، Root Explorer ئارقىلىق يانفوننىڭ system مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى Fonts ئاستىغا كۆچۈردۈم. ئادەتتە Linux سېستىمىلىرىغا فونتنى شۇنداق قاچىلايمىزغۇ.

3. كومپىيۇتېردا ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان جاھاننامە Mozilla Firefoxنىڭ يانفون نۇسقىسىنى يانفونغا قاچىلىدىم، ھەمدە يانفوننى قايتا قوزغاتتىم.

يۇقۇرقى مەشخۇلاتلاردىن كىيىن، ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى ناھايىتى ياخشى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىش كىرەك. بۇنىڭدا قۇتبىلىك ئەپەندىم تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلدى (كۆپ رەھمەت!).

يۇقۇرقى مەشخۇلاتلاردىن كىيىن، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشتىم.

3G ياكى غەيرى 3G يانفونلاردا، يانفون قوللىمايدىغان باشقا 3G تورىنى ئىشلىتىش
بەلكىم تورداشلار ماقالىمىزنىڭ تېمىسىغا قاراپ سەل گاڭگىراپ قالغان بولۇشى مومكىن، مەن ھەتتا ئۆزۈممۇ قويغان تېمامغا قاراپ گاڭگىراپ قىلۋاتىمەن. بىراق ئامال يوق، ماقالىنى يەنىلا يازماي بولمايدۇ-دە…

ئالدى بىلەن مەن كۆپچىلىككە بۇ ماقالىدە زادى نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى سۆزلەپ ئۆتەي، ئەقىللىق تورداشلارنىڭ يادىدا بولسا كېرەك، كەپتەرخانىدىكى يازمىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكسى، كەمىنە كۆك كەپتەرنىڭ مەلۇم مەسىلىگە ئۇچىراپ ئۇنى ھەل قىلىش جەريانىنىڭ خۇلاسىسى دىيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى بۇ ماقالىمىزمۇ مۇشۇ پىرىنسىپتىن چەتنىمەيدۇ ئەلۋەتتە.

كەمىنە ئىزچىل تۈردە nokia نىڭ symbian سېستىمىلىق ئەقلى يانفۇنىنى ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ئىدىم، android ھەققىدە گەپ سۆزلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىكتورون ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا قىزىقىدىغان ماڭىمۇ android ماركىلىق جىن چاپلاشتى بولغاي، googleنىڭ motorolaنى سىتۋالغان ۋاقىتقا توغۇرلاپلا android سېستىمىلىق motorola يانفۇندىن بىرنى سېتىۋالدىم. مۇشۇ يانفوننى تاللايدىغان ۋاقىتتا بىر مەسىلە بېشىمنى ناھايىتى ئاغىرىتتى…

كۆپچىلىككە مەلۇم، ھازىر رايونىمىزدا خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىۋاتقان 3G تورلىرى ئىچىدە جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتى ھامىيلىقىدىكى CDMA2000 تورى بىر قەدەر كەڭ ئوموملاشقان، بىراق بۇ تورنىڭ دۆلىتىمىزدىلا كەڭ ئىشلىتىلىشى ھەمدە، بۇ تورنى قوللايدىغان يانفونغا باشقا كارتا چۈشمىگەنلىكى سەۋەبلىكمىكىن، بۇ تورنى قوللايدىغان يانفونلار ئىنتايىن كەمچىل، داڭلىق شىركەتلەرنىڭ يانفونلىرى تېخىمۇ شۇنداق. ئەكىسچە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تەۋەلىكىدىكى WCDMA تورىنى قوللايغان يانفونلار ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدۇ، ھەم بۇ خىلدىكى يانفونلارغا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ GSM كارتىسىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بىراق WCDMAنى قوللايدىغان يانفونلاردا بىزدە كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان CDMA2000 تورى ياكى دۆلىتىمىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولغان TD-SCDMAنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، قانداق قىلىش كىرەك؟؟؟

مەيلى! نىمىلا بولمىسۇن، يانفون نوچى بولسا باشقا ئىشنى ھەل قىلۋالارمەن دىگەن نىيەتتە WCDMA قوللايدىغان يانفوننى سىتىۋالدىم.

كەمىنە كۆك كەپتەر، خىزمەت ۋە سەپەر جەريانىدا ئىزچىل تۈردە جوڭگۇ تېلگىرافىنىڭ 3G مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ئىدىم، بۇنى پەقەت لەپتوپ ۋە ئۈستەل كومپىيۇتېرىدىلا ئىشلەتكىلى بولاتتى. ئەمدى شۇنچە ياخشى دەپ ئالغان يانفوندا بۇ توردىن پايدىلىنالمىسام نىمە ئاۋارىچىلىق بۇ!

تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنىمۇ ناھايىتى ياخشى ھەل قىلۋالدىم. تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ھەممىسىدە WLAN يەنى سىمسىز قىسمى تور ئىقتىدارى سەپلەنگەن، مانا بۇ بىزنىڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنجى ھەل قىلىش چارىسى:

3G سېگىنالىنى كومپىيۇتېر ئارقىلىق يانفونغا يەتكۈزۈش:

3G سىگىنالى قوبۇل قىلىدىغان مودىملارنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتېرغا USB ئېغىزى ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان بولۇپ، بىز، لەپتوپ ئارقىلىق 3G سېگىنالىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قوبۇل قىلغان سېگىنالنى سىمسىز قىسمى تور ئارقىلىق يانفونغا ئۇزاتساق بولىدۇ.

كونكىرىت قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكىچە:

ئالدى بىلەن لەپتوپنىڭ 3G ئۇلىنىشىنى ھەمبەھىرلەيمىز.

ئاندىن لەپتوپنىڭ سىمسىز ئۇلىنىشى ئارقىلىق يانفونغا تەمىنلىنىدىغان سىمسىز تور مۇھىتى قۇرىمىز.

يۇقارقى ئىككى باسقۇچ تاماملانغاندىن كىيىن، يانفون ئارقىلىق سىمسىز تورنى ئىزدەپ تاپالايمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇلىنالايمىز. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى، لەپتوپ ئارقىلىق قۇرۇلغان سىمسىز توردا DHCP مۇلازىمىتى بولمىغاچقا، ئۇلانغان يانفونغا IPنى ئاپتوماتىك تەخسىملىيەلمەيدۇ. شۇڭا IP ئادىرىسنى قولدا بىرىش كىرەك.

ئىككىنجى ھەل قىلىش چارىسى:

3G يىتەكلىگۈچى (روتېر) ئارقىلىق 3Gسېگىنالىنى يەتكۈزۈش:

بۇ ئۇسۇل، مەزكۇر ماقالىمىزدە تەۋسىيە قىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، كومپىيۇتېر ئىشلىتىش ھاجەتسىز.

3G تورى ئوموملاشقاندىن بۇيان، نۇرغۇن شىركەتلەر، ئوخشىمىغان 3G ئابونىتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، 3G كارتىسىنى بىۋاستە چېتىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان يىتەكلىگۈچلەرنى بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ يىتەكلىگۈچلەر سىمسىز قوبۇل قىلىنغان 3G تورى سىگىنالىنى سىملىق ياكى سىمسىز (WLAN) ۋاستە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىشلەتكۈچىلەرگە يەتكۈزەلەيدۇ، ئوخشاشلا يانفون ئارقىلىق WLANنى قوبۇل قىلىپ پايدىلىنالايسىز.

مەزكۇر يىتەكلىگۈچنىڭ ھەتتا باتارىيە سالغىلى بولىدىغانلىرى بولۇپ، پەقەت بىر تال سىمسىز يىتەكلىگۈچ، 3G مودىمى ئارقىلىقلا يانفونىڭىزدا WLAN ئارقىلىق 3G تورىنى ئىشلىتەلەيسىز. ھەر خىل تىپتىكىلىرىنىڭ تەڭشەش ئۇسۇلى ئوخشىمىغاچقا، بۇ يەردە تونۇشتۇرمايمەن، سېتۋالغاندىن كىيىن، سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

كەمىنە كۆك كەپتەرنىڭ ئىشلىتۋاتقىنى، CL-770 تىپلىق سىمسىز 3G يىتەكلىگۈچى بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە بىر دانە Huawei EC1261 تىپلىق 3G USB مودىمى (3G上网卡) ۋە جوڭگۇ تىلگىرافىنى ئايلىق ھەققى 30يۈەن بولغان، ئېقىم چەكلەنمەيدىغان 3G كارتىسى سەپلەنگەن.

پىقىرنىڭ يانفونى WCDMA بولغاچقا، جوڭگۇ تىلگىرفىنىڭ CDMA2000 كەسپىنى بىۋاستە ئىشلىتىشكە ئىمكان يوق، شۇڭا يوقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق 3G سىگىنالىنى Wifi گە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىمەن. ئەلۋەتتە يانفون ۋە كومپىيوتېردا تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى: تور توختايدۇ دىگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي ئۆسەك سۆز
تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى ۋاڭ تاۋ ۋە ئاسىيا كىندىكى تورى مۇخبىرى جاۋمىينىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىقىندىن بۇيان تورداشلار ئارىسىدا تارقالغان «تور يەنە توختايدىكەن» دىگەندەك سۆزلەرگە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى ھۈسەن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، «تور توختايدۇ دىگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي ئۆسەك سۆز!» دىگەن.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ تىلگىراف شىركىتى، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، شىنجاڭ بىرلەشمەخەۋەرلىشىش شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى نۆۋەتلىك جوڭگۇ ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسى مەزگىلىدىكى خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەييارلىق ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارەت ۋاستىلىرىگە خەۋەر قىلغان. ئەلى ھۈسەننىڭ دىيىشىچە، جوڭگۇ ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بىرلىكتە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرغان ۋە تەييارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىغان، ئۇ يەنە سۆزىدە، «شىنجاڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ جوڭگۇ ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسىنى بىخەتەر، راۋان، قولايلىق خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دىگەن.

مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەلى ھۈسەننىڭ چۈشەندۈرىشىچە: «تور قامال قىلىش» (封网) پەقەت خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ كەسپى ئاتالغۇسى بولۇپ، ئەسلىدە خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشى قىلىش، سېستىما ئايرىش ۋە يېڭىلاش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى توختىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تورداشلار دىگەندەك «تورنى ئۈزۈش» (断网) ئەمەس، «تور قامال قىلىش» پەقەت يەرمەنكە مەزگىلىدە خەۋەرلىشىش تورىنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر.

ئىگىلىنىشچە: 8-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، شىنجاڭ تىلگىراف شىركىتى، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، شىنجاڭ بىرلەشمەخەۋەرلىشىش شىركىتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى، يەرمەنكىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت سورۇنلىرىدا مەسىلەن: خەلىقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ئەتراپى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆچمە تور، ئىنتېرنىت تورى، مۇقىم تور قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئۇل مۇئەسسەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىش، يېڭىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىغان، بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچى سىرتىدىن كەلگەن مىھمانلارنى يۇقۇرى سىغىمدىكى ئاۋاز، سانلىق مەلۇمات ۋە 3G كەسپىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۆرگەزمە مەركىزى بىرلا ۋاقىتتا 90مىڭ ئابونىتنى ئاۋازلىق سۆزلىشىش مۇلازىمىتى، 20مىڭ ئابونىتنى تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

خەۋەر مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى

http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2011-08/24/content_6108576.htm

ئاسىيا كىندىكى تورى

http://www.iyaxin.com/sy/content/2011-08/25/content_2987221.htm

«نۇركابىلنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى چۈشىنەمسىز؟
ئىنتېرنېت تورى بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە تور سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقى بەلكىم ھەممەيلەننىڭ بىشىنى ئاغرىتقان بىر مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، دىمىسىمۇ، ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىنمۇ تور سۈرىتىنى تىزلىتىش ھەققىدە يازمىلارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە تور بېكەتلەردە يوللىنىۋاتقان ماقالىلەر، ماھىيەتتە پەقەت كومپيۇتېرنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئانچە- مۇنچە ئۆزگەرتىش، ئەلالاشتۇرۇش ياكى بىزنى ۋاكالەتچى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بىزنى ناھايىتى ئاز بولغان تور سۈرىتىنى تىزلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشتۈرەتتى. ئەمەلىيەتتە تور سۈرىتى ئەسلىدىنلا بىزگە تور تەمىنلىگۈچى تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن سۈرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇددى ئۆستەڭنىڭ باش ئېچىقىدىن بىر كۇبا سۇ تەمىنلەنسە، بىزنىڭ ئىككى كۇبا سۇ پاتىدىغان ئېرىقىمىزدا ئاران يىرىم ئۆستەڭ سۇ ئاققاندەكلا بىر ئىش، بىر چىنە سۇنى بىر چىلەككە قۇيسا، چېلەك يىرىممۇ بولمايدۇ -ئەلۋەتتە.

ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىز بىلىپ تۇرىۋاتقان 1M ياكى 2Mلىق تور سۈرەتلىرى، بىز كۆرىۋاتقان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەر، بىز چۈشۈرۈۋاتقان ئىنتايىن چوڭ سىغىمدىكى ئويۇنلار ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان سۈرئەت ئىدى، بۇ بىزنىڭ رايونىمىزدا ئەمەس، پۈتۈن دۆلەت خارەكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، توردىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق تور سۈرئېتى دۇنيا بويىچە 80-ئورۇندا تۇرغانلىقى مەلۇم…

دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ تورنى بىرلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشى سىناق تەرىقىدە يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، تور سۈرئېتى بۇرۇنقى 2M دىن ھازىرقى 4M غا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، IPTV ئابۇنىچىلىرىغا مەلۇمكى، مۇشۇ 4Mلىق سۈرئەتتىمۇ كۆرگەن فىلىملەر ئۇنچە ئېنىق ئەمەس…

مانا مۇشۇ ئەھۋاللار دۆلىتىمىزدە تور سۈرئېتىنى تىزلىتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى، شۇ سەۋەبتىن 2007-2008-يىللاردىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە «نۇركابېلنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

نۇركابىل ئىشلەتكەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟

كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، بىزنىڭ تېلېفون سىمىمىز ئۆيىمىزگە ئەڭ يېقىن ئارلىقتىكى (ئادەتتە 50مىتېر ئەتراپىدا) سىم ئايرىش قۇتىسىغا ئۇلىندۇ، بۇ سىم ئايرىش قۇتىسى ناھايىتى نۇرغۇن ئىنچىكە مىس سىمدىن ياسالغان بىر تال كابېل ئارقىلىق بىزنىڭ ئۆيىمىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى توپلاشتۇرۇش ساندۇقىغا ئۇلىنىدۇ، توپلاشتۇرۇش ساندۇقىدىن يەنە مىس سىم كابىلى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى تېلېگرافنىڭ سىم توپلاشتۇرۇش مەركىزىگە يەتكۈزىلىدۇ، تېلېفون سىمىمىز پەقەت مۇشۇ مەركەزگە كەلگەندىلا نۇركابېلغا ئايلىنىپ، تېلگېراف شىركىتىنىڭ ئاپپاراتخانىسىغا يەتكۈزىلىدۇ. ئوخشاشلا تور سىمىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. دېمەك مۇشۇ نەچچە قىتىملىق ئۇلىنىش، ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇچۇر سىگىنالى نۇرغۇن خوراشقا ئۇچىرايدۇ. شۇنداقلا مىس سىمنىڭ سىغىمچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا، تور سۈرئېتىنى يۇقۇرىراق تەڭشەشكىمۇ ئامال يوق، مەسىلەن: ئادەتتىكى مىس سىم ئىشلەتكەن تور ئابونىتىغا تېلېگرافتىن 8Mلىق تور سۈرئېتى ئېچىپ بەرسىمۇ سىم كۆتۈرەلمەي، سىگنالدا ئۈزۈلۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن…

«نۇركابېلنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش FTTH» ‏ (fiber to the home) قۇرۇلۇشىدا، بۇرۇنقى ADSL تارتىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، تور سىگىنالى توپلاشتۇرۇش مەركىزىدىن بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان توپلاشتۇرۇش ساندۇقىغىچە ھەتتا بىزنىڭ ئۆيىمىزگىچە نۇركابىل ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ. بۇنداق ھالەتتە تور سۈرئېتى دىگەننى قانداق ئاچىمەن دىسە، شۇنداق بولىۋىرىدۇ دىگەن گەپ.

مەزكۇر قۇرۇلۇش 2009-يىلىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىزدىكى چوڭ شەھەرلەردە كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، شاڭخەي شەھىرى «ئائىلىگە 100M، بىناغا 1000M، تېلېگراف ئېغىزىغا xT» تور سۈرئېتىنى نىشان قىلىپ، 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئائىللىكلەر رايونى ۋە سودا بىنالىرىغا 100M لىق تور سۈرئېتىنى يەتكۈزگەن، بەھرىلەنگەن ئائىلە 750مىڭغا يەتكەن.

رايونىمىز دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چىتىگە جايلاشقان بىر رايون بولسىمۇ، 2008-يىلىدىن باشلاپلا، يېڭى سىلىنغان ئولتۇراق بىنالارغا تېلفۇن سىمى تارتقاندا بىراقلا تور سىمى تارتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، (تور سىمىنىڭ ئالتە تىلى تور سىگىنالى، ئىككى تېلى تېلفۇن سىگىنالى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ). بۇ «نۇركابېلنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئاساسى ئىدى.2010-يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش كەڭ كۆلەمدە ئىلىپ بىرىلىدى، بۇرۇن، يىڭى بەرپا قىلىنغان ئائىللىكلەر رايونى ۋە ئىشخانا رايونلىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا تورلاشتۇرۇلغان بولسا، ھازىر ئەسلىدىكى مىس كابېل ئىشلەتكەن تېلېفون سىم ۋە غول لىنىيىلەرنى ئۆزگەرتىشكە قەدەم قويدى.

مەزكۇر قۇرۇلۇش تاماملانغان ئورۇنلاردا تور سۈرئېتى، تېلېگراف ئېغىزىدىن بىۋاسىتىلا 8M ئېچۋىتىلگەن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا، تور سۈرئىتىڭىز 4M بولغان بولسا، سىز تولۇق 4Mلىق سۈرئەتتىن بەھرىمەن بولالايسىز. (بۇرۇنلاردا سىگنال خوراش سەۋەبىدىن 4M لىق سۈرئەت تەلەپ قىلغان بولساق ئېرىشىدىغىنمىز 3.2دىن 3.5 كىچە بولاتتى.) تور سۈرئېتىنى بەلگىلەش ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق تېلگىراف ئورۇنلىرى تەرىپىدىنلا بەلگىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇرۇن باشقىلار تەڭشەپ بىرەي دىسىمۇ شارائىت يار بەرمىگەن سۈرئەتكە، باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ئېرىشەلەيمىز.  ناۋادا، نۇركابىل سىز تۇرۇشلۇق بىناغا يەتكۈزۈلۈپ بولغانلا بولسا، سىز تۆۋەن ھەق بىلەنلا ئۆيىڭىزگە نۇركابىل كەڭ بەلۋاغ تورى (光纤宽带) تارتىشنى ئىلتىماس قىلالايسىز. بۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن سۈرئېتى 10M ئېچىپ بىرىلىدۇ.

بەلكىم نۇرغۇن دوستلار، بۇ قۇرۇلۇشتىن كىيىنكى تور باھاسىغا قىزىقىشى مومكىن، ھازىرغىچە مەزكۇر قۇرۇلۇش تاماملانغان ئورۇنلارنىڭ تور ھەققى ئەھۋالىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەن بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تېلگېراف شىركىتى مەبلەغ سىلىپ ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. ئابونىتچىلار پەقەت ئۆزى تەلەپ قىلغان ئۆلچەمدىكى تور ھەققىنى تاپشۇرسىلا بولىدىكەن. بىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغان خادىمدىن ئاڭلىشىمچە، قۇرۇلۇش تاماملانغان ئورۇنلاردا ناھايىتى تۆۋەن ھەق بىلەن (ئادەتتىكى ADSLدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ- دەيدۇ) نۇركابىللىق كەڭ بەلباغ تورىنى تارتقىلى بولىدىكەن. بىراق مەزكۇر قۇرۇلۇش تېخى كەڭ دائىرىدە ئىلىپ بىرىلۋاتقان، نۇرغۇن جايلاردا تاماملانمىغان بولغاچقا، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تېخى كونكىرىت بەلگىلەنمىگەن شۇڭا سىياسى ئۆگىنىشتە ئۆگەنگىنىمىز بويىچە «پىتنە-پاسات تارقاتماسلىق، ئىشەنمەسلىك»كە قاتتىق ئەمەل قىلمىساق بولمايدۇ. بىراق مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ بىزگە ناھايىتى تېز بولغان تور سۈرئېتىنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقى ئېنىق.

كەمىنە كۆك كەپتەرنىڭ ھىس قىلىشىچە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پايدىلىق تەرىپى تور سۈرئېتى ۋە تورنىڭ سۈپىتى قاتتىق يۇقۇرى بولىدىكەن، بىرلا كەمچىلىكى، توپلاشتۇرۇش ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ZTEماركىلىق يىتەكلىگۈچ (路由器) خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ناۋادا توك توختاپ قالسا، بۇ ئۈسكۈنىلەر پۈتۈنلەي خىزمەتتىن توختايدۇ-دە، ئۆيىڭىزنىڭ تېلفۇنلىرىمۇ تەڭلا ئارام ئالىدۇ. بىراق شۇنىڭغا ئىشەنمەي بولمايدۇكى، شۇنچە يۇقۇرى تېخنىكىلىك قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلغان ھۆكۈمەت ۋە تېلگېراف شىركىتى بۇ ھەقتە چوقۇم ياخشى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدۇ.

WindowsXPمۇھىتىدا VPNئابونىت ئۇلانمىسى قۇرۇش
خوش كەپتەرۋازلار! ئالدىنقى يازمىمىزدا VPN ھەققىدە دەسلەپكى ئۇقۇمغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ئەمدى بۇ يازمىمىزدا VPNنىڭ ئەڭ ئوماق، ئەڭ قولايلىق بىر تۈرى بولغان PPTPغا قانداق ئۇلىنىش (PPTPنىڭ ئابونىت قىسمىنى تەڭشەش)نى ئۆگىنىمىز. ئۆھۆ!

بەلكىم ھەممەيلەن ADSLنىڭ ئۇلانمىسى (宽带连接)نى قۇرۇپ باققان. سۆزلىمەكچى بولغان PPTP ئۇلىنىشىمۇ ئوخشاشلا Windows ئائىلىسىدىكى پىروگراممىلاردا تەمىنلەنگەن ئىقتىدار بولۇپ، سىرىتتىن ھەرقانداق پىروگرامما ئىشلىتىش ھاجەتسىز. ئەمىسە باشلايلى!

ئالدى بىلەن «تور قوشنا» (网上邻居)نىڭ «خاسلىقى» (属性) ياكى تىزگىن تاختىغا كىرىپ، «يېڭىدىن تور ئۇلانمىسى قۇرۇش» كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

چىققان كۆزنەكتىن «خىزمەت ئورنۇم تورىغا ئۇلاي» (连接到我的工作场所网络) نى چىكىمىز.

بۇ يەردىن «مەۋھۇم مەخسۇس تور ئۇلىنىشى» (虚拟专用网连接) نى تاللايمىز.

چىققان كۆزنەكتە «شىركەت نامى كىرگۈزۈڭ» دەپ تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ئۆزىمىز خالىغانچە يازىدىغان تۈر بولۇپ، ھىسابتا قۇرغان ئۇلانمىمىزنىڭ ئىسمى ھېسابلىنىدۇ.

شىركەت نامى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن، ناۋادا كومپىيۇتېرىمىز يىتەكلىگۈچ ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق تورغا چىقسا تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا ADSL ئۇلانمىسى ئارقىلىق تورغا چىقسا، تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ رولى «بىز قۇرغان PPTPئۇلانمىسىنى ئۇلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندە  تاللانغان ئۇلانمىنى ئۇلىسۇن» دىگەن مەنىدە بولىدۇ. ئادەتتە بۇ ئىقتىدارغا بىز ئېھتىياجلىق ئەمەس، شۇڭا تاللىمىساقمۇ بولىدۇ.

ئەمدى، PPTP مۇلازىمىتىرىنىڭ ئادىرىسنى كىرگۈزىدىغان ئورۇن چىقتى. بۇ ئورۇنغا بىزنى PPTP VPN مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمىتېرنىڭ IP ئادىرىسىنى يازساق بولىدۇ. ناۋادا تور نامى بولسا تور نامىنى ھەتتا ئۆزگىرىشچان تور نامى ئىشلەتكەن بولساق شۇنى يازساقمۇ بولىدۇ.

智能卡 بولسا، بارماق دىسكا ياكى باشقا مەخپىيلەشتۈرۈش ۋاستىسى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، Windows مۇلازىمىتىرىنىڭ ئۆزىدىلا تارقاتقىلى بولارمىش. بىراق كونكىرىت ماتېريال يوق، شۇڭا بۇ تۈر كەمىنە كۆك كەپتەرنىڭ كەلگۈسى تەتقىقات پىلانى قاتارىدا قالدۇرۇلدى.

قۇرىدىغاننى قۇرۇپ بولدۇق. ئەمدى تاماملاش باسقۇچى، بۇ يەردە بىزدىن بىر سۇئال سورالدى: «قۇرغان ئۇلانمىڭىزنى ئېكران يۈزىگە چىقىرامسىز يوق؟» مېنىڭچە قولايلىق بولۇشنى خالىسىڭىز چىقىرۋالغىنىڭىز ياخشى.

ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن ئاچقۇچ ئىشلەتكەنگە ئوخشاشلا، ئۆزىمىزنىڭ باشقا يەردىكى قىسمى تورىغا ئۇلىنىش ئۈچۈنمۇ مۇلازىمىتېر تەرەپتىن ئالدىن بەلگىلەپ بىرىلگەن پارول ۋە ئىسىمنى كىرگۈزىمىز. بۇ ھەقتە گەپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ھە.

ئەمدى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدۇق. بۇ باسقۇچ بۇرۇن يوق ئىدى، كىيىن نىمە بولدى، WindowsXPنىڭ بىر يامىقىنى قاچىلىشىم بىلەنلا قوشۇلۇپ قالدى، بەلكىم كەپتەرۋازلارغىمۇ پۇتلىشىپ قىلىشى مومكىن. كۆرۈنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا IPX/SPX كىلىشىمى قاچىلانمىغانلىقتىن بولۇشى مومكىن. بىراق ھىچقىسى يوق، چۈنكى بىز ھازىرچە بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، شۇڭا «كوت كوت قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» (下次不再请求失败的协议) نى تاللاپ قويۇپ، قوبۇل قىلۋەتسەك بولىدۇ.

ئەمدى كەپتەر شورپىسىغا ئېغىز تىگىمىز. ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ بۇرجىكىدە تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ. يەنى: مەۋھۇم مەخسۇس تور ئۇلىنىپ كەتتى. بىز ئەمدى، بىزنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى بىلەن بىر قىسمى تور بولۇپ كەتتۇق دىگەن گەپ!

دىققەت: ناۋادا ئۇلانما ئۇلىنىپ بولۇپمۇ قىسمى توردىكى تور بىكەت ياكى قوللانمىلارنى كۆرەلمىگەن بولسىڭىز تور قوشنامدىن بىز ئۇلانغان قىسمى توردىكى كومپىيۇتېرنىڭ بايلىقلىرىنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلالمىغان بولسىڭىز، دىمەك مەسىلە مۇلازىمىتېر تەرەپتە. ناۋادا ئۇلاش جەريانىدا باشقا مەسىلىلەرگە ئۇچىرىغان بولسىڭىز، كەپتەرخانىغا  «PPTP VPNنىڭ ئابونىت ئۇلانمىسىنى ئۇلاش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر» ناملىق كەپتەرنىڭ قونۇشىنى ساقلاڭ.

مەۋھۇم مەخسۇس تور تېخنىكسىى (VPN) ھەققىدە چۈشەنچە
ئۇ خىزمەت بۇ خىزمەت دەپ كەپتەرخانىغا قاراپ باقمىغىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپ قاپتۇ، بۈگۈن ئەتتىگەندە سەئىدىيە باشكەنىتتە ھاۋا شۇنداق ياخشى تۇرىدۇ، مۇشۇ ساپ ھاۋادىن ئىلھام ئىلىپ، سىمىزرەك گۆش كەپتىرىدىن بىرنى قويۋەتكىم كىلىپ قالدى. قىنى كەپتەرۋازلار دىققەت قىلغايسىزلەر:

بۇ زادى قانداق نەرسە؟

خوش، مەزكۇر يازمىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، كەپتەرۋازلارنىڭ سەمىگە بىر نەچچە ئاتالغۇنى سالماقچىمەن. مەسىلەن: قىسمى تور، ئىچكى تور، كەسپى تور دىگەندەك، بۇ تورلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسلەن: بىر نەچچە كومپىيۇتېرنى تور سىمى ۋە سىۋىچ (交换器) ئارقىلىق چىتىپ، بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىشنى، بىرلىكتە ئويۇن ئويناشنى ئەمەلگە ئاشۇرساق، بۇ قىسمى تور بولىدۇ. يەنە بانكا، جامائەت خەۋىپسىزلىك قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تورى، تېلفۇنغا پۇل قاچىلايدىغان ئورۇنلاردىكى ئىشلىتىدىغان ئادىرىسلىرى غەلىتە بولغان تورلارنى ئىچكى تور دەيمىز ياكى كەسپى تور دەيمىز، بەلكىم بۇنداق تور ھەققىدە خاپا بولۇپ قالغان كەپتەرۋازلارمۇ بولۇشى مومكىن. مەسىلەن: ساقچىخانىغا نوپۇس بىجىرگىلى كىرگەندە تور ئىشلىمىدى دەپ رەت قىلىنغان بولۇشىڭىز ياكى يانفۇنىڭىزغا پۇل تۆلەي دىسىڭىز تور ئىشلىمىدى دەپ رەت قىلىنغان بولۇشىڭىز مومكىن، مانا بۇ سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئىچكى تور!

مانا مۇشۇنداق XY دىگەندەك تورلار ئەمەلىيەتتە قىسمى تورنىڭ ئۆزى بولۇپ، تىلگىرافنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندەك، نۇركابىل ئارقىلىق ئۇلانغاندەك قىلسىمۇ، سىز يانفۇنغا پۇل قاچىلايدىغان يەردىكى سېستىمىنىڭ تور ئادىرىسىنى يىزىۋىلىپ، ئۆيىڭىزدە ئاچسڭىزمۇ ئاچالمايسىز. نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ مانا بۇ بىز سۆزلىمەكچى بولغان مەۋھۇم مەخسۇس تور (VPN) تېخنىكىسىنىڭ نەتىجىسى…

بەلكىم سىز يۇقاردىكى بايانلاردىن «VPNتېخنىكىسىنى چوڭ چوڭ كەسپى ئورۇنلار ئىشلىتىدىكەن، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن» دەپ قالغان بولۇشىڭىز مومكىن، ئالدىرماي تۇرۇڭ. مەن يەنە بىر نەچچە ئىغىز سۆزلەي، يەنە شۇنداق ئويلىسىڭىز، ئاندىن Alt+F4 سىزگە ۋاكالىتەن مەن بىسىپ بىرەرمەن.

VPNماڭا نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟

VPN تېخنىكىسى، سىزنىڭ ئىككى ئورۇندىكى ھەتتا ئىككى شەھەر، ئىككى دۆلەتتىكى كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرلىرىڭىزنى، قىسمى تورلىرىڭىزنى تېلگىراف شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ADSL ياكى نۇركابىل ئارقىلىق بىر بىرىگە ئۇلاپ بىرەلەيدىغان بولۇپ، تورلاشتۇرۇش، ئىشلەتكەن تېخنىكا، ئۈسكۈنە ياكى كىلىشىمگە ئاساسەن، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۇچۇر ۋە تور ئالاقىڭىزنى مەخپىيلەشتۈرۈپ بىرىدۇ. كومپىيۇتېرلىرىڭىزدىكى قىسمى توردا ئىشلەيدىغان، ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتلەر، كەسپى سېستىمىلار، ساندانلار، يىراقتىن باشقۇرۇش، تېلكامىرا كۆزىتىش سېستىمىسى ھەتتا قىسمى توردىكى ئويۇنلىرىڭىز، دەخلىسىز ھالدا VPN ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن تۇتاشقان بىر نەچچە ئورۇن، بىر نەچچە شەھەر، بىر نەچچە دۆلەتتىكى كومپىيۇتېرلارغا يەتكۈزىلىدۇ. VPNئارقىلىق تۇتاشمىغان باشقا كومپىيۇتېرلار تاكى سىز VPN ئۇلاپ بەرمىگىچە باشقىلارغا يەتكۈزۈلمەيدۇ، مۇتلەق بىخەتەر بولىدۇ.

ناۋادا سىز بىر نەچچە يەردىكى تىجارەت ئورنىڭىزنىڭ تېلكامىرا، ھەتتا پۇل ئىلىش سېستىمىسى، دۇكان باشقۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز Internet تورى ئارقىلىقلا ئۇلانسا، دىمەك، ئۇچۇرلىرىڭىز ھەر ۋاقىت تەھدىت ئاستىدا دىگەنلىك، پارول سالدىم دەپ قالماڭ، تور دۇنياسىدا پارول ھەرگىزمۇ بىخەتەر ۋاستە ئەمەس. ئىشخانىڭىزدىكى كومپىيۇتېرنى ئۆيدە كونتىرول قىلىمەن دەپ يىراقتىن باشقۇرۇشنى ئىچىپ قويغانمۇ؟ بەلكىم، سىز ئىشخانىدا ئېچىپ قويۇپ، ئۆيگە كىلىپ بولغۇچە، كىملەردۇر ئىشخانىڭىزدىكى كومپىيۇتېرنى نەچچە زىيارەت قىلغان بولۇشى مومكىن. مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى VPN تېخنىكىسى ناھايىتى ئاسان ۋە ئىشەنچىلىك ھەل قىلىپ بىرىدۇ. قىسقارتىپ ئىيتقاندا، VPN تېخنىكىسى Internet تورىدا سىز ئۈچۈن مەخسۇس بىخەتەر لىنىيە ئىچىپ بىرىدۇ. تېلگىراف شىركەتلىرى تەمىنلىگەن توردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىز تور سىمى تارتىپ ئىرىشىدىغان قىسمى تور ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز. خوش، VPNنىڭ سىزگە لازىمى بارمىكەن يوقمىكەن.

VPNنىڭ قانداق تۈرلىرى، قانداق پەرىقلىرى بار؟

VPN تېخنىكىسى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كىلىشىملەر ۋە تېخنىكىلارغا ئاساسەن نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق دەرىجىسى، ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇسۇل، كىتىدىغان ئۈسكۈنە، چىقىم قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ. تۆۋەندە VPNنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي:

1. IPsec Gre: بۇ بارلىق VPN تېخنىكىلىرى ئارىسدا، ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئەڭ مۇقىم، مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى، ئەڭ كۆپ ئىشلەتكۈچىگە مۇلازىمەت قىلالايدىغان شۇنداقلا قۇرۇلۇش تەننەرخى ئەڭ يۇقۇرى بىر تېخنىكا. بىز بىلىدىغان جامائەت خەۋىپسىزلىك قاتارلىق بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقۇرى ئورۇنلار مۇشۇ تېخنىكىدا تورلاشتۇرىلىدۇ (بۇنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بولار.) بۇ تېخنىكا پەقەت مەخسۇس مۇشۇ تېخنىكىنى قوللايدىغان يىتەكلىگۈچ (路由器) قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، Cisco قاتارلىق شىركەتنىڭ مۇشۇ تۈردىكى ئۈسكۈنىلىرى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۈسكۈنىلەرنىڭ باھاسىمۇ تۆت خانىلىق ساندىن يۇقۇرى بولىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدىكى 华为 قاتارلىق شىركەتلەر مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، يەنە 中兴ZTE شىركىتىمۇ مۇشۇ تۈردىكى ئەرزان باھالىق ئۈسكۈنىلەرنى بازارغا سالدى.

2. IPsec: بۇ تېخنىكا ئالدىنقى IPsecنىڭ ئاساسى بولۇپ، بىردىن بىر پەرقى پەقەت بىر قاتلاملا مەخپىيلەشتۈرۈلىدۇ. مەخسۇس ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۈسكۈنە تەننەرخى تۆۋەنرەك، بىراق يەنىلا شەخىسلەر قوبۇل قىلالىغۇدەك ئەمەس. ئوتتۇرا- كىچىك تىپتىكى تورغا تەلىپى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان شىركەتلەرگە ماس كىلىدۇ.

3. L2TP ۋە IPsec L2TP : بۇ تېخنىكا كۆپ خىل قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۈسكۈنە ۋە تور مۇھىتىغا بولغان تەلىپى ئۇنچە بەك يۇقۇرى ئەمەس، Windows مۇلازىمىتىرى ياكى WindowsXPنى مۇلازىمىتېر ۋە ئابونىت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئابونىت ۋە مۇلازىمىتېرنىڭ قايسىسىغا يىتەكلىگۈچ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بىراق بىخەتەرلىكى يۇقۇرىراق بولغاچقا، تەڭشەش ۋە تېخنىكا تەلىپى سەل يۇقۇرىراق. بۇ تېخنىكىغا رەقەملىك گۇۋاھنامە قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا بىخەتەرلىكى خىلى يامان ئەمەس.

4. SSL VPN: بۇ تېخنىكا ھازىر ئەرزان باھا، يۇقۇرى بىخەتەرلىك تەلەپ قىلىدىغان ئورۇنلاردا كۆپ قوللىنىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر، ئىشچى خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقوغۇچىلارغا مەكتەپ تورىنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتۋاتىدۇ. ئاساسلىقى مۇلازىمەت تەرەپتە كۈچەشكە توغرا كىلىدۇ.

5. PPTP: بۇ كۆك كەپتەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان، ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، بىخەتەرلىك تەلەپلىرىنى ياخشى تەڭشىسىڭىزلا، ناھايىتى يۇقۇرى بىخەتەرلىك ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيدىغان بىر تېخنىكا بولۇپ، ئادەتتىكى Windows2003 ياكى Linux قاچىلانغان كومپىيۇتېرنى مۇلازىمىتېر قىلىپ، ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان WindowsXP ياكى Linux ھەتتا ئالما يانفونلىرىدا ئابونىت قىلىپ ئۇلاپلا ئىشلىتىلەيسىز.  تەڭشەش ئىنتايىن ئاددى ۋە قولايلىق، ئابونىت تەرەپ ADSL ئۇلىنىشى (宽带连接) قۇرغاندەك ئۇلانما قۇرۇپلا ئىشلىتەلەيدۇ. بىرلا يىرى شۇ مۇقىملىقى ئۇنچە يۇقۇرى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. تور مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىغا ئاساسەن ئانچە مۇنچە مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىراق شەخىسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەڭ مەس كىلىدىغان VPN تېخنىكىسى ھىسابلىنىدۇ.

يۇقۇرىدا VPN تېخنىكىسى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتۇق، بەلكىم بەزى كەپتەرۋازلار قىزىققان بولۇشى مومكىن. نىمىلا بولمىسۇن، بۇ ھازىرقى بىر قەدەر ئالقىشقا ئىرىشخىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ بىرسى ھىسابلىنىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم شىركەتلەر ھەتتا ADSL دا ئىشلەيدىغان مۇقىم IP بولمىسىمۇ تورلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئەرزان باھالىق ھەتتا شەخىسلەرمۇ قوبۇل قىلالىغۇدەك ئۈسكۈنىلەرنى بازارغا سالدى. تېخى يىقىندىلا كەمىنە كۆك كەپتەر ئەڭ يېڭى بازارغا سىلىنغان ناھايىتى ئەرزان باھالىق ئۈسكۈنىلەردە بىر تىجارەت ئورنىنى بىر نەچچە تارماق دۇكان بىلەن تورلاشتۇرۇپ بايلىقلاردىن تەڭ بەھىرلىنىش ۋە كەسپى سېستىمىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يىقىندا مۇشۇ تېخنىكا ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ قىلىشىم مومكىن. بىراق يازما دىگەننى ئىلھام كەلمىسە يازغىلى بولمايدىغان نەرسە. ناۋادا كۆك كەپتەرنىڭ ئىلھامى كىلىپ بولغۇچە VPNدىن ھوزۇرلانغۇسى كەلگەنلەر بولسا، كەمىنە كۆك كەپتەر ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىممۇ مومكىن.

Ubuntu مۇھىتىدا samba ئارقىلىق تور قوشنىدا ئىشلىتىدىغان ھەمبەھىر قۇرۇش
كۆپچىلىكنىڭ يادىدا بولسا كىرەك، ئالدىنقى يازمىمىزدا، Ubuntu ھالىتىدە، Windows تىن ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتنى زىيارەت قىلىشنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، بۇ يازمىدا دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە، Ubuntuدا ھەمبەھىر ھۆججىتى قۇرۇپ، Windows تا زىيارەت قىلىشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى

پىقىرنىڭ باشقۇرۇشىدا 15كومپىيۇتېردىن تەركىپ تاپقان، بىر كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى بولۇپ، كومپىيۇتېر سېستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بارلىق دىسكىلىرى قۇلۇپلانغان ئىدى، ئىشلەتكۈچى ھەر قانداق ھۆججەت يازسىمۇ، كوپپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىلا، ھەممىسى ئۆچۈپ كىتەتتى. كىيىنچە، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، Windows2003 مۇلازىمىتېردىن بىر دىسكا رايۇنىنى ھەمبەھىر قىلىپ، بارلىق ئىشلەتكۈچى كومپىيۇتېرلارغا مەۋھۇم دىسكا شەكىلدە ئىچىپ بەرگەن ئىدىم. كىم بىلسۇن، ئىشلەتكۈچىلەر بارماق دىسكىدا ھۆججەت كۆچۈرۈپ يۈرۈپ، مەۋھۇم دىسكا ئارقىلىق مۇلازىمىتېرنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇپتۇ. (قاتتىق دىسكا قوغداش ھالىتىدە بولغاچقا، ئىشلەتكۈچى كومپىيۇتېرلارغا ۋىرۇسخور قاچىلانمىغان.) مۇلازىمىتېرنى ئالدىراپ توختىتشقا بولمىغاچقا، ۋىرۇسلارنى تازلاپ بولالماي بەكلا قىينالدىم. بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ، ۋىرۇسلارنى تازىلىغان بولساممۇ، يەنىلا كۆڭلۈمدە قورقۇنچ قالدى. زادى ھەل قىلمىساق بولمىدى – بۇ مەسىلىنى…

كۆك كەپتەرنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشتىكى تەھلىلى

نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بارماق دىسكىدىن يۇقىدىغان ۋىرۇسلار ئاساسلىقى، Autorun ئارقىلىق يۇقىدىغان exe دىگەندەك پارازىت ۋىرۇسلار، بۇ ۋىرۇسلار پەقەت Windows ھالىتىدىلا ئىجرا بولىدۇ. ناۋادا مەۋھۇم دىسكىنى Windows تىن ئاجىراتماي، Linux تىن ئاجىراتساقچۇ؟ ئۇنداقتا، ۋىرۇسلانغان ھۆججەت مەۋھۇم دىسكىغا چىقۋالسىمۇ، مۇلازىمىتېر ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ. باشقا ۋىرۇسخور قاچىلانغان كومپىيۇتېر مەۋھۇم دىسكىنى ئىشلەتسە، ئۆزىلا ۋىرۇسنى بىر تەرەپ قىلۋىتىدۇ.

مۇشۇ تەھلىل نەتىجىسىدە، قولۇمدىكى Ubuntu Linux قاچىلانغان مۇلازىمىتېردا ھەمبەھىر مۇلازىمەت پىروگراممىسى، يەنى: samba پىروگراممىسىنى قاچىلىغاندىن كىيىنلا، مۇلازىمىتېردا ھۆججەتلەرنى ھەمبەھىرلەپ، Windows تا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتىم. يەنە ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتنى، ئىشلەتكۈچى كومپىيۇتېرلارغا مەۋھۇم دىسكا شەكىلدە ئىچىپ بىرىپ، باش ئاغىرىقىنىمۇ تۈگەتتىم.

samba نى قاچىلاش ئۇسۇلى

ئادەتتە Ubuntuنىڭ يۇمشاق دىتال مەركىزىدە بۇ پىروگرامما تەمىنلەنگەن بولىدۇ. Ubuntuنىڭ ئىكران ھالىتىدە، ئۈستى تىزىملىكى «قوللانما پىروگراممىلار» (应用程序) دىن «Ubuntu يۇمشاق دىتاللار مەركىزى» (Ubuntu软件中心)نى بىسىپ، يۇمشاق دىتال مەركىزىگە كىرىمىز.

يۇمشاق دىتال مەركىزىگە كىرگەندىن كىيىن، يۇمشاق دىتال تۈرلىرىدىن «باش تىما ۋە سېستىما قوشۇلمىسى» (主体与系统增强) نى بىسىپ، samba پىروگراممىسىنى تىپىپ قاچىلايمىز. (يۇمشاق دىتال مەركىزىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۈستىدىكى ئىزدەش رامكىسىغا samba دەپ يىزىپ ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ.)

samba نى قاچىلاشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ بار بولىدۇ. تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلساقلا، samba پىروگراممىسى قاچىلىنىدۇ.

sudo apt-get install samba
sudo apt-get install smbfs

samba پىروگراممىسى قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزلۈك باشقۇرۇش پىروگراممىسىنىمۇ قاچىلىۋالساق، باشقۇرۇشقا ئاسان بولىدۇ.

كۆرۈنمە يۈزنى، تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارىلىق قاچىلايمىز ۋە قوزغىتىمىز.

sudo apt-get install system-config-samba
sudo system-config-samba

خوش، ئەمدى پىروگرامما قاچىلىنىپ بولدى، قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن، ئۈستى تىزىملىكتىكى «سېستىما» (系统)دىن «سېستىما باشقۇرۇش» (系统管理)گە كىرسەك، samba پىروگراممىسنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بايقايمىز. تىزىملىكنى چىكىپلا samba پىروگراممىسىنى قوزغىتىپ، «ھەمبەھىر قوشۇش» (添加共享) بۇيرۇقى ئارقىلىق ھەمبەھىرنى تەڭشىسەك بولىدۇ.

بۇ كۆزنەكتىكى «مۇندەرىجە» (目录) رامكىسىغا ھەمبەھىردە كۆرسەتمەكچى بولغان ئورۇننى كۆرسىتىمىز. «ھەمبەھىر ئىسمى» (共享名) رامكىسىغا ھەمبەھىرلەنگەندىن كىيىنكى ئىسمىنى يازىمىز، بۇ يەرگە يىزىلغان ئىسىم، ھەمبەھىرلەنگەندە كۆرۈنىدىغان ئىسىم شۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى «يىزىشقا بولۇش» (可擦写) تۈرىگە بەلگە قويۇلسا، زىيارەتچىلەر، ھەمبەھىرگە يىزىش ۋە ئۆزگەرتىش مەشخۇلاتىنى قىلالايدۇ. «كۆرسىتىش» (显示) تۈرىدىكى بەلگە ئىلۋىتىلسە، تور خوشنىدا مەزكۇر ھەمبەھىر كۆرۈنمەيدۇ، بىراق ئادىرىس ئارقىلىق زىيارەت قىلسا، نورمال كىرگىلى بولىدۇ.

ناۋادا بۇيرۇق ھالىتىدە تەھرېرلىمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى 1.قۇر بۇيرۇق ئارقىلىق تەھرېرلىسىڭىز ئاندىن 2.قۇردىكى بۇيرۇق ئارقىلىق samba پىروگراممىسىىنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.

gedit /etc/samba/smb.conf
sudo /etc/init.d/smbd restart