بۈگۈن مۇلازىمىتېردا يېڭى ساندان قۇراي دەپ phpmyadmin غا كىردىم بىراق، root نىڭ پارولىنى ھىچ قىلىپ ئەسلىيەلمىدىم. سانداننى قايتا قاچىلاش مومكىن ئەمەس، چوقۇم root پارولىنى تىپىشىم كىرەك ئىدى، ساقلىغان ماتېرىياللىرىمدىكى ئۇچۇرلار كارغا كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ بىر نەچچە قۇر بۇيرۇقنى تىپىۋالدىم.
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2012-02-20 /كۆرۈلۈشى: 30 قىتىم
داۋامى...
مەزكۇر يازما، يولداش ئۇيغۇربەگ ۋە ئۇيغۇربەگلەر سادىر قىلىپ تۇرىدىغان ئورتاق خاتالىق «سانداننى قەرەللىك زاپاسلىماسلىق» قىلمىشىغا قارىتا يىزىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سىز مەيلى قانچىلىك ھۇرۇن بولۇپ كەتمەڭ، WordPress سىزنى ئەيىپلىمەيدۇ، ئەكسىچە سىزگە ۋاكالىتەن بارلىق زاپاسلاش خىزمەتلەرنى ئاپتوماتىك تاماملاپ بىرىدۇ، مەسىلە سىزنىڭ شۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكىڭىزدە.
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2012-02-10 /كۆرۈلۈشى: 167 قىتىم
داۋامى...
يىقىندا مۇلازىمىتېرنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى تەكشۈرۋىتىپ، تۇيۇقسىز مۇلازىمىتېر سېستىمىسىنىڭ، سېستىما مەشخۇلات خاتىرىسى ۋە سېستىما ھالەت خاتىرىلىرىنى يوللاپ بىرىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىغىنى WordPress قاتارلىق تور پىروگراممىلىرىنىڭمۇ ئېلخەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئادەتتە مۇلازىمىتېردىكى ھەر قايسى بۆلەكلەر، مەسىلەن: Apache, FTP, VPN ۋە ساندان مۇلازىمەتلىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكىلات بىرىپ تۇرىدۇ، كاشىلا كۆرۈلگەندە تور باشقۇرغۇچىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، [...]
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2012-02-10 /كۆرۈلۈشى: 63 قىتىم
داۋامى...
كەپتەرخانىدىكى پىشقەدەم كەپتەرلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۋىتىپ، ئىككى يىل بۇرۇنقى دەل مۇشۇ كۈندە ئۇچۇرما بولغان بىر كەپتەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. مانا شۇنىڭ تۈرىتكىسىدە ئاشۇ كەپتەرنىڭ ئاكىسىنى بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە قويۇپ بىرىشنى توغرا تاپتىم. ئىككى يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكسىىدىن بىرى بولغان «3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە» دىگەن نامدا بىر يازما يازغان [...]
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2012-01-26 /كۆرۈلۈشى: 232 قىتىم
داۋامى...
VPN مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە بىر يىتەكلىگۈچكە (路由器) ئوخشاش مۇلازىمەت بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، مۇلازىمىتېرنى بىر يىتەكلىگۈچكە ئايلاندى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. يىتەكلىگۈچنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئىغىز سانى قانچە بولۇپ كەتسۇن، ئادەتتە پەقەت ئىككى خىللا بولىدۇ…
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2011-12-26 /كۆرۈلۈشى: 206 قىتىم
داۋامى...
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تەۋەلىكىدىكى WCDMA تورىنى قوللايغان يانفونلار ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدۇ، ھەم بۇ خىلدىكى يانفونلارغا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ GSM كارتىسىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بىراق WCDMAنى قوللايدىغان يانفونلاردا بىزدە كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان CDMA2000 تورى ياكى دۆلىتىمىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولغان TD-SCDMAنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، قانداق قىلىش كىرەك؟؟؟
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2011-09-01 /كۆرۈلۈشى: 770 قىتىم
داۋامى...
ئىنتېرنېت تورى بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە تور سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقى بەلكىم ھەممەيلەننىڭ بىشىنى ئاغرىتقان بىر مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، دىمىسىمۇ، ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىنمۇ تور سۈرىتىنى تىزلىتىش ھەققىدە يازمىلارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە تور بېكەتلەردە يوللىنىۋاتقان ماقالىلەر، ماھىيەتتە پەقەت كومپيۇتېرنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئانچە- مۇنچە ئۆزگەرتىش، ئەلالاشتۇرۇش ياكى بىزنى ۋاكالەتچى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بىزنى ناھايىتى ئاز بولغان [...]
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2011-06-05 /كۆرۈلۈشى: 1,106 قىتىم
داۋامى...
خوش كەپتەرۋازلار! ئالدىنقى يازمىمىزدا VPN ھەققىدە دەسلەپكى ئۇقۇمغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ئەمدى بۇ يازمىمىزدا VPNنىڭ ئەڭ ئوماق، ئەڭ قولايلىق بىر تۈرى بولغان PPTPغا قانداق ئۇلىنىش (PPTPنىڭ ئابونىت قىسمىنى تەڭشەش)نى ئۆگىنىمىز. ئۆھۆ! بەلكىم ھەممەيلەن ADSLنىڭ ئۇلانمىسى (宽带连接)نى قۇرۇپ باققان. سۆزلىمەكچى بولغان PPTP ئۇلىنىشىمۇ ئوخشاشلا Windows ئائىلىسىدىكى پىروگراممىلاردا تەمىنلەنگەن ئىقتىدار بولۇپ، سىرىتتىن ھەرقانداق پىروگرامما ئىشلىتىش ھاجەتسىز. ئەمىسە [...]
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2011-05-09 /كۆرۈلۈشى: 623 قىتىم
داۋامى...
ئۇ خىزمەت بۇ خىزمەت دەپ كەپتەرخانىغا قاراپ باقمىغىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپ قاپتۇ، بۈگۈن ئەتتىگەندە سەئىدىيە باشكەنىتتە ھاۋا شۇنداق ياخشى تۇرىدۇ، مۇشۇ ساپ ھاۋادىن ئىلھام ئىلىپ، سىمىزرەك گۆش كەپتىرىدىن بىرنى قويۋەتكىم كىلىپ قالدى. قىنى كەپتەرۋازلار دىققەت قىلغايسىزلەر: بۇ زادى قانداق نەرسە؟ خوش، مەزكۇر يازمىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، كەپتەرۋازلارنىڭ سەمىگە بىر نەچچە ئاتالغۇنى سالماقچىمەن. مەسىلەن: قىسمى تور، ئىچكى [...]
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2011-05-09 /كۆرۈلۈشى: 665 قىتىم
داۋامى...
كۆپچىلىكنىڭ يادىدا بولسا كىرەك، ئالدىنقى يازمىمىزدا، Ubuntu ھالىتىدە، Windows تىن ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتنى زىيارەت قىلىشنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، بۇ يازمىدا دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە، Ubuntuدا ھەمبەھىر ھۆججىتى قۇرۇپ، Windows تا زىيارەت قىلىشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى پىقىرنىڭ باشقۇرۇشىدا 15كومپىيۇتېردىن تەركىپ تاپقان، بىر كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى بولۇپ، كومپىيۇتېر سېستىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بارلىق دىسكىلىرى قۇلۇپلانغان ئىدى، ئىشلەتكۈچى [...]
كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / 2011-03-10 /كۆرۈلۈشى: 386 قىتىم
داۋامى...