قوش سىستىما قاچىلانغان كومپىيۇتېردا vista نى ئۆچۈرۈش
دىققەت: بۇ ئۇسۇل C دىسكىغا windows xp قاچىلانغان، D دىسكىغا windows vista قاچىلانغان كومپىيۇتېرغا ماس كىلىدۇ.
1. باسقۇچ:
windows xp ھالىتىدە ئوپتىك قوزغاتقۇچقا (ياكى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا) vistaنىڭ قاچىلاش دىسكېسىنى سالىمىز.
2.باسقۇچ:
«باشلاش» — «ئىجرا قىلىش» كۆزنىكىگە dos بۇيرۇقىنى بىرىپ، dos كۆزنىكىنى قوزغىتىمىز.
3.باسقۇچ:
:G بۇيرۇقىنى بىرىپ ئوپتىك قوزغاتقۇچقا كىرىمىز. (بۇ يەردىكى G نىڭ ئورنىغا سىزنىڭ ئوپتىك قوزغاتقۇچىڭىزنىڭ بەلگېسىنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.)
4.باسقۇچ:
cd boot بۇيرۇقىنى بىرىپ، (ئوپتىك دىسكا ئىچىدىكى) boot مۇندەرىجىسىگە كىرىمىز.
5.باسقۇچ:
bootsect /nt52 SYS بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز. (بىر نەچچە قۇر ئىنگىلىزچە خەتلەر كۆرۈنىدۇ.)
Target volumes will be updated with NTLDR compatible bootcode.
C: (\\?\Volume{6c9bce6b-3e51-11dd-973b-806d6172696f})
Updated NTFS filesystem bootcode. The update may be unreliable since the
volume could not be locked during the update:
Bootcode was successfully updated on all targeted volumes.
6.باسقۇچ:
كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق، سىستىما تاللاش كۆزنىكى كۆرۈنمەيدۇ. بىۋاستە windows xp قوزغىلىدۇ.
7.باسقۇچ: مەنبەسى: بىلىك كۇلۇبى، ئاپتورى: كۆك كەپتەر
windows vista قاچىلانغان رايۇننى فورماتلىۋەتسەكلا بولىدۇ.
مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى














2009/09/02 11:10:44
ئەمدى شۇ Windows XP بىلەن Windows VISTA نى بىرلا رايونغا قاچىلاشنى بىر تەپسىلى دەرسلىك قىلىپ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز …. بۇنداقتا بۇنىڭدىن كىيىن تارقىتىلماقچى بولغان Windows 7 نىمڭ Windows XP بلەن بىرلا رايوندا قوش سېستىما قىلىپ ئىشلەتكىلى بولاتتى ، زاپاسلىساقمۇ ئىككى سېستىمىنى تەڭلا زاپاسلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولاتتى (مەن بۇرۇن Windows98 بىلەن WindowsXP نى بىرلا رايونغا قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاپ باققانتىم ، بىراق ماۋۇ ئىككىسىنى قاچىلىيالمىدىم)
[reply=kokkaptar,2009-09-02 05:46 PM]WindowsXP بىلەن Vistaنىڭ قوزغىلىش ئۇسۇللىرى ۋە قوزغىتىدىغان يىتەكچى ھۆججەتلىرى بىر بىرىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بىر رايۇنغا قاچىلاش مۇۋاپىق ئەمەس.
ئەگەر قاچىلاش كەلسە، ئاۋۋال XPنى ئاندىن Vistaنى قاچىلاپ، Vistaنىڭ سېستىما مۇندەرىجىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىمىز بىكىتىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.
مەن ۋاقىت چىقىرىپ، XPبىلەن Win7نى بىر رايۇنغا قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي. بولۇپ قالسا قاچىلاش ئۇسۇلىنى قالدۇرىمەن. [/reply]
2009/09/02 11:14:49
ھەراست . مۇنۇ مۇنبەرگە قاچانراق تىزىملاتقىلى بولىدۇ ؟ ياخشى بىلىملەرنى ئۈگۈنەي دىسەم ھىچقانداق مۇنبەرلەر ئوچۇق ئەمەس …… مۇنبىرىڭىز ئېچىلىپتىكەن [face41] .لىكىن "ھازىرچە تىزىملاش توختىتىلدى…." دەيدۇ [face10]
[reply=kokkaptar,2009-09-02 05:43 PM]كەچۈرۈڭ. بۇ بىر بىلوگ، مۇنبەر ئەمەس، شۇڭا ئەزا ياكى ئاپتور قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر كومپىيۇتېر ۋە تور ھەققىدە بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىز، سۆز قالدۇرسىڭىز، شۇ ھەقتە تېما يىزىپ ئىلان قىلىپ قويسام بولىدۇ.
قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. [/reply]
2009/09/22 23:47:26
ھازىر تور نورمال بولمىغاچقا Vista نى يېڭىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. ھازىر نورمال بولغان بەزى تور بېكەتلەردە WinXP نىڭ ياماقلىرى تەمىنلىنىپتۇ. Vista نىڭكىنىمۇ تەمىنلىگىلى بۇلارمۇ؟
[reply=kokkaptar,2009-09-23 00:01 AM]بۇنىڭغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ، يىڭى يىپەك يولى ۋە 互联星空 تورلىرىدا مۇشۇنىڭغا دائىر مەزمۇنلار بار. بىراق ئۇلارمۇ تەمىنلىمەپتۇ.[/reply]