Android دىگەننى ئەسلى ‎Ubuntu(Linux)‎ مۇھىتىدا ئوينايدىكەنمىز ئەمەسما!

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2012-01-14 / كۆرۈلۈشى: 437 قىتىم / 12پارچە باھا بار. [مەنمۇ سۆزلەي]

ۋاي ئىسىت Android بىلەن تىغمۇ تىغ ئىلىشىپ، 150 دىن ئارتۇق rom دىكى libskia.so نى ئالماشتۇرىمەن دەپ يانفون سېستىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم! ئەسلى Android دىگەننى Ubuntu دا ئوينايدىغان ئىشكەن ئەمەسما!
ماندا گەپ: recovery نىڭ Share System دەيدىغان بىر ئىقتىدارى باركەنتۇق، USB سىمنى چېتىپ قويۇپ، Share System نى باسسام، «كومپىيۇتېرىم» دا USB  ساقلىغۇچتىن بىرسى پەيدا بولدى، ئاچسام ئېچىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ھۆججەت شەكلىگە قارىسام، RAW ئىكەن، Windows ئەلۋەتتە RAW ھۆججەت سېستىمىسىنى باشقۇرالمايدۇ دە! شۇنىڭ بىلەن Vmware دىكى Ubtuntu نى قوزغىتىپ قارىسام، ئاۋۇ USB ساقلىغۇچنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە كۆرۈنۈپتۇ. بۇنداق كۆرۈنىدىغان ئىش بولسا،  Libskia.so ياكى باشقا ھۆججەتلەرنى مۇشۇ يەردىلا ئالماشتۇرۇپ، ھوقوقنىمۇ مۇشۇ يەردىلا بىرىپ، يانفون كىسەك بولۇپ قالسا، مۇشۇ يەردىلا ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويساق، يانفونغا قايتا سېستىما قاچىلىغىلى سالمايدۇ- ئەمەسمۇ.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، Andorid ئۆزىمۇ Linux ئاساسىدىكى سېستىما بولغاچقا، بۇنىڭغا بولغان نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى Linux ئاساسىدىكى سېستىمىلاردا ئىلىپ بارساق، نۇرغۇن ئىشلار قولايلىشىدۇ، نۇرغۇن ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ دىگەن گەپ.

Windows مەشخۇلات سېستىمىسى FAT تۈرىدىكى ھۆججەت سېستىمىلىرى، NTFS ۋە CDFS نىلا ئوقۇيالايدۇ ۋە باشقۇرالايدۇ. بىراق Linux تۈرىدىكى مەشخۇلات سېستىمىلىرى بولسا، ھازىرغىچە بىز ئاڭلىغان ھۆججەت سېستىمىلىرىغا كۈچى يىتىدۇ. دىمەك، RAW مۇ شۇ قاتاردا بولغان دىگەن سۆز. بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، Ubuntu لا ئەمەس باشقىلىرىدىمۇ بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھۆججەتلەرنى مۇشۇ يەردىلا ئالماشتۇرۇپ، قوزغالمىسا، يەنە مۇشۇ يەردىلا ئەسلىگە قايتۇرۇپ قىلالايمىز ئەمەسمۇ.


بەلكىم، سىز يانفونىڭىزدىكى Recovery دىن Share System بۇيرۇقىنى تاپالمىغان بولۇشىڭىز مومكىن، ئۇنداقتا يانفونىڭىزدا Root ھوقوقىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا تەمىنلەنگەن ئۈچىنجى تەرەپ Recovery نى قاچىلاڭ. شۇندىلا Share System نى كۆرەلەيسىز.

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

 

 

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

12پارچە پىكىر چۈشۈپتۇ.

  1. ئىزدەن
    2012/01/14 17:26:49

    ئەجەپ بىر ئىش، مەنمۇ سىناپ باقمايلا رومنى قايتا قايتا ياندۇرۇپتىمەن، مېنىڭ تېلېفۇنۇمنى ۋىندوۋىستىلا بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟! ئېسىت، روم قاچىلاش، سىناش بىلەن ئۆتكەن ھايات.

    • كۆك كەپتەر
      2012/01/14 17:34:46

      [cy] سىز قايسى Recovry نى ئىشلەتكەن؟ apk نى يوللىۋەتمەمسىز؟ ناۋادا شۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  2. ئىزدەن
    2012/01/14 17:41:46

    مەندىكىسى v5.0.2.7-atrix5 ئىكەن، لېكىن سىستېمىغا ئايرىۋەتكەن بوشلۇق يەنە كۆرۈنمەپتۇ.

    • كۆك كەپتەر
      2012/01/14 21:25:07

      كۆرۈنمەسلىكى مومكىن ئەمەس.

      • ئو.تۇرپان
        2012/01/16 11:51:08

        Recovry نىڭ ھەممە نەشرىدە بولماس. سىزنىڭ قايسى نەشرى ئىدى؟ دەپ بەرسىڭىز بىزمۇ شۇنى ئىشلىتەيلى.

  3. ئەبرار
    2012/01/15 12:47:40

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
    بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ خۇاۋېي 8500نىڭ 2.2 root ھۆججىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار تور مۇڭداشقۇ 1426427948

  4. ئۇيغۇربەگ
    2012/01/18 18:04:11

    ئۇبۇرنىنى ئىشلىتىشنى بىلمىسە كىشى سىزدەك!

  5. ئەخمەتجان
    2012/01/25 20:53:42

    ياخشمۇ سىز كۆك كەپتە ئەپەندى . سىز بىلەن كۇرشدغان جىددى ئىش بار ئىدى . ئالاقىلىشىش ئادىرسڭىزنى قالدۇرسڭىز . مىنىڭ چچ 516627703 .

  6. Bakhtiyar
    2012/02/05 20:39:03

    ئەگەر WIFI ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولسا sshDroid دېتالىنى يانفۇنغا قاچىلاپ ssh ئارقىلىقلا يانفۇندىكى ھۆججەت ئىگىسى ھوقۇقى قاتارلىقلارنى Ubuntu دا باشقۇرسىڭىز تېخىمۇ قولايلىق

    • كۆك كەپتەر
      2012/02/06 16:50:35

      بىراق ئاۋۇ يەر يانفون قوزغالىمىغان ھالەتتە كىرىدىغان يەر.

12 نەپەر تورداش ئىز قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، مەنمۇ مۇنداقلا چىقىپ كەتسەم سەت تۇرار.

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: