Android قا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2011-12-29 / كۆرۈلۈشى: 731 قىتىم / 9پارچە باھا بار. [مەنمۇ سۆزلەي]

ئۇھ… تالاي قىتىملىق سىناشلار، تالاي قىتىم مەغلۇب بولۇش، تالاي قىتىم قايتا سېستىما يىزىش… مانا مۇشۇنداق «تالاي»لار نەتىجىسىدە ماۋۇ يانفون ئۇيغۇرچىنى ئاخىرى نورمال دىگۈدەك تونىدى…
تورداشلارنىڭ يادىدا بولسا كىرەك، ئالدىنقى مەزگىللەردە كەمىنە كۆك كەپتەر جۇڭگو نۇسقىسىدىكى Andorid سېستىمىلىق يانفون motorola me525 بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن ئىدىم، يانفوندا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا Firefox جاھاننامىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى ناھايىتى نورمال زىيارەت قىلغان، ھەرىپلەر شۇنداق نورمال ئىدى. بىراق يانفوندا ئۇيغۇرچىنى تولۇق ئىشلىتىش، ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يىزىش، ھەتتا يانفوننىڭ تىلىنى تولۇق ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىش خىيالى پەقەتلا ئارام بەرمەيۋاتاتتى.
سىز بەلكىم، me525/mb525/defy يانفونلارنىڭ ئۇيغۇرچە سېستىمىسى تارقىتىلدىغۇ؟ دىيىشڭىز مومكىن، توغرا! بىراق يانفونغا قالايمىقان سېستىما قاچىلاش، يانفون سېستىمىسىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا يانفوننىڭ كىيىنكى سۈپەت كاپالىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىشى تۇرغانلا گەپ، بولۇپمۇ جوڭگۇ نۇسقىسىدىكى يانفونلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق.
مانا مۇشۇ مەسىلىلەر تۈپەيلى، ئەسلىدىكى جوڭگۇ نۇسقىسىدىكى سېستىمىنى بۇزۋەتمىگەن ئاساستا ئۇيغۇرچىنى ياخشى تونۇتۇش بىر مەسىلە ھەم زادى ھەل قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈتكەن بىر مەسىلە ئىدى.
جۇڭگو نۇسقىسىدىكى me525 دا ئەسلى چىققان سېستىمىسى Android 2.2.2 بولۇپ، سېستىمىدا باشقا مەسىلىمۇ يوق ئىدى بولمىسا، بىراق بۇ يانفون سېستىمىسىنىڭ 2.3.4 نۇسقىسى چىققانلىقىنى ئاڭلاپ يىزىپ باققۇم كەلدى توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بىر سېستىما ھۆججىتىنى تاپتىم. motorola يانفونلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى سېستىما ھۆججىتى rom شەكىلدە تەمىنلەنمەستىن بەلكى تەگ بولاق (底包) شەكىلدە تەمىنلىنىدىغان sbf ھۆججەتتىن ئىبارەت. شۇڭا بۇنى قاچىلاشتىن بۇرۇن زادى قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مەيلى دەپ قاچىلاپ باقسام، سېستىما نەشىرى 2.3.4 غا كۆتۈرۈلدى بىراق me525 تىپلىق يانفون me525+ غا ئۆزگىرىپ قالدى. مەيلىلا دەۋەتتىم ئىشقىلىپ نىمىلا بولسۇن MB غا ئۆزگىرىپ قالمىسىلا شىركەت تەرەپ سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە بولىۋىرەتتى، پەقەت بولمىسا، بۇنى يەنە يانفوننىڭ ئەسلى 2.2.2 نەشىردىكى سېستىمىغا ياندۇرغىلى بولاتتى. (بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى: جۇڭگو نۇسقىسىدىكى يانفون (国行 ياكى 行货) غا چەتئەل نۇسقىسىدىكى يانفون (水货) نىڭ سېستىمىسىنى قاچىلاشقا بولمايدۇ، ناۋادا قاچىلانسا سۈپەت كاپالىتى ئەمەلدىن قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېستىمىنى ئەسلى ھالەتكە قايتۇرۇشمۇ تەس.)
مانا شۇنداق ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، يانفون ئاخىرىنى سېستىمىسى جۇڭگو نەشىرىدىكى سېستىما پىتى، ئۇيغۇرچىنى نورمال دىگۈدەك تونۇيدىغان ھالغا كەلدى. ناۋادا قىزىقسىڭىز بۇ كۆرەشنىڭ جەريانى نەزىرىڭىزدە بولسۇن. ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مەشخۇلاتىدىن ئاۋۋال قىلىدىغان ئىككى ئىش بار، يەنى يانفوننىڭ root ھوقوقىغا ئىرىشىش ۋە Root Explorer نى قاچىلاش، مېنىڭچە بۇنىڭ سۆزلىگىدەك ھىچقانداق يىرى قالمىدىغۇ دەيمەن. (بۇ يەردە سىناق جەريانىنى يىزىپ ئولتۇرماي، ئاخىرقى جەزىملەشكەن ھالەتنىلا يازىدىم. [ka] )
(دىققەت: تۆۋەندىكى مەشخۇلاتلارنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك مەشخۇلاتلار بولۇپ، يانفونىڭىزنى كىسەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مومكىن. شۇڭا مەشخۇلات قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ياخشى ئويلىشىڭ، زادى مەشخۇلات قىلىمەن دىسڭىز، سېستىمىنى زاپاسلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!)

مانا بۇ يانفونۇمنىڭ ئۇيغۇرچىغا نىسبەتەن ھىچقانداق تونۇتۇش ئىلىپ بارمىغان ھالىتى، سېستىما يۈزىدىكى ھەرىپلەرنىڭ (خەت دىيىشكە پەقەت تىلىم بارمىدى.) ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ناچار، شۇڭا بۇ يەردە چىقىرىشتىن نۇمۇس قىلدىم. [kk]  سېستىما 2.3.4 ھالەتتە:

ئالدى بىلەن فونت قاچىلاشتىن باشلاندى. قايتا- قايتا سىناقلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچىنى تونۇتۇشتا لازىم بولىدىغان فونتنىڭ DroidSansArabic.ttf ناملىق فونت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن نەلەردىندۇر تىپىۋالغان 1.11MB چوڭلۇقتىكى بىر فونتنى قاچىلىدىم، فونتنى قاچىلىغاندىن كىيىنكى نەتىجە تۆۋەندىكىدەك:

ھازىر فونتلا ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخى باشقا ھۆججەتلەر ئالماشتۇرۇلمىغان ئىدى. ئەمدى باشقا ھۆججەت ئالماشتۇرۇش باشلاندى. دەسلەپتە libskia.so ناملىق ھۆججەتنى ئالماشتۇردۇم. ئەھۋالدا خېلى ياخشىلىنىش بولغاندەك قىلىدۇ.

قارىماققا سېستىما بۆلەكلىرى (قىسقا ئۇچۇر)نىڭ ھالىتى كۆپ تۈزىلىپ كەتكەندەك ئىدى. بىراق تور بىكەتنىڭ ئەھۋالىدىن پەقەتلا رازى بولمىدىم. يەنە داۋاملىق ئالماشتۇرۇش، بۇدا ئەمدى libwebcore.so ھۆججېتى ئالماشتۇرۇلدى.

libwebcore.so ئالماشتۇرۇلغاندىن كىيىن، سېستىما بۆلىكىنىڭ ئەھۋالىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بىراق تور بىكەتنىڭ ھالىتى كۆپ ياخشىلانغان. ئۈستىدىكى رەسىمدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلانمىغان ھەرىپلەر يوق، پەقەت «ۆ» ھەرىپىلا نورمال كۆرۈنمىگەن بۇ ئىنىقلا فونتنىڭ كەمچىلىكى ئەمەسمۇ. ئەمدى فونت ئالماشتۇراي، فونت ئىزدەپ قارىسام، كومپىيۇتېرىمدا قايسى كۈنى Android 2.3 سېستىمىلىق Sony WT19i يانفوندىن چىقىرۋالغان 171.40kb چوڭلۇقتىكى DroidSansArabic.ttf فونتى ئۇچىراپ قالدى. (كاساپەت! زاۋۇتتىن چىقىشتىلا ئۇيغۇرچىنى شۇنداق چىرايلىق تونۇغان ئىكەن.) شۇنى ئالماشتۇردۇم.

ئۇھ! ئاخىرى تور بىكەت نورماللاشتى، بىراق قىسقا ئۇچۇرنى كۆرسەم فونتتا ئۆزگىرىش بولغان بىلەن، خەتنىڭ ئۇلىنىشىدا يەنىلا ئۆزگىرىش يوق ئىدى. بىراق ماۋۇ فونت كۆزۈمگە يەنە بىرخىل كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن www.alip.biz دىن 161kb چوڭلۇقتىكى ukij tuz tom دىن ئۆزگەرتىلگەن DroidSansArabic.ttf نى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم.
ئوھوي! ئەمدى ماۋۇ بىر ئۇيغۇرنىڭ يانفونىغا ئوخشىغاندەك قىلامدۇ نىمە.

بىراق قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئەھۋالى يەنىلا باشتىكىدەك، نىمىلا بولمىسۇن، دەسلەپتىكى ھالەتتىن خىلىلا ياخشىلانغان ئىدى. بىراق يەنىلا شۇ «ە، ى» ھەرىپلىرى نورمال ئۇلانمىغان.

كۆك كەپتەرنىڭ تەھلىلى ۋەل ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر:

1. نۇرغۇن تور بىكەتلەردە libicuuc.so نى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە بايانلار بولۇپ، مەن بۇ يانفوندا قايسىسىنىلا ئالماشتۇرسام يەنىلا ئوخشاش ھالەت، قىسقىسى بۇ ھۆججەت ھىچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىپ بىرەلمىدى ياكى مەن بايقىماي قالدىم.
2. بۇ يازمىدا كۆرسىتىلگەن libskia.so بىلەن libwebcore.so نى ئايرىم ئايرىم ئالماشتۇرغاندىكى ئەھۋال بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئالدىنقى ھۆججەت سېستىما بۆلەكلىرىگە (قىسقا ئۇچۇر، تېكىسىت ھۆججەت مەزمۇنى قاتارلىقلار) تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تور بىكەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولمىغان (بىراق يەنىلا ئازراق تەسىر كۆرسىتەلىگەن.) كىيىنكى ھۆججەتنى ئالماشتۇرغاندى كىيىن تور بىكەتنىڭ ھالىتى بىراقلا ياخشىلانغان. ئىشلەتكەن جاھاننامە سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن جاھاننامە ئىدى.
3. نىمىشقا ھەرخىل نەشىردىكى سېستىمىدا چىققان ھۆججەتلەرنىڭ رولى ئوخشىمايدۇ؟ بەزى يانفونلاردا libicuuc بىلەنلا مەسىلە ھەل بولغان بولسا، motorola نىڭ يانفونىدا libskia ۋە libwebcore ھۆججىتى ئىشلىتىلگەن، يەنە كىلىپ ئىككىسىنىڭ تەسىرى ئوخشاش بولمىغان.
4. ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟ نىمىشقا سېستىما نەشىرىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ؟ ھۆججەتلەرنىڭ ئايرىم نەشىرى بولامدىغاندۇ ياكى باشقا سەۋەبمىدۇ؟ مەن بۇ ئىككى ھۆججەتنى motorola mb525 نىڭ 2.2 نەشىردىكى ئەرەپچە سېستىمىسىدىنمۇ ئالدىم، cm سېستىمىنىڭ 4.0 نەشىرىدىنمۇ ئالدىم، نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى يانفوننى كىسەككە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھازىر ئىشلەتكەن ھۆججەتنى قۇتبىلىك ئەپەندىمنىڭ توپىدىن چۈشۈرۋالغان ئىدىم، بۇ ھۆججەتلەرنى زادى قانداق پەرىقلەندۈرۈش كىرەك؟

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

9پارچە پىكىر چۈشۈپتۇ.

  1. ئارامگاھ
    2011/12/29 16:20:02

    مېنىڭمۇ مۇشۇ يانفوننىڭ كورىيە نەشىرى ئىدى ، MIUI نىڭ سېستىمىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم خېلى ياراپ قالدى . باشتا CM7 نى قاچىلاپ ئىشلەتكەن . ماۋۇ MIUI نىڭ بەك چىرايلىق ۋە ئىشلىتىش ئەپلىك ئىكەن .
    [cy]

    • كۆك كەپتەر
      2011/12/29 18:19:02

      مېنىڭمۇ miui نى ئىشلىتىپ بىقىش خىيالىم بار ئىدى، بىراق جوڭگۇ نەشىرىگە miui نى قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنمايدىكەن. سىزنىڭكىدە ئۇيغۇرچە خەت نورمالمۇ؟ مەن دىگىنىم تور بىكەت يۈزىدىكى ئەمەس جۇمۇ.

  2. ئارامگاھ
    2011/12/29 20:33:15

    Firefox تىن باشقا يەردە نورمال ئەمەس ، ئەھۋال سىزنىڭكىگە ئوخشاش .
    جۇڭگو نەشىرىگە Miui قاچىلاش راس تەۋسىيە قىلىنمايدىكەن ، بىر مەزگىلدىن كىيىن Android4.0 نىڭ Defy ئورگان نەشىرى چىقىپ قالامدۇ تېخى.

    PS: ماۋۇ ئىنكاس رايونى نورمال ئەمەسمۇ ؟ ئاستى ئۈستى سىلكىنىپلا تۇرىدىيا؟

    • كۆك كەپتەر
      2011/12/31 21:35:34

      IE دا شۇنداق سىلكىنىدىغان ئەھۋال بار، بولۇپمۇ IE6 دە.

  3. ئەكبەر
    2012/01/24 11:38:53

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆككەپتەر ئەپەندى، تېلېفۇنىڭىزغا ئىشلەتكەن libicuuc.so ھۆججىتىنى ئېلخەت ئادرىسىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن، مىنىڭ تېلېفۇنۇم sony ericsson x8 ئىدى ، نۇرغۇن libicuuc.so ھۆججەتلىرىنى سىنىغان بولساممۇ يانغۇن قوزغالمىدى ، سىز ئىشلەتكەن ھۆججەتنىمۇ سىناپ باقاي. رەھمەت!

  4. abral
    2012/02/05 11:57:21

    ياخشىمۇ سىز كۆك كەپتەر ئەپەندى.
    سىزنىڭ ئالىپ تورىدىكى بىر ئىنكاسىڭىزدا بۇ 526 نى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم دەپسىزكەن. مۈمكىن بولسا ئاخىرقى باسقۇچلىرىنىمۇ دەۋەتكەن بولسىڭىز. مېنىڭ %90 ئەتراپىدا توختاپ قالغان ئىدى.
    ئۇندىن باشقا مېنىڭ تېلېفۇنۇم خاڭخو ئىدى(ساتقۇچى شۇنداق دىگەن، ئىچىدە تورغا كىرىش ئىجازەتنامىلىرى باركەن. ئەمما توردىن رىمۇنت قىلىپ بىرىش ۋاقتىنى تاپالمىدىم، شۇڭا سەل گۇمانىم بار) مۇنىڭ شىياۋمىنىڭ سىستىمىسىنى ھازىرچە قاچىلاشقا بولمايدۇ دەپتۇ. شۇڭا مەن بۇ تېلېفۇننىڭ ئۆز سىستىمىسىنى زاپاسلىۋىلىپ ئاندىن باشقا سىستىما قاچىلاپ باقاي دىگەن. پەۋقۇلئاددە بۇزۇلسا، ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئوڭاي بولار دەپ ئويلىغان، ئەگەر ئۇسۇلىنى بىلسىڭىز بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز. ھەمدە سىزچە بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سىسىتما بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز.

  5. مۇخپۇل
    2012/02/13 14:36:55

    libicuuc.so ھۆججىتى پەقەت CM7 نىڭ ياكى شۇ ئاساسىدا ئىشلەنگەن رومدا ئۈنىمى بولىدۇ ، باشقا رومدا تېلېفۇن سىنىسام تېلېفۇن ئېچىلمايدىكەن .

    • كۆك كەپتەر
      2012/02/13 16:01:22

      2.3.4 دىن يۇقۇرى شىركەت رومىدا سىناق قىلىپ باققان، نورمال ئىشلىگەن. بىراق ئۈنۈمىنى كۆرۈلمىگەن.

9 نەپەر تورداش ئىز قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، مەنمۇ مۇنداقلا چىقىپ كەتسەم سەت تۇرار.

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: