Windows2003 مۇھىتىدا VPNمۇلازىمىتىرى قۇرۇش
ئالدىنقى قىتىم VPN ھەققىدە يازما يوللانغاندىن كىيىن، نۇرغۇن تورداشلار، ئېلخەت ۋە QQ لاردا بۇ ھەقتە بەك كۆپ سۇئاللارنى سوراپ كەتتى. مانا بۈگۈن سەل ۋاقىت چىقىپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە بىر يازما يىزىشنى لايىق تاپتىم.
بۇ يازمىمىزدا Windows مۇھىتىدا قۇرۇلىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان PPTP VPN مۇلازىمىتىرى قۇرۇشنى ئۆگىنىمىز، باشلاپ كەتتۇق- ھە! (ناۋادا VPNنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئابونىت قىسمىنى قانداق تەڭشەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان تورداشلار بولسا، ئالدى بىلەن كونا يازمىلارنى بىر ئاقتۇرۇپ چىققاي. )
Windows مۇھىتىدا VPN مۇلازىمىتىر قۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەن بولغاندا Windows Server 2003 مەشخۇلات سېستىمىسى بولۇشى كىرەك، ئەلۋەتتە Windows Server2000 مۇھىتىدىمۇ قۇرۇشقا بولىدۇ، بىراق شىركەت تەرەپ ئاللىبۇرۇن توختاتقان مەشخۇلات سېستىمىسى بولغاچقا، ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. Windows Server 2008 بولسا تېخىمۇ ياخشى جۇمۇ.
VPN مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە بىر يىتەكلىگۈچكە (路由器) ئوخشاش مۇلازىمەت بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، مۇلازىمىتېرنى بىر يىتەكلىگۈچكە ئايلاندى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. يىتەكلىگۈچنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئىغىز سانى قانچە بولۇپ كەتسۇن، ئادەتتە پەقەت ئىككى خىللا بولىدۇ، يەنى WAN ۋە LAN ئېغىزىدىن ئىبارەت، بۇلاردىن WAN ئېغىزى كىرىش ئىغىزى، LAN ئېغىزى چىقىش ئېغىزى بولىدۇ، يەنى WAN ئېغىزىدىن كىرگەن ئۇچۇرلار، تاسقاش، چەكلەش ۋە كۆپەيتىش قاتارلىق بىر قاتار جەريانلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن، LAN ئېغىزىغا يەتكۈزىلىدۇ.
ئەسلى گىپىمىزگە كەلسەك، ئادەتتە مۇلازىمىتېردا ئىككى دانە تور كارتىسى بولغان ھالەتتە بىرسى WAN بولسا، يەنە بىرسى LAN بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بىراق ھەممە مۇلازىمىتېردا ئىككى پارچە تور كارتىسى بولۇشى ناتايىن، بۇنداق ھالەتتە قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەمەلىيەتتە بىرلا تور كارتىسى بولغان ھالەتتە، بىر پارچە تور كارتىسىنى ھەم LAN ھەم WAN ئىغىز قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش جەريانى قولايلىشىدۇ. ئەمدى تەپسىلاتىغا قۇلاق سالايلى:
Windows2003 مەشخۇلات سېستىمىسى قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، «باشلاش» (开始) — «پىروگرامما» (程序) نىڭ ئىچىدىكى «باشقۇرۇش قوراللىرى» (管理工具)نىڭ ئىچىدىن «يىتەكلەش ۋە يىراقتىن زىيارەت» (路由和远程访问) پىروگراممىسى قوزغىتىمىز.
بۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمىتېر ئىسمى كۆرۈنىدۇ. مۇلازىمىتېر ئىسمى ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن «يىتەكلەش ۋە يىراقتىن زىيارەتنى تەڭشەش ۋە قوزغىتىش» (配置并启用路由和远程访问) نى باسىمىز.
چىققان كۆزنەكتە «كىيىنكى قەدەم» (下一步)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
بىزنىڭ قۇرماقچى بولغىنىمىز تاق تور كارتىلىق VPN بولغاچقا، بۇ كۆزنەكتە «ئىختىيارى تەڭشەش» (自定义配置)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرىمىز.
«ئىختىيارى تەڭشەش» تۈرلىرىنىڭ ئىچىدىن «VPNزىيارىتى» (VPN访问)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرىمىز.
تەڭشەلگەن تۈرلەرنى جەزىملەشتۈرۋەتكەندىن كىيىن، مەشخۇلاتنى تاماملايمىز.
تاماملاش بۇيرۇقى بىرىلگەندە، سېستىما بىزدىن «يىتەكلەش ۋە يىراقتىن زىيارەت» مۇلازىمىتىنىڭ قاچىلىنىپ بولغانلىقى، قوزغىتىش كىرەكلىكىنى سورايدۇ. ئادەتتە Windows Server 2003 نىڭ SP2 نۇسقىسىدىن باشلاپ مەزكۇر مۇلازىمەت قاچىلانغان ھالەتتە چىقىدۇ، ناۋادا قاچىلانمىغان بولسا، سېستىمىنىڭ قاچىلاش دېسكىسى سالساق، ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ.
مۇلازىمەت قاچىلىنىپ بولۇنغان بولسا، قوزغىتىشقا بىر ئاز ۋاقىت كىتىدۇ. سەل ساقلاپ تۇرساقلا كۇپايە.
كۆزنەكتىكى مۇلازىمىتېر ئىسمىنىڭ ئاستىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇلىنىش ئېغىزى قاتارلىق تەپسىلىي بۆلەكلەر كۆرۈنگەن بولسا، VPN مۇلازىمىتى قاچىلىنىپ ۋە قوزغىتىلىپ بولدى دىگەن سۆز. ئەمدى خاتىرجەم ئىشلەتسەك بولىدۇ.
خوش، VPN مۇلازىمىتىگە ئىرىشكەندىن كىيىن، ئىشلىتىش جەريانىدا دۇچ كىلىدىغان مەسىلىلەر نۇرغۇن بولۇپ، تۆۋەندە ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان ئىككى مەسىلىگە جاۋاب بىرىلىدۇ:
سۇئال: VPNمۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە ئابونىت تەرەپ ئىشلىتىدىغان ئىسىم ۋە پارولنى قانداق بەلگىلەيمىز:
جاۋاب: ئابونىتچى تەرەپلەر VPN گە ئۇلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىناۋەتلىك بولغان ئىسىم ۋە پارول كىرگۈزۈشى كىرەك، بولمىسا مۇلازىمىتېر بىلەن ئۇلىنىش مەغلۇپ بولىدۇ. ئابونىت تەرەپ كىرگۈزىدىغان ئىسىم ۋە پارول مۇلازىمىتېردە ئالدىن بەلگىلەپ بىرىلىدىغان بولۇپ، مۇلازىمىتېرغا قوشۇلغان ئەزالىق ئىسمى ۋە پارولنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى مۇلازىمىتېرنىڭ تىزگىن تاختا ئىچىدىكى ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش كۆزنىكىدىن قوشساق بولىدۇ. بىخەتەرلىك ئۈچۈن، قوشۇلغان ئىسىم ۋە پارولغا ھىچقانداق ئەزالىق گۇرۇپپىسى بەلگىلەنمەيدۇ.
سۇئال: مېنىڭ مۇلازىمىتىرىم قىسمى تورغا قويۇلغان مۇلازىمىتېر بولۇپ، يىتەكلىگۈچ (路由器) ئارقىلىق تورغا چىقىدۇ. مەن سىرىتتا VPN مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ قىسمى تورغا كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كىرەك؟
جاۋاب: VPN مۇلازىمىتى باشقا WEB ياكى FTP مۇلازىمىتى بىلەن ئوخشاش بىر ئۇلىنىش ئىغىزى ئارقىلىق سىرىتقا تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، كەپتەرخانىدا ئىلگىرى سۆزلەنگەن «ئۆز مۇلازىمىتىرىمىزدىكى تور مۇلازىمىتىنى سىرىتقا تەمىنلەش تېخنىكىسى» ئارقىلىق TCP نىڭ 1723 ئېغىزىنى سىرىتقا تەمىنلەپ بەرسەكلا بولىدۇ.
مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى























2011/12/26 16:45:50
ئالتۇننىڭ قەدىنى زەگەر بىلىدۇ، ئەخلەتنىڭ قەدىنى پەگا بىلىدۇ…
ماۋۇ دىۋاننىڭ قەدىنى قۇتبىلىك بىلىدۇ.
2011/12/28 10:39:40
ئابۇنىت ئۇلانمىسىدىكى مۇلازىمىتىر ئىسمى ياكى ئادرىسى دىگەن يەرگە نىمە يىزىشنى قانداق بەلگىلەيمىز ؟
2011/12/28 22:51:13
مۇلازىمىتېر تەرەپنىڭ ip ئادىرىسىنى يازىمىز.
2011/12/29 15:47:37
مۇلازىمىتىرنىڭ ip ئادرىسى قانداق بەلگىلىنىدۇ ؟ ئۆزىمىز بەلگىلەيمىزمۇ ياكى سىستىما تەرپىدىن بەلگىلىنەمدۇ؟
يەنە بىر گەپ بۇ vpn غا قاتتىق دىتال كىتىدۇ دەۋاتاتتىڭىز غۇ شۇ توغۇرلۇقمۇ ئازراق مەلۇمات بەرسىڭىز رەھمەت ئاۋارەقىلدىغان بولدۇم
2011/12/29 18:17:28
مۇلازىمىتېرنىڭ ip ئادىرىسى شۇ مۇلازىمىتېر تورغا ئۇلانغاندىكى ip ئادىرىس شۇ. قاتتىق دىتال ھەققىدە دەسلەپكى تىمىغا دىققەت قىلىڭ. بىز چۈشەندۈرگىنىمىز قاتتىق دىتال كەتمەيدىغىنى.
2012/01/03 18:29:21
ئىلتىماس
تىخىمۇ تەپسىلى چۈشۈندۈرۈپ قويغاقبولسىڭىز بوپتىكەن
2012/01/06 09:48:45
كۆك كەپتەر ئەپەندى ، ياخشىمۇ سىز ؟ مەن مۇلازىمېتىر ھەققىدىكى بىلىملىرىڭىزنى ئىزچىل كۆرۈپ ، پايدىلىنىۋاتىمەن . بولسا مۇشۇ ھەققىتىكى بىلىملىرىڭىزنى توپلاپ بىرەر پارچە ئېلىكتىرونلوق كىتاب قىلىپ ئىشلىسىڭىز قانداق …
يەنە بىر تەكلىپ : يوقاردا سۆزلەنگەن مەزمۇندا سەل تولۇقلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار بارئىكەن . كۆپ سانلىق تورداشلا بۇجەھەتتە ساۋاتسىز دىيىشكە بولىدۇ ، شۇڭا سەل تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز .