4Gكۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە
كەپتەرخانىدىكى پىشقەدەم كەپتەرلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۋىتىپ، ئىككى يىل بۇرۇنقى دەل مۇشۇ كۈندە ئۇچۇرما بولغان بىر كەپتەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. مانا شۇنىڭ تۈرىتكىسىدە ئاشۇ كەپتەرنىڭ ئاكىسىنى بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە قويۇپ بىرىشنى توغرا تاپتىم.
ئىككى يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكسىىدىن بىرى بولغان «3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە» دىگەن نامدا بىر يازما يازغان ئىدىم. ئاشۇ 3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىن بەھىرلىنىپ يۈرگەن ئىككى يىل ئىچىدە، دۆلىتىمزنىڭ كاتتا مەرىكىلىرىدىن «شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى» ۋە «جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈلدى، ئەلۋەتتە دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكىلار قاتارىدا «4G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكسىى» دەيدىغان ئاتالغۇلارمۇ پەيدا بولدى. كەمىنە ئالاقە تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا زىيادە قىزىققىنىم تۈپەيلى بۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىشكە مۇۋەپپىق بولدۇم، نۆۋەتتە بۇ تېخنىكىدىن بەھىرلىنىشكە شارائىت يار بەرمىگەن بولسىمۇ، چۈشەنچەم ئاساسىدا كۆپچىلىككە بىر يازما سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.
4G دىگەن زادى نىمە؟
4G دىگىنىمىز، تۆتىنجى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى بولۇپ، 3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە WLAN سىمسىز قىسمى تور تېخنىكىسىنىڭ بىرىكىشى نەتىجىسىدە يۇقۇرى سۈپەت ۋە يۇقۇرى ئىنقلىقتىكى سۈرەتلەرنى يوللاش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. 4G تېخنىكىسى ئىشلەتكۈچىلەرنى نۇمۇر بۇراپ تورغا چىقىش تېخنىكىسىدىن 2000ھەسسە تىز بولغان 100Mbps لىق چۈشۈرۈش ۋە 20Mbps لىق يوللاش تۋخنىكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا 4G تېخنىكىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىمسىز توردىكى بارلىق ھاجەتلىرىدىن چىقالايدۇ دىگەن سۆز.
ئەلۋەتتە، ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان باھا مەسىلىسىدە 4G مۇلازىمىتى بىلەن سىملىق كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ باھاسىنىڭ كۆپ پەرىقلەنمەيدىغانلىقى بايان قىلىندى. 4G مۇلازىمىتىنى DSL ياكى سىملىق تىلىۋىزىيە تورى قاپلانمىغان رايونىلارغىمۇ كىڭەيتىشكە بولىدىغان بولۇپ، تورنىڭ قاپلىنىشى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىرىشەلەيدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيادا يولغا قويۇلۋاتقان 4G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىن Long-Term Evolution يەنى (LTE) تېخنىكىسى، HSPA+ ۋە WiMax تېخنىكىسى بار بولۇپ، بىز بۇ ئۈچ تېخنىكىنىڭ تەپسىلىي تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرىگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمىز. ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا WiMax تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كىلىشى بىر قەدەر بالدۇر بولۇپ، بەزى رايونلاردا خۇددى WCDMA تېخنىكىسىدەكلا ئالقىشقا ئىرىشكەن. كەمىنە كۆك كەپتەرمۇ بۇ تېخنىكا ھەققىدە ئانچە مۇنچە ماتېرياللارنى كۆرگەن ئىدىم. بىراق IBM نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشچە %67 تور كارخانىسى LTE تېخنىكىسىنى تاللاشنى ئويلاشقان بولۇپ، بۇ LTE تېخنىكىسىنىڭ نۇرغۇن ئىلغار تەرەپلىرىگە چىتىلىدىكەن، پەقەت %8 تور كارخانىسىلا WiMAX تېخنىكىسىنى تاللىغان، بۇنداق بولۇشى بەلكىم بۇ تېخنىكا ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئەڭ تىز سۈرئەتلىك تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلاشقان بولۇشى مومكىن. بىراق بىر ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ تاللايدىغىنىمىز ئەلۋەتتە تىز بولۇپلا قالماي يەنە مۇقىم بولغان تور مۇلازىمىتىدۇر.
خۇددى رايونىمىزدايولغا قويۇلۋاتقان WCDMA مۇلازىمىتىدە خېرىدارلار 21M لىق تور سۈرئېتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسلىدىكى پىشىپ يىتىلگەن CDMA مۇلازىمىتى ئاساسىدىكى 3G مۇلازىمىتىنىڭ يەنىلا ئالقىشقا ئىرىشۋاتقانلىقى بۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بىرەلىشى مومكىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزمۇ LTE تېخنىكىسى ئاساسىدىكى TD-LTE تېخنىكىسىنى تاللىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا ھازىر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدا تەتقىق قىلىنۋاتىدۇ، دىمەك بىزنىڭ ئالدى بىلەن ئۇچىرىشىدىغىنىمىز TD-LTE تېخنىكىسى بولىدىغانلىقى تەبىيلا…
پىقىرنىڭ قولىدىكى تېخنىكىلىق ماتېرياللاردا بۇ تېخنىكا ھەققىدە نۇرغۇنلىغان بايانلار بار بولسىمۇ، شارائىت چەكلىمىلىكى تۈپەيلى بۇ تېخنىكا بىلەن ئۇچىرىشىشقا ھازىرچە ئامالسىز، شۇڭا بىۋاستە تەسىراتقا ئىرىشمەي تۇرۇپ كۆپ سۆزلەشنى لايىق تاپمىدىم. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆز ئالدىمىزدىكى تور تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا بىزنى ئىنتايىن مەمنۇن بولغۇدەك تور سۈرئېتى ۋە قولايلىق مۇلازىمەتلەرگە ئىرىشتۈرىدىغانلىقى ئىنىق.
مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى














2012/01/27 13:59:24
3G نىمۇ ئىشلىتىپ باقماپتىمەن.![[yhn]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/yhn.gif)
2012/01/27 20:18:58
ۋاي تېخى 3G نىمۇ كۆرەپ باقمىغان گەپما؟ رەسمىي out بوپلا جۇما.![[cy]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/lol.gif)
2012/01/28 11:11:36
بۇ 4G نى كومپىيوتىرغا چىتىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ ۋاقىت – سىغىم چەكلەىمىسى بارمۇ؟
2012/01/30 20:46:19
ھەر قانداق تور تېخنىكىسى يانفون ۋە كومپىيۇتېرغا ئورتاق بولغۇسى.
2012/01/31 21:36:45
توۋا، 3g,3Gدېسە باش بولۇپ توۋلىدۇق، ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بولغىچە 4gچىقىپتۇ، ئىشىنى قىلسۇن ئاۋا…
2012/02/17 12:55:21
مۇشۇ 4G دېگەننى ئانچە چۈشىنىپ كېتەمىگەنتىم. بۇ يازمىنى ئوقۇپ سەل ئۇقۇم پەيدا بولدى. راس كۈچلۈككەن جۇمۇ بۇ…