سودا- سانائەت بانكېسىنىڭ تور بانكا كەسپى ھەققىدە چۈشەنچە

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2009-01-22 / كۆرۈلۈشى: 401 قىتىم / 7 پارچە باھا [مەنمۇ سۆزلەي]
 

سودا- سانائەت بانكېسىنىڭ تور بانكا كەسپى ھەققىدە چۈشەنچە

كۆپلىگەن تورداشلارغا مەلۇملۇق بولغان تور بانكا كەسپى بولسا ئۇچۇر تىخنىكېسىنىڭ يۇقۇرى تىخنىكا ئارقىلىق پۇل- مۇئامىلە كەسپى بىلەن زىچ باغلىنىشى ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغان كەسىپ بولۇپ، بىزنى كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپلا مال سىتىۋىلىش، تۈرلۈك ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ كەسىپ بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار بۇ كەسىپتىن ئوبدان پايدىلىنىپ كىلۋاتقان بولسىمۇ، مەشخۇلات تەرتىپلىرىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇشى تۈپەيلىدىن يەنىلا بىر قىسىم قىينچىلىقلارنى كەلتۈرمەكتە. مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر تىمىنى يىزىپ چىقتىم.

ھازىر شەخىسلەر تور بانكا كەسپىنى ئۈچ خىل كەسىپ تۈرى ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، بۇ تۈرلەر:
1. ئادەتتىكى چىقىم پارولى (支付密码) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
2. ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسى (动态电子口令卡) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
3. قارانچۇق (U盾) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى

بۇ كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە چىقىم پارولى (支付密码) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى، توردىلا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان تۈر بولۇپ، بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىلىرى بولسىلا، سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ تور بىتىدە ئىلتىماس قىلىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئارتۇقچىلىقى: بارلىق مەشخۇلاتلار ئۆزىڭىزنىڭ قولى ئارقىلىق تاماملىنىدىغان بولۇپ، سىزنى بانكىغا بىرىپ، تور بانكا كەسپىنى بىجىرىش ئاۋارىچىلىقىدىن خالاس قىلىدۇ. ھەر قانداق قوشۇمچە رەسمىيەت ئۆتەش ھاجەتسىز.
كەمچىلىكى: بىر كۈنلۈك ئومومى چىقىم سوممېسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300يۈەندىن ئىشىپ كەتمەسلىك كىرەك.
كارتا نۇمۇرى، تور بانكىسى پارولى بىلەن چىقىم پارولى ئاشكارىلىنىپ قالسىلا، ھىساباتىمىزغا خەۋىپ يىتىش ئىھتىماللىقى بار.
بۇ تۈر يانفۇن ھەققى تاپشۇرۇش، باج تاپشۇرۇش، ئىمتاھان تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق ئاز سوممىلىق ھىساباتلارنى ئىلىپ بارىدىغانلارغا ماس كىلىدۇ.

ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسى (动态电子口令卡) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى

بۇ تۈر بولسا، ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان تۈر بولۇپ، بىجىرىلگەندىن كىيىن، قولىمىزغا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كارتا بىرىلىدۇ. تور بانكىسى كەسپى ئىلتىماس قىلغاندىلا ئىچىۋىتىلگەن بولۇپ، سودا- سانائەت بانكېسىنىڭ تور بىتى ئارقىلىق بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئارتۇقچىلىقى: ھىسابات بىر قەدەر بىخەتەر بولۇپ، ھەر بىر چىقىم ئىلتىماس سۇنۇلغاندا، كارتا يۈزىدىكى ئوخشىمايدىغان ئىككى گۇرۇپپا ساننى پارول قىلىپ كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارول كارتىسى بولمىسىلا ھىساباتقا خەۋىپ يەتمەيدۇ.
سىستىمىغا نىسبەتەن ھىچقانداق ئالاھىدە تەلەپ يوق بولۇپ، ھىچقانداق قوشۇمچە قورال قاچىلاش، ھاجەتسىز، ھەر قانداق جايدا تىزلا ھىسابات قىلىشقا بولىدۇ. بىجىرىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بىر قىتىملىق چىقىم 1000يۈەن، بىر كۈنلۈك ئومومى چىقىم 5000يۈەن بولۇپ، ئوتتۇرھال ھىسابات قىلىشقا يىتەرلىك.
كەمچىلىكى: چوقۇم بانكا ئارقىلىق بىجىرىشكە توغرا كىلىدۇ.

قارانچۇق (U盾) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى

بۇ تۈر ھازىر بانكا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلۋاتقان، بىخەتەر تۈر بولۇپ، بىجىرىلگەندىن كىيىن قولىمىزغا USBبارماق دىسكا شەكلىدىكى قارانچۇق (U盾) بىرىلىدۇ.

قارانچۇق بولسا، پارول باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى يولغا قويغان، رەقەملىك گۇۋھنامە مەركىزى باشقۇرىدىغان رەقەملىك گۇۋاھنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، رەقەملىك گۇۋاھنامىدە ئىشلەتكۈچىگىلا خاس بولغان شەخسى ئۇچۇرلار ساقلىنىدۇ. سىستىما مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەپ، مۇناسىپ مەشخۇلات دائىرىسىنى بىكىتىپ بىرىدۇ. رەقەملىك گۇۋاھنامىنى رەقەملىك گۇۋاھنامە مەركىزى ھوقوق بەرگەن ئورۇنلارلار تارقىتالايدىغان بولۇپ، ئۇچۇرلار مۇتلەق مەخپىيەتلىك كاپالىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.

ئارتۇقچىلىقى: ھىسابات بىخەتەر بولۇپ، تور بانكىسدا ھەر بىر چىقىم ئىلتىماس سۇنۇلغاندا، قارانچۇق سىلىش ۋە قارانچۇق پارولىنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. چىقىمغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ. يۇقۇرى سوممىلىق ھىسابات قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
كەمچىلىكى: 2.تۈرگە ئوخشاشلا بانكا ئارقىلىق بىجىرىشكە توغرا كىلىدۇ. بىجىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، سىستىمىغا بىر قاتار قوشۇمچە پىروگراممىلارنى قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ. قارانچۇقنى ئىلىپ يۈرۈش بىئەپ، قارانچۇق نەخ بولمىسا تور بانكىسىدا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىن باشقا ھىچقانداق مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلمەيسىز.

تور بانكا كەسپىنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن سىستىمىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر:
مەشخۇلات سىستىمېسى Windows2000 SP4 تىن يۇقۇرى بولۇشى كىرەك، Vista دا ھازىرچە قوزغىتىش پىروگراممىسى تەمىنلەنمىگەن بولۇپ، WindowsXPنىڭكىنى ئامال قىلىپ تونۇتۇشقا بولىدۇ.
جاھاننامە InternetExplorerنىڭ نەشىرى 6.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولۇشى كىرەك.
مەن WindowsXP ھالىتىدە Firefox تا ئىشلىتىپ باقتىم، نورمال كىرەلمىدى.

بۇ شەرىتلەر ئادا بولسىلا، بىرىنجى ۋە ئىككىنجى تۈرلۈك تور بانكا مۇلازىمىتىنى نورمال ئىشلىتەلەيسىز. ئۈچىنجى تۈرلۈك مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە كومپىيۇتېرنىڭ USB ئىغىزى نورمال ئىشلەيدىغان بولۇشى كىرەك.

تۆۋەندە بىرىنجى ۋە ئۈچىنجى تۈردىكى تور بانكا كەسپىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرىلىدۇ.

ئادەتتىكى چىقىم پارولى (支付密码) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى

سودا- سانائەت بانكېسىنىڭ تور بېتى ئىچىلغاندىن كىيىن، 个人网上银行 كۇنۇپكېسىنى چىكىمىز.

个人网上银行 غا كىرگەندىن كىيىن، دەسلەپ ئېچىلغاندا تۆۋەندىكىچە ئەسكەرتىمە بەت ئېچىلىدۇ. بىرىنجى خىل تور بانكا كەسپىنىڭ بۇ بەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا بىۋاستە 登录 نى بىسىۋەتسەك بولىدۇ.

登录 بىسىلغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىچە كىرىش ۋە تىزىملىتىش بىتى كۆرۈنىدۇ. بىز 网上银行自助注册 نى باسىمىز.

网上银行自助注册 بىسىلغاندىن كىيىن، ئۆزى تىزىملاتقۇچىلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار كۆرۈنىدۇ. بىز بۇ يەردە 注册个人网上银行 كۇنۇپكېسىنى باسىمىز.

كىيىنكى بەتتە تىزىملىتىش كىلىشىمى كۆرۈنىدۇ. بىز 接受此协议نى چەككەندىن كىيىن، تۆۋەندىدەك بەت كۆرۈنىدۇ.

كارتا نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، تەپسىلى ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش بېتى كۆرۈنىدۇ.

بىز بۇ يەردە تەپسىلى ئۇچۇرلارنى كىرگۈزگەندىن كىيىن، ئۇچۇرلار توغرا بولسا، كىيىنكى بەتتە چىقىم پارولى (支付密码) بىكىتىش بېتى كۆرۈنىدۇ. پارول بىكىتىلگەندىن كىيىن، سىزنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئىلتىماس قىلىش تەلىپىڭىز ئورۇندالغان بولىدۇ. ئەمدى بۇ بەت ئارقىلىق كىرىپ، تور بانكىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، ھەر قىتىم كارتىدىن پۇل چىقىم قىلغاندا، سىزدىن چىقىم پارولى كىرگۈزىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

قارانچۇق (U盾) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى

بۇ مۇلازىمەتنى ئاچتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال باش تىمىدا دىيىلگەن، كومپىيۇتېر ۋە سىستىمىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنىڭ ئورۇندالغان ياكى ئورۇندالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز، تەلەپلەر ئورۇندالغاندىن كىيىن، دەسلەپكى تەڭشەشنى باشلايمىز.
سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ تور بىتىگە كىرگەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇندىن 安装 بۇيرۇقىنى باسىمىز.
(بۇ بەت 个人网上银行 غا تۇنجى قىتىم كىرگەن ۋاقىتتىمۇ كۆرۈنىدۇ. تەڭشەشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قاچىلاش مەشخۇلاتىنى تاماملۋالغان ياخشى.)

安装 بىسىلغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىچە بەت ئېچىلىدۇ. بىز بۇ بەت ئارقىلىق ئالدى بىلەن شەخىسلەر تور بانكېسىنىڭ كونتىروللار توپلىمى ۋە ئۆزىمىزنىڭ قارانچۇقىمىزغا ماس كىلىدىغان قوزغىتىش پىروگراممىسىنى تىپىپ قاچىلايمىز.
چەكسىڭىز قاچىلاش بېتى ئېچىلىدۇ
ئالدى بىلەن 个人网上银行控件 نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. (قاچىلاش ئۇسۇلى چۈشۈرگەن بەتتە كۆرسىتىلگەن.)
ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ قارانچۇقىمىزغا ماس كىلىدىغان قوزغىتىش پىروگراممىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسەك ئىشەنچىلىكرەك بولىدۇ.

قاچىلايدىغان پىروگراممىلار تولۇق قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئەمدى باش بەت ئارقىلىق تور بانكىسىغا كىرىپ، قارانچۇققا تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز.

تور بانكىسىغا تۇنجى كىرگەن ۋاقىتتا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىمە كۆزنەك كۆرۈنۈپ، بىزگە رەقەملىك گۇۋاھنامىنى قاچىلايدىغان قاچىلىمايدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. بىز «ھەئە» دەپ جاۋاب بىرىمىز.

رەقەملىك گۇۋاھنامە قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، تىزىملىكتىن U盾管理 دىگەن تىزىملىكىنى چىكىمىز. چىققان تىزىملىكتىن U盾自助下载 بۇيرۇقىنى باسىمىز.

چەككەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك بەت كۆرۈنىدۇ. بۇ بەت كۆرۈنگەندىن كىيىن بىز قارانچۇقنى USB ئىغىزىغا سىلىپ، قارانچۇق ئۆزىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممسىنى ئىزدەپ تىپىپ بولغاندىن كىيىن، 开始下载 بۇيرۇقىنى باسىمىز.

开始下载 نى باسقاندىن كىيىن، سىستىما بىزدىن گۇۋاھنامە پارولىنى بىكىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

گۇۋاھنامە پارولى بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن، سىستىما بىر كىچىك كۆزنەكتە بىزدىن ئالتە خانىدىن سەككىز خانىغىچە بولغان ئارىلىقتا (رەقەمدىنلا تۈزۈلگەن) PIN نۇمۇرى يەنى قارانچۇق پارولى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

پارول كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنلا بىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرغا ئىرىشىمىز، بۇ چاغدا بىز قارانچۇقنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەڭشەپ بولغان بولىمىز.

قارانچۇق تەڭشىلىپ بولغاندىن كىيىن، نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قايتا تەڭشەش بىھاجەت. ھەر قىتىم كارتىدىن چىقىم قىلغاندا سىستىما بىزدىن قارانچۇقنى سىلىشنى ۋە بىكىتكەن قارانچۇق پارولىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەگەر سىز باشقا كومپىيۇتېردا قارانچۇقنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، 个人网上银行控件 بىلەن قارانچۇق قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىزلا نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

7 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپتۇ، تالاشتا قالدى مانا!

  1. bulut
    2009/09/03 10:18:58

    مەنمۇ سودا-سانائەت بانكىسى بىلەن يىزا ئىگىلىك بانكىسنىڭ تور بانكا مۇلازىمتىنى بىجىرگەن ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن

  2. turahun
    2009/09/12 21:47:15

    بەك ئەتراپلىق يۇزۇلۇپتۇ ياخشىكەن

  3. baqka
    2009/09/13 01:16:39

    بۇ بەك قولايلىق.

  4. [b]ھەۋەسكار[/b]
    2009/09/22 11:52:06

    بەك ئەتراپلىق يوللاپسىز، قولىڭىز ھارمىغاي، رەھمەت سىزگە؛ مەن مۇشۇ كەسپنى بىجىرەي دىگەن،لېكىن ئىشلىتىشنى بىلمىگەندىكىن بىجىرمىگەن ئىدىم، ئەمدى ئۆگىنىۋالدىم.
    [reply=kokkaptar,2009-09-22 01:00 PM]قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.[/reply]

  5. qughluk
    2009/09/24 17:06:26

    بۇ مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق باشقا بانكا كارتىلىرىغىمۇ پۇل ئەۋەتكىلى بولامدۇ
    [reply=kokkaptar,2009-09-24 06:59 PM]بولىدۇ.[/reply]

  6. royapqi
    2011/05/23 23:22:09

    مەن پەقەت ئىشلىتىشنى ئۇقمىدىم،ھەرقتىم مەشغۇلات قىلاي دېسەملا pin مەخپى نومۇرىنى سوراپ تۇرىۋالىدۇ،بىجىرگەن چاغدا نېمىنى دەپ بەرگەن بولغىيتتىم،ئېسىمدە قالماپتۇ،ئۈچ قېتىم كرگۈزۈپ بولغاندا 5 قتىمغا يەتسە توڭلىتىۋېتلىدۇ،دەپ چىققان ئىدى،شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالدىم،بىر يول كۆرسىتىڭە .

    • كۆك كەپتەر
      2011/05/25 11:19:43

      pinنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، بانكا بەلگىلەپ بەلمەيدۇ. تور بانكىنى پەقەتلا ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىز، ئاۋۋال تور بانكىسىغا تىزىملىتىپ كىرىپ، U盾下载 مەشخۇلاتى قىلىسىز.

7 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپ بولدى، چاققان بولمامسىز؟

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: