WindowsXPمۇھىتىدا VPNئابونىت ئۇلانمىسى قۇرۇش

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2011-05-09 / كۆرۈلۈشى: 653 قىتىم / 12 پارچە باھا [مەنمۇ سۆزلەي]
 

خوش كەپتەرۋازلار! ئالدىنقى يازمىمىزدا VPN ھەققىدە دەسلەپكى ئۇقۇمغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ئەمدى بۇ يازمىمىزدا VPNنىڭ ئەڭ ئوماق، ئەڭ قولايلىق بىر تۈرى بولغان PPTPغا قانداق ئۇلىنىش (PPTPنىڭ ئابونىت قىسمىنى تەڭشەش)نى ئۆگىنىمىز. ئۆھۆ! [wx]

بەلكىم ھەممەيلەن ADSLنىڭ ئۇلانمىسى (宽带连接)نى قۇرۇپ باققان. سۆزلىمەكچى بولغان PPTP ئۇلىنىشىمۇ ئوخشاشلا Windows ئائىلىسىدىكى پىروگراممىلاردا تەمىنلەنگەن ئىقتىدار بولۇپ، سىرىتتىن ھەرقانداق پىروگرامما ئىشلىتىش ھاجەتسىز. ئەمىسە باشلايلى!

ئالدى بىلەن «تور قوشنا» (网上邻居)نىڭ «خاسلىقى» (属性) ياكى تىزگىن تاختىغا كىرىپ، «يېڭىدىن تور ئۇلانمىسى قۇرۇش» كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

 

 

چىققان كۆزنەكتىن «خىزمەت ئورنۇم تورىغا ئۇلاي» (连接到我的工作场所网络) نى چىكىمىز.

بۇ يەردىن «مەۋھۇم مەخسۇس تور ئۇلىنىشى» (虚拟专用网连接) نى تاللايمىز.

چىققان كۆزنەكتە «شىركەت نامى كىرگۈزۈڭ» دەپ تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ئۆزىمىز خالىغانچە يازىدىغان تۈر بولۇپ، ھىسابتا قۇرغان ئۇلانمىمىزنىڭ ئىسمى ھېسابلىنىدۇ.

شىركەت نامى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن، ناۋادا كومپىيۇتېرىمىز يىتەكلىگۈچ ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق تورغا چىقسا تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا ADSL ئۇلانمىسى ئارقىلىق تورغا چىقسا، تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ رولى «بىز قۇرغان PPTPئۇلانمىسىنى ئۇلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندە تاللانغان ئۇلانمىنى ئۇلىسۇن» دىگەن مەنىدە بولىدۇ. ئادەتتە بۇ ئىقتىدارغا بىز ئېھتىياجلىق ئەمەس، شۇڭا تاللىمىساقمۇ بولىدۇ.

ئەمدى، PPTP مۇلازىمىتىرىنىڭ ئادىرىسنى كىرگۈزىدىغان ئورۇن چىقتى. بۇ ئورۇنغا بىزنى PPTP VPN مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمىتېرنىڭ IP ئادىرىسىنى يازساق بولىدۇ. ناۋادا تور نامى بولسا تور نامىنى ھەتتا ئۆزگىرىشچان تور نامى ئىشلەتكەن بولساق شۇنى يازساقمۇ بولىدۇ.

智能卡 بولسا، بارماق دىسكا ياكى باشقا مەخپىيلەشتۈرۈش ۋاستىسى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، Windows مۇلازىمىتىرىنىڭ ئۆزىدىلا تارقاتقىلى بولارمىش. بىراق كونكىرىت ماتېريال يوق، شۇڭا بۇ تۈر كەمىنە كۆك كەپتەرنىڭ كەلگۈسى تەتقىقات پىلانى قاتارىدا قالدۇرۇلدى.

قۇرىدىغاننى قۇرۇپ بولدۇق. ئەمدى تاماملاش باسقۇچى، بۇ يەردە بىزدىن بىر سۇئال سورالدى: «قۇرغان ئۇلانمىڭىزنى ئېكران يۈزىگە چىقىرامسىز يوق؟» مېنىڭچە قولايلىق بولۇشنى خالىسىڭىز چىقىرۋالغىنىڭىز ياخشى.

ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن ئاچقۇچ ئىشلەتكەنگە ئوخشاشلا، ئۆزىمىزنىڭ باشقا يەردىكى قىسمى تورىغا ئۇلىنىش ئۈچۈنمۇ مۇلازىمىتېر تەرەپتىن ئالدىن بەلگىلەپ بىرىلگەن پارول ۋە ئىسىمنى كىرگۈزىمىز. بۇ ھەقتە گەپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ھە. [cy]

ئەمدى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدۇق. بۇ باسقۇچ بۇرۇن يوق ئىدى، كىيىن نىمە بولدى، WindowsXPنىڭ بىر يامىقىنى قاچىلىشىم بىلەنلا قوشۇلۇپ قالدى، بەلكىم كەپتەرۋازلارغىمۇ پۇتلىشىپ قىلىشى مومكىن. كۆرۈنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا IPX/SPX كىلىشىمى قاچىلانمىغانلىقتىن بولۇشى مومكىن. بىراق ھىچقىسى يوق، چۈنكى بىز ھازىرچە بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، شۇڭا «كوت كوت قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» (下次不再请求失败的协议) نى تاللاپ قويۇپ، قوبۇل قىلۋەتسەك بولىدۇ.

ئەمدى كەپتەر شورپىسىغا ئېغىز تىگىمىز. ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ بۇرجىكىدە تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ. يەنى: مەۋھۇم مەخسۇس تور ئۇلىنىپ كەتتى. بىز ئەمدى، بىزنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى بىلەن بىر قىسمى تور بولۇپ كەتتۇق دىگەن گەپ! [gz]

دىققەت: ناۋادا ئۇلانما ئۇلىنىپ بولۇپمۇ قىسمى توردىكى تور بىكەت ياكى قوللانمىلارنى كۆرەلمىگەن بولسىڭىز تور قوشنامدىن بىز ئۇلانغان قىسمى توردىكى كومپىيۇتېرنىڭ بايلىقلىرىنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلالمىغان بولسىڭىز، دىمەك مەسىلە مۇلازىمىتېر تەرەپتە. ناۋادا ئۇلاش جەريانىدا باشقا مەسىلىلەرگە ئۇچىرىغان بولسىڭىز، كەپتەرخانىغا «PPTP VPNنىڭ ئابونىت ئۇلانمىسىنى ئۇلاش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر» ناملىق كەپتەرنىڭ قونۇشىنى ساقلاڭ. [db]

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

12 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپتۇ، تالاشتا قالدى مانا!

  1. ئو.تۇرپان
    2011/05/14 15:51:34

    بەك بەلەن تېخنىكىكەن بۇ. [hao]
    مۇلازىمىتىر ئۇچىنى قانداق تەڭشەش ھەققىدىمۇ بىر سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. [gz]

  2. غۇپۇر
    2011/05/19 05:36:31

    تاردائىرلىك كومپيۇتىرلاردا مۇلازىمىتىر يوق بولسا بۇنى ئىشلىتەلمەمدۇق ؟
    ئەگەر قىلغىلى بولسا ئاۋۇ مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزىدىغان يەرنى قانداق قىلىمىز ؟

    • كۆك كەپتەر
      2011/05/19 09:58:07

      دائىرىلىك توردا بۇنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن؟ ناۋادا سىرىتتىن دائىرىلىك تورغا كىرمەكچى بولسىڭىز ئاندىن ئىشلىتىسىز. VPNنى تەييارلاش ئۈچۈن، كەم دىگەندە windows2003 قاچىلانغان كومپىيۇتېردىن بىرسى بولۇشى كىرەك.

  3. بىلىمخۇمار
    2011/06/06 16:08:00

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم كەپتەر ئەپەندى!@
    vpnتېخنىكىسى ئارقلىق باشقا مولازىمىتىردىكى توردىن پايدىلىنىپ تورغا چىققىلى بولامدۇ؟
    (مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېردا تور يوق ئەھۋال ئاستىدا ھەم)

    • كۆك كەپتەر
      2011/06/06 18:10:39

      ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتېرى تورغا چىقالمىغان ھالەتتە، مۇلازىمىتېر تورغا چىقالىسا ھەم سىز بىلەن مۇلازىمىتېر ئارلىقىدا ئۇلىنىش بولغان بولسا، ئاندىن مۇلازىمىتېر سىزنى تورغا باشلاپ چىقالايدۇ.

  4. بىلىمخۇمار
    2011/06/11 11:33:22

    كومپىيوتېرىم بىلەن ئالاقىسى يوق مولازىمىتىردا(كومپيوتېرىم تورغا چىقىدۇ) vpnمولازىمىترى قۇرۇپ، شۇ مولازىمىتىر ئارقىلىق تورغا چىققىشنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن

  5. سىرداش
    2011/08/21 22:23:33

    سىز دىگەن vpn ئارقلىق سىمسىز تورغا چىققىلى بۇلامدۇ؟ vpn غا بىرەر ئۈسكىنە كىتەمدۇ؟

    • كۆك كەپتەر
      2011/08/23 12:29:44

      VPNنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇلازىمىتېر تەرەپتىن VPN مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن بولۇشى كىرەك.

  6. tiwep164
    2011/11/26 11:27:48

    vpn ئابۇنىت ئۇلانمىسى قۇرۇشنىغو ئۈگەندۇق ئەمدى vpn مۇلازىمىتىر قۇرپ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگەنسەك بولاتتى ئادەم قىرىپكەتمەستە [hx]

  7. tiwep164
    2011/12/04 00:58:23

    vpn مۇلازىمىتىر قۇرۇشنى قاچان سۆزلەيسىز ؟ كەپتەرلەر بوردالمىدىمۇ قانداق ؟ ھىچ خەت-خەۋەر يوقغۇ؟ [wx]

  8. كارۋان
    2012/03/20 17:52:11

    مەن Win xp مۇھىتىدا VPNئابونىت ئۇلانمىسى قۇرۇش تېخنىكىسىغا قىزىقىپ سىز دىگەندەك جەريانلارنى توغرا قىلىپ ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچغا كەلگەندە بۇنداق ئۇچۇر چىقمىدى . بولمىساIPX/SPX كىلىشىمى قاچىلانمىغان ئىدى . بىر ياماق قاچىلاشقا توغرا كېلەمدۇ – يا ؟ خاپا بولماي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولىسىڭىز …

12 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپ بولدى، چاققان بولمامسىز؟

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: