ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش ھەققىدىكى ئەسكەرتمە

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2010-03-14 / كۆرۈلۈشى: 54 قىتىم / [باھاسىز كەپتەر] [مەنمۇ سۆزلەي]
 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاقە تورى، خەۋەرلىشىش قوراللىرى، خەۋەر ۋاستىلىرى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىش چەكلىنىدۇ:

بىرىنچى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا قارشىلىق قىلىشقا تەشكىللەش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش.

ئىككىنچى. ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش، پىتنە- ئىغۋا تارقىتىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى باشقۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش.

ئۈچىنچى. قانۇنسىز يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەشكىللەش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش.

تۆتىنچى. دۆلەت، جەمئىيەت ۋە كوللېكتىپ مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.

يۇقۇرقى قىلمىشلارغا قارىتا، باشقۇرغۇچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئېغىرلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى بولسا، ئەدىلىيە ئورۇنلىرى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

بۇ كەپتەرنىڭ پىكىر بەرگۈدەك يىرى يوق ئىكەن.