NOKIA ئەرزان باھالىقى C5 نىڭ 3- ئەۋلاد يانفونى
NOKIA نىڭ C سېستىمىسىدىكى تۇنجى يانفون C5 ئاللىقاچان رەسمى ئېلان قىلىنغان ئىدى بۈگۈنكى كۈندە بۇيەردە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان يانفۇن بولسا ، C5 نىڭ 3- تۈركۈمدىكى يانفونى C5-03 بۇ يانفون S60v5 مەشغۇلات سېستىمىسى ئورنىتىلغان. بۇ يېڭى يانفوننىڭ تور جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېلىفون ئۇرۇشقا ياكى ئۇچۇر يوللاشقا ئەپلىك، بۇنىڭدىن باشقا بۇ تىپتىكى يانفوننىڭ ئىچكى قىسمىغا Google Talk ۋە Windows Live Messenger سەپلەنگەن.
C5 نىڭ ئىشلەتكىنى 3.2 دىيۇملۇق ئېكران بولۇپ، 500 تۈمەن چېكىتلىك ئاپپارات ۋە 3.2 مىللىمېتىرلىق نائۇشنىك ئېغىزى سەپلەنگەن، ئابونت سىغىمكارتا ئورنىتىش ئارقىلىق يانفوننىڭ سىغىمىنى 16GB قىچە كۆتۈرەلەيدۇ، پۈتكۈل يانفون 105.8×51×13.8mm دىيۇم كېلىدۇ. بۇ يانفون سىزىمچان ئىكران بولۇپ 3G تورىنى قوللايدۇ.
ئالاھىيدە ئىقتىدارلاردىن: ئىچكى قىسمىغا ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان (GPS).















2011/01/07 13:41:47
سىزمۇ ئەقىلفونلارغا قىزىقىدىكەنسىزدە ، سىزدىن بىر ياردەم سوراي ، ماڭا google ئىلانى ئىلىپ بىرەمسىز ، ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى ، مەن بۇ ھەقتە ھىچنىمە بىلمەيمەن دىسەممۇ بولىدۇ …
2011/01/08 10:24:01
شۇنداق، مەنمۇ ئەقىلى تېلېفونلارغا ئازدۇر كۆپتۇر قىززىقىپ قويمەن، ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، Google ئىلانى ھەققىدە بولسا مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈم قىززىقىش ئاساسىدا تىزىملىتىپ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم، كىيىن بىلىپ بىلمەي ئۆزۈم چىكىپ، باشقىلارغا چەكتۈرۈپ دىگەندەك تاقالغان ئىدى، نىمىشقا تاقىلىش سەۋەبىنى تاقالغاندىن كىيىن بىلدىم ھەم كۆپ پۇشايمان قىدىلم، كىيىنكى قىتىم Taobao دىن سىتىۋالدىم، ئۆزۈمنىڭ ھىساباتىمغا ئىلىپ بەردى، باھاسىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەسكەن،30 يۈەن ئەتراپىدا ھازىر 60 نەچچە دوللار بولۇپتۇ، ئەگەر 100 دوللاردىن ئىشىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالىسام مەنمۇ سىزگە شۇيەرنى تەۋسىيە قىلاي ياكى شۇ يەردىن مەن ئىلىشىپ بىرەي ، بۇنداق بولغاندا ئىشەنچ ئاشىدۇ؟جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
2011/01/08 13:11:23
بولىدۇ ، مىنىڭ بۇ بوشلۇقۇمنىڭ تور سۈرئىتى بەكلا ئاستا چىقىپ قالدى ، ياشلا توربىكىتىدىن ئالغان ئىدىم ،شاڭگاڭنىڭ ئىدى ، بوشلۇق ئالماشتۇرسام بولامدىكىن دەيمەن ،يەنە كىلىپ ئۆيدە تور يوق ، يىرىم ئىشلارنى ئۆيدە ، يىرىم ئىشلارنى تورخانىدا پۈتتۈرۈپ كىلىۋاتىمەن، بەكلا قولايسىز بوپ قىلىۋاتىدۇ ، ئەمىسە google ئىلانىدا سىزگە قاراپ قالدىم ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىرسى بىر ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ بەرسىڭىز ھەقسىز ئىلىپ بىرەي دىگەن ئىدى ، لىكىن 2 كۈن ساقلاپ دىسەم ئۇنىمىدى ، شۇنىڭ بىلن ئۇمۇ يوق بولدى …
2011/01/08 14:02:29
بولىدۇ، مەن google ئېلان كىرىمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنلا كۆك كەپتەر بلوگىغا ئايرىم بىر تىما يوللايمەن، دىققىتىڭىز مەزكۇر بىلوگدا بولسۇن.
2011/01/09 12:21:53
ماقۇل ، ئەمىسە شۇنداق كىلشتۇق ، تورنىمۇ بۈگۈن ئەكىرىپ بولىدىغاندەك تۇرىمەن …
2011/01/09 12:48:31
كىلىشتۇق!
2011/05/27 07:28:31
مەن بىر بىلوگ ئېلان قىلاي دېگەن ئىدىم، ماڭا بىر سۈرئىتى ياخشىراق بىر بوشلۇق تەۋسىيە قىلساڭلار بوپتىكەن.رەھمەت….