Ubuntu دا Windowsتىن ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلىش
Windows مەشخۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىدىغان تورداشلارنىڭ ئارىسىدا، Windowsنىڭ تور قوشنا ۋە ھەمبەھىر ئىقتىدارىنى ياقتۇرمايدىغان تورداشلار بولمىسا كىرەك، ھەقىقەتەن بۇ ئىقتىدار بىزنى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كومپىيۇتېرلار ئارا ھۆججەت ئالماشتۇرۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ، بارماق دىسكىنى ئۇياندىن بۇيانغا كۆتۈرۈپ يۈرىيدىغان ئىشلاردىن قۇتۇلىمىز.
Wordpressنى ئاپتوماتىك يىڭىلاش ھەققىدىكى يازمىدا، كەمىنە باشقۇرىشىدىكى مۇلازىمىتېردا Ubuntu Linux نى ئىشلىتۋاتقانلىقىمنى دەپ ئۆتكەن ئىدىم. Ubuntuغا كۆچكەندىن كىيىن، بۇرۇنقى مۇلازىمىتېردىن ھۆججەتلەرنى يۆتكەپ ئىلىش، ئۇنى بۇنى قاچىلاش دىگەندەك ئىشلار بەكلا بىشىمنى ئاغىرتقان ئىدى. Ubuntu مۇلازىمىتېرغا بىر نەرسە كۆچۈرۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە بارماق دىسكا چاتىدىغان ياكى FTP ئارقىلىق چۈشۈرىدىغان گەپ، قىسقىسى ئاۋارىچىلىق.
بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇشۇ ئاۋارىچىلىقلارنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق Ubuntu دا Windows تور قوشنىدىن ھەمبەھىر قىلىنغان ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. تۆۋەندە كونكرىت ھەل قىلىش ھەققىدە سۆزلىمەكچىمەن:
بىرىنجى قەدەمدە: Windows ئىشلىتىلگەن سىستىمىدا ھەمبەھىرلەشنى نورمال تەڭشىۋالىمىز. نورمال تەڭشىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئامال بار باشقا كومپىيۇتېردا سىناق باققان ياخشى.
ئىككىنجى قەدەمدە: Ubuntuنىڭ ئىكران يۈزىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكېسىنى بىسىپ، چىققان تىزىملىكتىن «قوزغاتقۇچ قۇرۇش» (创建启动器) نى چىكىمىز.
چىققان كۆزنەكتىكى «تۈر» (类型) تىزىملىكىدىن «ئورۇن» (位置) تۈرىنى تاللايمىز.
«ئىسمى» (姓名) رامكىسىغا ھەمبەھىرنى ئۆزىمىز پەرىق ئىتەلىگۈدەك خالىغانچە ئىسىم قويساق بولىدۇ. «ئورۇن» (位置) رامكىسىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇق كودنى يازىمىز.
smb://admin@192.168.1.120/d
بۇ كودتىكى admin دىگىنىمىز، قارشى تەرەپتىكى ھەمبەھىر تەمىنلىگۈچى كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەتكۈچى نامى (ناۋادا ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتنى زىيارەت قىلىشقا پارول كەتمىسە، @adminنى يازمىساقمۇ بولىدۇ.) 192.168.1.120 بولسا، ھەمبەھىر تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ ئادىرىسى، d/ بولسا، ھەمبەھىرلەنگەن ئىسىم. بۇلارنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالساق بولىدۇ.
قوزغاتقۇچ قۇرۇش تاماملانغاندىن كىيىن، ئىكران يۈزىگە قارىساق، بىز قۇرغان نامدا بىر قوزغاتقۇچ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ Windows تەرەپتىن ھەمبەھىرلەنگەن ھۆججەتلەر.














2011/03/10 12:10:54
داۋاملىق مۇشۇنداق پايدىلىق نەرسىلەر بىلەن بىزنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز.![[hao]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/hao.gif)
![[tx]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/tx.gif)
بۇنىڭ ئىشلىتىشىمۇ بارغانسېرى ئوڭاي ۋە ئەپچىل بولۇپ كېتىپ بارىدۇ، مەنمۇ بارغانسېرى بۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قېلىۋاتىمەن دېسە…
2011/03/10 12:13:28
كۆك كەپتەردىكى تۇنجى قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن. ماڭا ئادەتتە ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت بولمىسىمۇ، لىكىن مۇلازىمىتېر قىلىپ ناھايىتى پايدىسىنى كۆردۈم بۇ كاساپەتنىڭ.![[wx]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/wx.gif)
2011/03/16 12:10:49
مەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سوراپ قالدىم. مەن بىر تار دائىرلىك توردا ئىشلەيدىغان بىر باشقۇرۇش سېستىمىسى ياسىغان. بىر كومپىيۇتېردا ساندان تۇرىدۇ يەنە بىر كومپىيۇتېردا سېستىما .سېستىما بار كومپىيۇتېردا تۇرۇپ ساندان بار كومپىيۇتېرغا ئۇچۇر ئەۋەتسەم تۆۋەندىكىدەك خاتالىق چىقىۋالۋاتىدۇ(在与 SQL Server 建立连接时出现与网络相关的或特定于实例的错误。未找到或无法访问服务器。请验证实例名称是否正确并且 SQL Server 已配置为允许远程连接。 (provider: 命名管道提供程序, error: 40 – 无法打开到 SQL Server 的连接))
بىر ئامال قىلساق بولاتتى. سېستىمام win7 ساندان sql server2000 ،سېستىمىنى xp قىلساممۇ شۇنداق تۇرىدۇ. سانداننىsql server2005 قىلساممۇ يەنە مۇشۇ خاتالىق.
باشقىلاردىن سورىسام سانداندىن تەڭشەيدىغان يېرى بار دەيدۇ توردىن ئىزدىسەم بەك جېق مۇمكىنچىلىكلارنى چىقىرىپ قويۇپتۇ مەن بۇنىڭ ئەھلى ئەمەس شۇڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەنتۇق .
2011/03/16 18:14:36
سىز ئاۋۋال سېستىما بار كومپىيۇتېردا تۇرۇپ، ساندان بار كومپىيۇتېرنى سىرىتتىن زىيارەت قىلىشقا بولامدۇ يوق قاراپ بىقىڭ. سىناشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى: cmd ھالىتىدە، telnet 192.168.1.110 1433 دەپ بۇيرۇق بىرىپ چىققان ئۇچۇرغا قاراپ بىقىڭ. بۇ يەردىكى 192.168.1.110 دىگەن ساندان بار كومپىيۇتېرنىڭ IP ئادىرىسى.
2011/03/16 20:19:29
سىزسىز دىگەندەك يازسام 不能打开到主机的连接 在端口1433连接失败 مۇشۇنداق چىقتى ئەمدى قانداق قىلىمىز.
2011/03/16 20:54:33
دىمەك، ساندان ئىغىزى، ئوتتام ياكى ۋىرۇسخور تەرىپىدىن توسۋىلىنغان. ناۋادا باشقا قوشۇمچە قوغداش پىروگراممىسى قاچىلانمىغان بولسا، سېستىمىنىڭ ئۆزىدىكى ئوتتامدىن 1433 ئىغىزنى ئېچىپ بىرىڭ.