QQ ھەققىدە پاراڭ

كەپتەرۋاز: ئۆزخان / قونغان ۋاقتى: ‏ 2010-11-28 / كۆرۈلۈشى: 712 قىتىم / [باھاسىز كەپتەر] [مەنمۇ سۆزلەي]
 

QQ ھەققىدە پاراڭ
ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ تور پاراڭلىشىش ئىشلىرىمىزغا قولايلىق يارىتىپ كىلىۋاتقان تىڭشۈن شىركىتى داۋاملىق ھالدا ئۆزىنىڭ دېتاللىرىنى يىڭىلاش ۋە ئابونىتلارنى «قىززىقتۇرۇش» ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىۋاتىدۇ ھەم ئىزدەنمەكتە.
2008- يىلى QQ نىڭ TM نۇسخىسى يۇنىكود قوللىدى ھەمدە كۆپ قىسىم تورداشلار QQ نىڭ TM نۇسخىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ كىلىۋاتقان ئىدى، بىراق QQ نىڭ TM نۇسخىسى كۆپ تارقالمىغان بولغاچقا بارا-بارا ئىشلەشتىن توختاپ قالدى.
بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالاقىدار تېما:TM2008 يۇنىكودنى قوللايدىغان بوپتۇ

http://bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=12873

« Tencent شىركىتى يېقىندا TM2008 نىڭ كۆرگەزمە نەشرىنى ئېلان قىلدى….
مەزكۇر نەشرنىڭ بىزگە كېرەكلىق ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىدىن بىرى __ يۇنىكودنى قوللايدىغالىقىدىن ئىبارەت»
QQ 2009 دىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق ئۇنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىپ يۇنىكود ئۆلچىمىنى ئىشلەنگەنلىكىدە بولدى، بۇ ۋەجىدىن بىلىك كۇلۇبىدىكى ئوت يۈرەك قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تىڭشۈن تورىغا قىلغان ئىنكاسلىرىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمىز.

بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالاقىدار تېما: Unicode لۇق QQ ئىشلەتكۈڭىز بارمۇ ؟

http://bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=3200

« قىرىنداشلار ، دوسلار يىقىنقى خەلىقئارا يۇمشاق دىتال ساھەسىگە نەزەر سالساق كۆپىنچە يۇمشاق دىتاللار Unicode نى قويلايدىغان قىلنىپ لاھىلەلىنۋاتىدۇ . بۇنىڭغا دۆلىتىمىزدە ئىشىنىۋتقات يۇمشاق دىتاللارمۇ ئارقا – ئارقىدىن ئاۋاز قوشتىLava-Lava ، 千千静听،永中 office قاتارلىقلار بۇنىڭغا ياخشى مىسال . بىراق 腾讯 شىركىتىدىن ھىچ سادا چىقمايۋاتىدۇ . شۇڭا بىز << بەرسەڭ يەيمەن ، ئۇرساڭ ئۆلمەن >> دىمەي ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلاردىن QQ نى Unicode نى قوللايدىغان قىلىپ لاھىيەلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلايلى . بىزدە بالا يىغلىمىسا ئانسى ئەمچەك سالمايدۇ دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ .
گەرچە Unicode نى قوللايدىغان MSN قاتارلىق قۇراللار بولسىمۇ ، بىراق كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دەپ بىز MSN گە كۆيگەن بىلەن QQ غا كۆنۈپ قالدۇق . مىنىڭچە QQمۇ پات ئاردا Unicode نى قولايدىغان قىلنىپ لاھىيەلىندۇ .
Unicode نى قوللايدىغان QQ ئىشلەتكۈسى بارلار ماڭا ئاۋاز قوشۇڭلار ئۇلارغاپىكىر بىرەيلى ( ھەر خىل ئۇسسۇللار بىلەن )»
QQ 2009 دا بىز ئازتولا ئۇيغۇر يىزىقىدا پاراڭلىشىپ كىلىۋاتقان ئىدۇق (ئىككىلى تەرەپتە ئوخشاش مۇشۇ نەشىردىكى QQ 2009 بولۇشى شەرت ئىدى، بولمىسا نورمال كۆرۈنمەيتتى)، بىراق ئارلىقتا يىڭى نەشىرىدە يۇنىكود قوللاش ئەمەلگە تولۇق ئاشقان بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر يىزىقىمىز تىڭشۈن نىڭ QQ 2009 دېتاللىرىدا نورمال يوللىنىدىغان بىراق قارشى تەرەپ تاپشۇرۋالالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى، بەلكىم بۇلار « ئەخلەت » ئۇچۇرلار قاتارىدا سۈزىۋەتكەن ئوخشايدۇ.
ھەي قانداق قىلغۇلۇق ئەگەردە QQ دىن باشقا تاللاشلار بولغان بولسا دۇنيادىكى بارىلىق تېللارنى قوللايدىغان پاراڭلاشقۇلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى؛ مەسىلەن : google talk, msn,skype قاتارلىقلار…
QQ نىڭ 2010- يىللىق نەشىرىدىكى مەن ئۇچراتقان ئالاھىدىلىكلەر بولسا :
ئابونىتلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن تەڭشەكلىرى QQ قاچىلانغان كومپىيوتېردىلا ئەمەس بەلكى QQ نىڭ مۇلازىمىتىرى ۋە سىزنىڭ QQ نومۇرىڭىزدا ساقلىندىغان بوپتۇ.
مەسىلەن: سىز QQ دا كەلگەن يىڭى ئۇچۇرنى تىز كۆرۈش ئۈچۈن CTRL + Z بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى بىسىپ يىڭى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيتتىڭىز، ۋەياكى ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىۋالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، مەنمۇ ئادەتتە F3 كۇنۇپكىسىغا توغۇرلاپ قويتتىم، مانا مەن ھازىر QQ نىڭ 2010 نەشىرىلا بولسۇن ئارتۇقچە تەڭشەپ كەتمەيمەن، بۇرۇن قانداق تەڭشىگەن بولسام شۇ ھالەتتە چىقىدۇ، مەيلى تورخانىدا، مەيلى ئىشخانىدا، مەيلى ئۆيۈمدە بولسۇن…
خەت نۇسقىسى: يەنىلا QQ نىڭ 2010 نەشىرىنىڭ پارىڭىدە بۇ خەت نۇسخىسى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خەت نۇسقىسىغا تەڭشەپ قويسىڭىزلا كۇپايە، QQ نىڭ 2010 نەشىرىلا بولسا نەدە بولسىڭىز سىز تەڭشىگەن تەڭشەكلەردە چىقىدۇ.
تورداش، سىز نىمىلەرنى بايقىدىڭىز، قىنى ھەمدەمدە پاراڭ سوقۇپ باقمامدۇق ؟

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

بۇ بىر باھاسىز كەپتەر ئىكەن، سىز تۇنجى بولۇپ باھا قويغۇچى بولۇپ قالىسىز.

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: