كۆك كەپتەرنىڭ WordPressنى ئاپتوماتىك يىڭىلىغىلى بولماسلىقنى ھەل قىلىشى

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2011-02-18 / كۆرۈلۈشى: 630 قىتىم / 10 پارچە باھا [مەنمۇ سۆزلەي]
 

كەمىنە كۆك كەپتەر، تورداشلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بۇرۇنقى PjBlogدىن WordPressكە كۆچكىلىمۇ بىر نەچچە ئاي بولۇپ قاپتۇ. كەمىنىڭ WordPressكە كۆچۈشكە ھەقىقى تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرسى بولسا، يۇمشاق دېتاللارنى ھەقىقى نەشىردە ئىشلىتىش، باشقىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئىدىيىسىنىڭ كاللامدا بەكلا ئەۋج ئىلىپ كېتىشى ئىدى. «wordpressكە كۆچۈشىڭنىڭ نەشىر ھوقۇقى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دېيىشىڭىز مۇمكىن، بۇ يەردىكى مەسىلە، WordPressنىڭ نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى، پېقىر مۇشۇ تور بەتنى ماڭدۇرۇۋاتقان مۇلازىمىتېر سېستېمىسىنىڭ نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى ئىدى.
پېقىرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مۇلازىمىتېردا ئىزچىل ھالدا Windows2003مېڭىۋاتقان بولۇپ، (ئەلۋەتتە ھەقىقى نەشرى ئەمەستە.) ھەر قېتىم مۇلازىمىتېرنىڭ يېنىغا كەلسەم كۆڭلۈم شۇنچىلىك غەشلىككە تولاتتى. نىمىشقا دەمسىز؟ مۇشۇ كىچىككىنە بىر ئىشتىمۇ باشقىلارنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىلالىغان بولسامچۇ دىگەن قاراش بىلەن بولمامدۇ. تەكرار تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق، مۇلازىمىتېر سېستىمىسىنى زادى بىر ھەقسىز سېستىمىغا ئالماشتۇرۇشنى توغرا تاپتىم-دە Linux ئائىلىسىنىڭ ئوماق ئەزاسى بولغان Ubuntu نى تاللىدىم… قانچىلىغان سىناقلارنى قىلىش، تالاي مەغلۇب بولۇشلار ئارقىسىدا، ھەقىقى بىر Ubuntu مۇلازىمىتىرىنى ماڭدۇرۋالدىم. مۇلازىمىتېر Ubuntu بولغان ئىكەن، بۇنىڭدا يەنە ASP پىروگراممىلىق بىلوگ ئىشلىتىشىم بىر قاملاشمىغان گەپ. مانا بۇ پىقىرنىڭ WordPressكە كۆچۈشىدىكى ھەقىقى سەۋەب دىيىشكە بولىدۇ.
ئەمدى، مۇلازىمىتىرىمىز Ubuntu بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە مۇشۇ كىچىككىنە بىلوگنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ، چۈنكى بۇ مۇلازىمىتېر ئەمدى، بۇرۇنقى مائۇسنى چىكىپلا تەڭشەيدىغان مۇلازىمىتېر ئەمەس. تەييار بوشلۇق ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈنغۇ مۇلازىمىتېر ئىشلىرى ھىچنىمە ئەمەس، چۈنكى، تور بەتكە تەمىنلەنگەن بوشلۇقنىڭ ھەممە تەڭشىكى مۇلازىمىتېر تەرەپتىن ھەل قىلىنغان بولىدۇ. بىراق مەن بولسام، ھەممە ئىشنى ئۆزۈم ھەل قىلىشىم كىرەكتە، بىراق كۆڭلۈم ئۈچ ئىشقا خوش، يەنى: 1- مۇلازىمىتېردا مىڭۋاتقانلىرى ھەقسىز سېستىمىلار، ھىچ بولمىسا، خەقنىڭ ھەققىگە قارا سانىمىدىم دەپ ئۆزۈمگە يۈز كىلەلەيمەن. 2- مۇلازىمىتېر ساھەسىدە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان بۇ Linux سېستىمىسىنى ئۆگىنۋالالايمەن. 3- تور بەتنىڭ ئىچىلىش سۈرئېتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تىزلەشتى، ھەتتا دەسلەپتە، سانداننى يۆتكىمەي، ساندان بىلەن پىروگراممىنى ئىككى مۇلازىمىتېردا ماڭدۇرغان، تۈنۈگۈن ئولتۇرۇپ، ساندان ۋە پىروگراممىنى بىراقلا بىر مۇلازىمىتېردا ماڭدۇرسام، بەتنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئېتى تىخىمۇ تىزلەشتى. خوش بولۇشقا ھەقلىقمىكەنمەن يا؟ (لول لول لول).

Linux مۇلازىمىتىرى ۋە php پىروگراممىلىرىنىڭ باشقا پىروگراممىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يىرى شۇكى، مۇندەرىجە ۋە ھۆججەت ھوقوقى دىگەنگە ئالامەت دىققەت قىلىدۇ، ھىلى 777 قىلىڭ دىگەن، ھىلى 755 قىلىڭ دىگەن، بەكلا ئاۋارىچىلىق. ھەي… بىكارلىق نەرسە مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىراق، ئۆزۈمگە يۈز كىلەلىشىم كىرەك دىگەندىكىن، يەنىلا دىگىنى بويىچە تەڭشىمەي ئامال يوقتە…

مۇشۇ بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا WordPressنىڭ پىروگرامما نەشىرى 3.0.5غا كۆتۈرۈلدى. پىقىرمۇ زاماننىڭ ئارقىسىدا قىلىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ بىرسى بولغاچقا، يىڭىلىۋالاي دىدىم، ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلمايلا، ئاپتوماتىك يىڭىلاشقا قويۇپ بەردىم، 3M دىن ئارتۇق كىلىدىغان بۇ پىروگرامما 15Kگىمۇ يەتمىگەن سۈرئەت بىلەن بەكلا تەس چۈشىدىكەن، ئۆزۈم چاقماق ياكى باشقا نەرسىلەردە چۈشۈرۈپ، تۇتە مانى دىسىمۇ ئۇنمايدىكەن، ھەتتا، بىر قىتىمدا يىڭىلاش مەغلۇب بولۇپ، قايتا بۇيرۇق بەرسە، يەنىلا قايتىدىن چۈشۈرىدىكەن. ماقۇل چۈشۈپ بولغانمۇ بولدى، بىراق ھەر قىتىمدا «upgradeنى قۇرالمىدىم» دىگەندەك تاققا-تۇققا گەپلەر بىلەن، پەقەتلا يىڭىلانمىدى. تور بەت قويۇلغان ئورۇننىڭ ھوقوقىنى 777 لا ئەمەس، 7777 مۇ قىلىپ باقتىم يەنە بولمىدى، قولۇمدا يىڭىلامدىم؟ نىمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەكمەن؟ تەييار ئىقتىدار تۇرسا، شۇنى ئىشلەتمەمدىم؟ قىلغىلى بولمايدىكەن دەپلا بولدى قىلىدىغان ئىش يوق! ئىزدەندىم، Google نى ئىزدەپ قىزىۋەتتىم، ھەممىسى شۇ بىرلا گەپ، «قىستۇرمىلارنى توختىتىڭ.» بۇنىمۇ قىلدىم، يەنە دەيدۇ، «پەقەت يىڭىلانمىسا، قولدا يىڭىلاڭ، باشقا ئامال يوق». زادى تەن بەرگۈم كەلمىدى. مۇلازىمىتېرنىڭ ئىتىشمىغان يىرى قالمىدى. ئويلاندىم…«ھەر قىتىم ئاپتوماتىك يىڭىلاش بۇيرۇقى بەرسەا، بىر قىتىم چۈشۈرىدىكەن، ئاستىلىقىنى دەيمۇ تېخى… زادى بىر ئامال قىلاي.» دىگەن يەرگە كەلدىمدە…

Wordpress ئىشلىتىدىغانلارغا مەلۇمكى، ئاپتوماتىك يىڭىلاشقا بۇيرۇق بەرگەندە، پىروگرامما http://ug.wordpress.org/wordpress-3.0.5-ug_CN.zip دىگەندەك ئادىرىستىن ئاپتوماتىك چۈشۈرلىدۇ. ناۋادا ug.wordpress.org دىگەن ئادىرىس ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا بولسىچۇ؟ (قانداقسىگە ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا بولىدۇ دەمسىز؟ DNS ياكى Hosts قا مۇشۇ ئادىرىسنى يىزىپ، ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىغا كۆرسىتىپ قويساقلا، ug.wordpress.org دىگەن مۇلازىمىتېر دىڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە بولماي، بىزنىڭ كومپىيۇتېرىمىزنىڭ ئۆزى بولىدۇ-ئەلۋەتتە.) بۇنداق ئەھۋالدا، يىڭىلاش پىروگراممىسى، ئاۋۇ بوغچىنى توردىن چۈشۈرۈشكە نەچچە سىكونتلا ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ. ئەسلى مىنىڭ مەقسىتىم بويىچە بولغاندا، پىروگرامما ئۆزۈمنىڭ كومپىيۇتېرىدىن چۈشسە، تەكرار- تەكرار سىناپ، ئاۋۇ مەسىلىنى ھەل قىلۋالسام دىگەن، بىراق كىم بىلسۇن، پىروگراممىنى ئۆزۈمنىڭ كومپىيۇتېردىن چۈشۈرۈشكە تەڭشەپ، يىڭىلاشقا بۇيرۇقنى بىرىشىم بىلەنلا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پىروگرامما چۈشۈپ، ئاپتوماتىك يىڭىلاشمۇ تاماملىنىپ بوپتۇ. مانا بۇ يىرىم سائەت گەپ سىتىپ، قىلغان كىچىككىنە ئىش.

ئەمدى تەھلىل قىلىپ باقايلى:

تالاي قىتىملىق سىناشلىرىمىزدا، پىروگرامما «خوش خوجام، ئاجىزەلىرى upgradeنى قۇرالمىدى.» دەپ يىغلامسىراپ تۇرغان ئىدى، تىخى ھوقوقى يەتمىگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئىچىم ئاغىرىپ، ھوقوق دىگەننى توننىلاپ بەرسەم يەنە شۇنداق دەيدۇ. ئەسلى پىروگرامما، ئاۋۇ بوغچىنى چۈشۈرۈپ بولالماي ھىرىپ قىلىپ، پىروگرامما ئاران بىر چۈشۈپ بولغاندا ئۇخلاپ قىلىپ، شۇڭا «upgrade»نى قۇرالماپتىكەن ئەمەسمۇ. بۇ بەلكىم مۇلازىمىتېرنىڭ تور سۈرئېتى ياكى ئاۋۇ يىڭىلاش بوغچىسىنىڭ چۈشۈش سۈرئېتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مومكىن.
شۇنداق قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلۋالدۇق. بىراق، ئاۋۇ ئامال ياكى تەھلىل نەتىجىسى، مەسىلىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى بولماسلىقى مومكىن. شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى يەنىلا تەكشۈرۈشىمىزنى كۈتمەكتە…

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

10 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپتۇ، تالاشتا قالدى مانا!

  1. تەدبىركار
    2011/02/18 13:58:19

    ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋاپسىز، مۇبارەك بولسۇن!
    مۇشۇ WordPress نىڭ يېڭىلاش سۈرئىتىمۇ ھەقىقەتەن بىر قەدەر ئاستا. چەتئەل مۇلازىمېتىرىغا قويۇلغان WordPress نى يېڭىلىسىڭىز ئاجايىپ تېز بولىدىكەن، ئۆزەمنىڭ كومپيۇتېرىدا يېڭىلاپمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدىم.

  2. كۆك كەپتەر
    2011/02/18 14:29:02

    ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا يىڭىلىسىڭىز، مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. بۇ نۆۋەت يىڭىلانغاندا، يەنە باشقىچە ئامال قوللىنىش پىلانىم بار، ھەممەيلەن ئىشلىتەلەيدىغان، ھەممەيلەنگە تەمىنلىنىدىغان ئامال، قىنى بۇدا بىر نەشىرى چىقسۇن قىنى، بىر ئىتىشىپ باقاي.

    • دولقۇن731
      2011/02/18 14:47:48

      بولسا شۇندا قىلىڭە ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بوشلىقىنى ئىشلەتكۈچىلەر تازىمۇ چارچاپتۇ ئاستا سۈرەتتە چۈشسە . مەندەك چەتنىڭ بوشلىقىنى ئىشلەتسەڭلار بىر دەمدىلا يېڭىلىۋېتىدىكەن

  3. خىيالىي
    2011/02/18 21:07:15

    گەرچە مەن بۇ تېخنىكىغا ھازىرچە ئېھتىياجلىق بولمىساممۇ، لېكىن ھەل قىلىش جەريانىڭىزغا ناھايىتى قىزىقتىم. مۇمكىن بولسا بىزلەرگە ئىمكان يار بەرگەن ئاساستا تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىۋەتكەن بولسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولاتتۇق.
    مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغان http://hasnur.blogbus.com/bloglink ئۇلانمىسىغا رەھمەت.

  4. جۇلالىق
    2011/02/20 14:42:38

    بۇنداق يېڭىلاشلارغا كۈچۈم سەل ئاجىزلىق قىلغىدەك ھازىرچە مۇشۇ نۇسخسىنى ئىشلىتىپ تۇراي.

  5. كارو
    2011/02/25 21:57:16

    سىزدىن بىر ياردەم سوراي دىگەن، pj بىلوگدىن wp غا قانداق كۆچتىڭىز؟
    يەنى ئىچىدىكى تېمىلارنى بىر بىرلەپ كۈچۈرۈپ يۈردىڭىزمۇ ياكى باشقا ياخشىراق ئامال بارمۇ؟
    مېنىڭ بىر دوستۇم ubuntu غا ئائىت بىر نەرسىلەرنى يازدىغان، ئۇمۇ pj دىن wp غا كۆچمەكچى ئىدى، بىر-بىرلەپ كۆچۈرسە نېمە ئاۋارچىلىق ئۇ.

    • كۆك كەپتەر
      2011/02/26 11:19:44

      pj دىن wp غا ئايلاندۇرىدىغان مەخسۇس پىروگرامما بار. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، xml ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۋىلىپ، ئاندىن wp غا كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ.
      بۇ پىروگراممىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى، بۇ يەردىن كۆرۋالسىڭىز بولىدۇ.
      http://hi.baidu.com/hiyushan/blog/item/f6959e86837d643967096eaa.html

  6. سالدام
    2011/03/07 16:55:44

    بىر قانچە تەكلىپ بار ئىدى.

    1.مەنمۇ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرىگە يېڭىلىيالمىدىم.بولسا بۇنىڭ ئۇسۇلىنى رەسىملىك،چۈشىنىشلىك قىلپ يوللاپ قويسىڭىز.
    2.wordperessدا تىنىچ بەت ھاسىل قىلىشىنى ئۈگۈتۈپ قويغان بولسىڭىز.يەنى مەسىلەن:www.xxxxx.com/123.htmlمۇشۇنداق بەت ھاسىل قىلىشىنى.
    3.تور بىتىڭىزنىڭ ئىنكاس رايونىدىكى خەتلەر بەك كىچىك تۇرىدۇ.سەل پەل چوڭايتىپ قويسىڭىز بولىدىغاندەك قىلىدۇ

  7. كۆك كەپتەر
    2011/03/07 17:58:28

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    1.تەكلىپىڭىزگە پات ئارىدا جاۋاب بىرىمەن. 2. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمىتېر چوقۇم linux مەشخۇلات سېستىمىسى بولۇشى كىرەك. 3. مەن ئۆزگەرتىپ قوياي، قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

10 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپ بولدى، چاققان بولمامسىز؟

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: