3G كۆچمە خەۋەرلېشىش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە
كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، مەزكۇر ئاتالغۇ ئارىمىزغا كىرگىلى خىلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى، 3G دىن ئىبارەت بۇ يۇقۇرى تېخنىكا نەتىجىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، جۈملىدىن مەنمۇ بۇ تېخنىكىدىن نەپ ئېلۋاتقانلارنىڭ بىرسى. مەزكۇر تېمىدا مەن ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرى ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ، 3G تېخنىكىسى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن:
3G بولسا، ئۈچىنجى ئەۋلات كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (3rd-generation) دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇقۇرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىدا بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى (يەنى: سۈرەت قاتارلىق) يوللىيالايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىمسىز خەۋەرلىشىش بىلەن خەلقئارا ئالاقە تورى قاتارلىق كۆپ ۋاستىلىك ئالاقە ۋاستىلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان يىڭى بىر ئەۋلات كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسدىن ئىبارەت.
3G تېخنىكىسى بىلەن 2G تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا، ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش سۈرئېتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدە بولۇپ، نەزەرىيەت جەھەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى چۈشۈرۈش تېزلىكى سىكونىتىغا 3.6MB، يوللاش تېزلىكى سىكونىتىغا 384kb كە يىتىدۇ، ئۇ پۈتۈن يەرشارى تەۋەسىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا سىمسىز كەزمە مۇلازىمىتى، تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش، تېلفون يىغىنى ئېچىش ۋە ئېلىكترونلۇق سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە خەلقئارا تېلگىراف بىرلەشمىسى بىكىتكەن 3G سىمسىز ئالاقە ئۆلچىمىدىن ئۈچى بولۇپ، بۇلار: جوڭگۇ تېلگىراف شېركىتىنىڭ CDMA2000 تورى، جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتىنىڭ TD-SCDMA تورى، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شېركىتىنىڭ WCDMA تورىدىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئىچىدە CDMA2000 بولسا، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى CDMA تورى بولۇپ، جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتى سىتىۋالغاندىن كىيىن، تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ، CDMA2000 غا ئۆستۈرگەن. TD-SCDMA تورى بولسا، دۇنيادىكى تۆت يۈرۈش 3G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئارىسىدا، دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقوقى بولغان خەلىقئارا ئۆلچەمدىن ئىبارەت. (دTD-SCDMA تورى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسڭىز، تەڭرىتاغ تورىنىڭ TD-SCDMA تورى مەخسۇس سەھىپىسى نەزىرىڭىزدە بولسۇن. http://www.xjts.cn/special/ydxl/node_63487.htm )
3Gتور تېخنىكىسى ئەمەلىيەتتە سىملىق تورغا ئوخشاشلا بولۇپ، بىردىن- بىر پەرقى سىمسىز مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت، 3Gنىڭ ھازىرقى كونكىرىت مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. كەڭ بەلباغ تورىغا چىقىش:
كەڭ بەلباغ تورى دىيىلسە، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئائىلە ياكى ئىشخانىدىكى كەڭ بەلباغ تورى كىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، يانفۇندا تورغا چىقىش بىلەن كومپىيۇتېردا تورغا چىقىشنىڭ ئۇلىنىش پىرىنسىپى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت، ئۇلاشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنە (بىرسى يانفۇن يەنە بىرسى كومپىيۇتېر)، ئۇلاش ئۇسۇلى، سۈرئېتى ۋە ھەق ئۆلچىمىدىلا پەرىق قىلىدۇ، ئىككىلىسى ئوخشاشلا ھىسابات نۇمۇرى ئارقىلىق مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە ئۇلىنىپ، بىزنى تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەتتىكى يانفۇنلارGSM تورى ئارقىلىق GPRS تورىغا ئۇلىنىپ، بىزنى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى كومپىيۇتېرغا تەدبىقلاپ، كومپىيۇتېردا تورغا چىققىلى بولسىمۇ، بىراق سۈرئېتى ئىىنتايىن ئاستا، ھەق ئۆلچىمى ئىنتايىن يۇقۇرى، شۇڭا ئوموملاشمىغان ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.
ئەمدى 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش بولسا، تىز سۈرئەت، تۆۋەن ھەق ئۆلچىمى بىلەن تورغا ئۇلىنىش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. 3Gتورىدىن پايدىلىنىپ، يانفۇندا تورغا چىققىلىمۇ، ئوخشاشلا كومپىيۇتېر تورغا چىققىلىمۇ بولىدۇ، تېزلىكى ئادەتتىكى ADSLبىلەن پەرىقلەنمەيدۇ.
3Gتورى ئارقىلىق كەڭ بەلباغ تورىغا چىقىش، نۆۋەتتە جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتى رايۇنىمىزدا 天翼 ماركىسى ئاستىدا ئاللىقاچان يولغا قويۇپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇرۇنقى CDMAتورىنىڭ 1X شەكلىدە تورغا ئۇلىنىش مۇلازىمىتى ئاساسىدا كىڭەيتىلگەن، شۇڭا رايۇنىمىزدا ناھايىتى تېزلا ئوموملاشقان، ناھىيە، شەھەر دائېرىسى ۋە بىر قىسىم يىزا- بازارلاردا يولغا قويۇلۇپ بولغان. جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتىنىڭ 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش كەسىپى ئاچقۇزغاندا، بىۋاستە يانفۇندا تىز سۈرئەتتە تورغا چىقىشقىمۇ، (بۇنداق يانفۇنلار قىممەترەك.) بىجىرگەن كارتىنى كومپىيۇتېرنىڭ چىتىلىدىغان 3G مودىمغا سىلىپ، تورغا چىقىشقىمۇ بولىدۇ. 3G سېگىنالى بولمىغان رايۇنلاردا 1X شەكلىدە تورغا چىقىشقا بولىدۇ (ئەڭ تېز نەزەرىيە سۈرئېتى 156Kb قا يىتىدۇ). CDMA يانفۇنلىرىنىڭ 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش كەسىپىنى ئاچقۇزمىغان ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت 1X شەكلىدىلا تورغا چىقىشقا بولىدۇ. بۇ كەسىپ، كەڭ بەلباغ تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش شارائىتى بولمىغان چەت جايدىكىلەرگە ماس كىلىدۇ.
2. سۈرەتلىك پاراڭلىشىش:
يانفۇندا سۈرەتلىك پاراڭلىشىش بولسا، 3G تور تېخنىكىسى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەرنى بىرسى ھىسابلىنىدۇ. ئابونىت يانفۇننىڭ قوللىشى ئاستىدا، يانفۇندىلا كومپىيۇتېردىكى QQ, MSNلارغا ئوخشاش قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاستە سۈرەتلىك پاراڭلىشالايدۇ. نۆۋەتتە رايونىمىزدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 沃 ماركىسى ئاستىدا، سۈرەتلىك پاراڭلىشىش كەسپى ئېچىلدى.
3. يانفۇندا تېلىۋىزور كۆرۈش:
بۇ خىل مۇلازىمەتتە، ئابونىت، يانفۇن ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، يانفۇندا بىۋاستىلا تىلىۋىزور كۆرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ، سىگىنال قوبۇل قىلىشقا 3G تورىنى ئىشلەتكەچكە، سۈرەت ئۈنۈمى، ئادەتتىكى ADSLدا كىنو كۆرگەنگە ئوخشاشلا بولىدۇ. يانفۇنغا نىسبەتەن ئالاھىدە تەلەپ يوق بولۇپ، نۆۋەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلار ئۈچۈن، تور تېلىۋىزىيېسى يۇمشاق دىتالىنى تارقاتتى. مەزكۇر دىتالنى قاچىلىغاندىن كىيىن، تور شارائىتى قوللىغان ئاساستا يانفۇندا بىۋاستە تېلىۋىزور كۆرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.
يۇقۇرقى كەسىپلەردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى- 3G تور تېخنىكىسى بىزنى يىراق يىزىدا تورغا چىقىش، يىراقتىكىلەر بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلىشىش، يانفۇندا تېز سۈرئەتتە تورغا چىقىش شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ. دۆلىتىمىز ئەقلى مۈلۈك ھوقوقىغا ئىگە بولغان TD-SCDMA تور بولسا، تېخىمۇ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇپ، بىزلەرنى، زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمان قىلغۇسى، ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىرىتقى دۇنيا بىلەن يىقىنلاشتۇرغۇسى…
************************************************************************************************
ئۈچ شىركەتنىڭ ئۈچ خىل 3G كەسىپلىرى ھەققىدە شىركەت تورىغا كىرسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايسىز.
جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتىنىڭ 天翼 كەسىپى
جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ G3 كەسپى
جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 沃 كەسپى














2011/08/08 14:20:52
3 ج مۇلازىمىتى ناھايىتى قولايلىق بولۇپ كەتتى ھازەر،تىمىڭىزغا تەشەككۈر! ئېلانلار دەسسەلدى.![[cy]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/lol.gif)