IISنىڭ زىيارەت ۋە مەشخۇلات خاتىرىسىنى ساندانغا ساقلاش
IISنىڭ زىيارەت ۋە مەشخۇلات خاتىرىسىنى ساندانغا ساقلاش
«IISنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر قانچە مۇھىم تەڭشەكلەر» ناملىق ماقالىمىزدە، IIS خاتىرىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، يۈز بەرگەن بىر ئىش بىلەن IIS خاتىرىسىگە بولغان چۈشەنچەم تىخىمۇ ئاشتى.
ئالدىنقى يازمىمىزدا دەپ ئۆتكەندەك، IIS خاتىرىسى ھۆججەتكە ساقلىنىدىغان بولۇپ، ئوبدان ساقلىيالماي قالسىڭىز، ناھايىتى ئىغىر ئاقىۋەتكە يول قويغان بولۇشىڭىز مومكىن. بۇ ماقالىمىزدە، IISنىڭ خاتىرىسىنى ساندانغا ساقلاشنى كۆرسىتىمىز. ئادەتتە ھەر قانداق مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچى، ساندانغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ھىچنىمىنى زاپاسلىمىسىمۇ سانداننى زاپاسلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىكى ھۆججەتكە ساقلانغان خاتىرىنى ئانالىز قىلىش ناھايىتى قىيىن، Excelغا چاپلاپ ئانالىز قىلاي دىسىڭىزمۇ پارچىلاپ بولالمايسىز. ھەم بۇ ھۆججەتنى دەماللىققا ئىچىپ كۆرەي دىسىڭىز، notepad بۇنداق چوڭ ھۆججەتنى ئاچالمايدۇ. شۇڭا خاتىرىنى سانداندا ساقلاش ناھايىتى ئىشەنچىلىك تەدبىر ھىسابلىنىدۇ.
IISخاتىرىسىنى سانداندا ساقلاش ئۈچۈن قانداق جەدىۋەل قۇرىمىز؟
مەن باشقۇرىۋاتقان تور بىكەتنىڭ ساندانى MSSQLبولۇپ، مەن ئادەتتە خاتىرىنىمۇ MSSQLدا ساقلايتتىم، بۈگۈن ئۆزۈمچە «كۆك كەپتەر»نىڭ خاتىرىسىنىمۇ ساندانغا قويۇش خىيالىغا كىلىپ قالدىم، بىراق MSSQL بىلەن MYSQLنىڭ جەدىۋەل قۇرۇلمىسىدا ئازراق پەرىق بار، IIS خاتىرىسى جەدىۋىلىنى، خالىغانچە قۇرۇپ قويسىڭىز تىخىمۇ بولمايدۇ، چوقۇم IIS تونۇيدىغان شەكلىدە ياسايسىز، چوقۇم بەلگىلەنگەن ئىستون ناملىرىنى ئىشلىتىسىز. شۇڭا مەنمۇ MSSQL دىكى ساندانغا ئاساسەن، خاتىرە جەدىۋىلىنى MYSQL غا ماس كىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقتىم.
تۆۋەندىكى SQL جۈملىسى، MSSQLدا IIS خاتىرە جەدىۋىلىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. (Jedwel_Name) دىگەن يەرنى ئۆزىڭىز قۇرماقچى بولغان جەدىۋەل نامىغا ئۆزگەرتىڭ.
CREATE TABLE [dbo].[Jedwel_Name] (
[Logid] [int] IDENTITY (1, 1) NOT NULL ,
[ClientHost] [varchar] (255) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL ,
[username] [varchar] (255) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL ,
[LogTime] [datetime] NULL ,
[service] [varchar] (255) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL ,
[machine] [varchar] (255) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL ,
[serverip] [varchar] (50) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL ,
[processingtime] [int] NULL ,
[bytesrecvd] [int] NULL ,
[bytessent] [int] NULL ,
[servicestatus] [int] NULL ,
[win32status] [int] NULL ,
[operation] [varchar] (255) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL ,
[target] [varchar] (255) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL ,
[parameters] [varchar] (255) COLLATE Chinese_PRC_CI_AS NULL
) ON [PRIMARY]
تۆۋەندىكى جۈملە MYSQL دا IIS خاتىرە جەدىۋىلى قۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. (Jedwel_Name) دىگەن يەرنى ئۆزىڭىز قۇرماقچى بولغان جەدىۋەل نامىغا ئۆزگەرتىڭ.
CREATE TABLE IF NOT EXISTS `Jediwel_Name` (
`Logid` int(20) unsigned NOT NULL auto_increment,
`ClientHost` varchar(255) character set utf8 default NULL,
`username` varchar(255) character set utf8 default NULL,
`LogTime` datetime default NULL,
`service` varchar(255) character set utf8 default NULL,
`machine` varchar(255) character set utf8 default NULL,
`serverip` varchar(50) character set utf8 default NULL,
`processingtime` int(11) default NULL,
`bytesrecvd` int(11) default NULL,
`bytessent` int(11) default NULL,
`servicestatus` int(11) default NULL,
`win32status` int(11) default NULL,
`operation` varchar(255) character set utf8 default NULL,
`target` longtext character set utf8,
`parameters` longtext character set utf8,
PRIMARY KEY (`Logid`)
) ENGINE=InnoDB DEFAULT CHARSET=latin1 AUTO_INCREMENT=355 ;
ناۋادا سىز Oracle ياكى Access ساندانى ئىشلەتسىڭىز، MSSQL غا ماس كىلىدىغان جۈملە بويىچە قۇرسىڭىز بولىدۇ.
IISخاتىرىسىنى سانداندا ساقلاش ئۈچۈن قانداق تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز؟
IISنىڭ بىكەت خاسلىقىنى تەڭشەيدىغان كۆنەككە قارىساق، خاتىرە ساقلاش شەكىللىرىدە «ODBCخاتېرە ھۆججېتى» (ODBC日志文件) دەپ بىر تۈر تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ خاتىرىنى ساندانغا ساقلاشتىكى ناھايىتى مۇھىم تەڭشەك ھىسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ODBC شەكلى دىگەن ئىكەن، بىز چوقۇم ODBC ئۇلانمىسى قۇرۇپ بىرىشىمىز كىرەك.
مۇلازىمىتېرنىڭ «باشقۇرۇش قوراللىرى» (管理工具)گە كىرسەك، «سانلىق مەلۇمات مەنبەسىODBC» يەنى: (数据源ODBC) دەپ بىر باشقۇرۇش قورالى بارلىقىنى كۆرىمىز. بىز دەل مۇشۇ يەردىن «سېستىماDSN» يەنى: (系统DSN)نى تاللىغاندىن كىيىن، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر مەنبەسى قۇرۇپ بەرسەكلا بولىدۇ.
ئادەتتە، بۇ يەردە MYSQL ساندان تۈرى كۆرۈنمەيدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن، http://www.mysql.com دىن mysqlنىڭ odbc پىروگراممىسىنى (mysql-connector-odbc) چۈشۈرۈپ قاچىلىۋەتسەكلا mysql ساندان تۈرى كۆرۈنىدىغان بولىدۇ. (مۇشۇ يەر ئارقىلىق ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقا oracle Access ۋە باشقا ساندانلارنى، ھەتتا Excel نىمۇ قۇرالايسىز.)
odbc نى قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، IISنىڭ تەڭشىكىگە كىرىپ، odbcنامى، IIS خاتىرىسىنى ساقلىماقچى بولغان جەدىۋەل، ساندان ئىسىمى، ساندان پارولى قاتارلىقلارنى يىزىۋەتسىڭىزلا ساقلاشنى باشلاپ كىتىدۇ.
ئەمدى سىناپ بىقىڭ، سىزنىڭ ئەسلىدىكى IISخاتىرىڭىزنى ئانالىز قىلىش ئاسانمىكەن ياكى ساندانغا ساقلانغان خاتىرىڭىزنىمۇ.
مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى

















2010/12/23 15:22:30
رەخمەت يېپيېڭى تېخنىكىدىن بىرنى ئىگىلىدىم![[hao]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/hao.gif)
نىمىشقا ئۆزى بەلگىلەپ قويغان ئىسىم بويىچە كىلىدىغاندىمىز 字段 لىرىنى ؟ [baiy]
2010/12/23 23:35:33
ئىستون نامى ئەلۋەتتە IIS ئالدىن بەلگىلىۋالغان، ئۆزى تونۇيدىغان شەكىلدە بولىدۇ-دە. ناۋادا ئۆزۈم خالىغانچە بىكىتۋالىمەن دىسىڭىز، IISنىڭ خاسلىقىنى تەھرېرلەشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ بەك ئاۋارىچىلىق ھەم كاشىلا تۇغدۇرىدىغان ئىش. «كۆك كەپتەر»نىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۈگۈنگىچە بولغان خاتىرىسىنىڭ چوڭلۇقى 18MB، جەمئى 108750 قۇر كەپتۇ. [ch] بۇنى SQL جۈملىسى بىلەن ئىلغاپلا تازىلىۋاتسەك نوچى ئىش بولىدۇ-دە.![[gz]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/gz.gif)
2011/06/15 10:28:32
سېمىز كەپتەردىن يەنە بىرنى تۇتتۇم![[cy]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/lol.gif)
2011/06/15 16:32:51
قاچانقى كەپتەربۇ، كەپتەرخانىنى كۆپ ئارىلىمايدىغانلىقلىرى ئاشكارىلاندى مانا.
گۈدۈكنى كۆرمىگەن بولسىلا، مەڭگۈ پىنھان قالاركەن ھە. ![[pz]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/pz.gif)
2011/08/08 14:23:13
پاھ-پاھ،ھەقىقەتەن ئىسىل بوردالغان سىمىز كەپتەركەن ماۋۇ![[hao]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/hao.gif)