ئۆز مۇلازىمىتىرىمىزدىكى تور مۇلازىمىتىنى سىرىتقا تەمىنلەش تېخنىكىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئالدىنقى دەرىسلىكلىرىمىزدە، ئۆز كومپىيۇتېرىمىز ۋە مۇلازىمىتىرىمىزدە web ۋە ftp قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قۇرۇشنى ئۆگەندۇق. بۇ ئۇسۇلدا قۇرۇلغان مۇلازىمەتلەر بىر قىسىمى تور ياكى مەۋھۇم قىسمى توردىلا ئىشلەيدىغان بولۇپ، باشقا ئىنتىېرنېت ئابونىتلىرى بەھىرلىنەلمەيدۇ. بىز مەزكۇر دەرىسلىكتە ئالدىنقى ئىككى مۇلازىمىتېر قۇرۇش ئۇسۇلىدا ئۆگەنگەنلىرىمىزگە ئاساسەن، ئۆز كومپىيۇتېرىمىز (مۇلازىمىتىر)دىكى مۇلازىمەتنى سىرىتقا تەمىنلەشنى ئۆگىنىمىز، بۇ دەرىسلىكنى ئالدىنقى ئىككى مۇلازىمىتېر دەرىسلىكىنىڭ داۋامى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. بۇندىن كىيىن تونۇشتۇرىلىدىغان vpn ۋە باشقا مۇلازىمىتېر تەمىنلەش ئۇسۇللىرىمۇ مۇشۇ دەرىسلىكتە كۆرسىتىلگىنىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئۆز كومپىيۇتېرىمىزدىكى مۇلازىمەتنى سىرىتقا تەمىنلەشنى، ئاشۇ كومپىيۇتېرنىڭ تورغا ئۇلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بىۋاستە تەمىنلەش ۋە ئىغىز كۆرسىتىش ئارقىلىق تەمىنلەش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىۋاستە تەمىنلەش بولسا، كومپىيۇتېر بىۋاستە ئىنتېرنىتقا ئۇلانغان ۋاقىتتا ئىلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ، 宽带链接 نى كومپىيۇتېردا بىۋاستە ئۇلاپ تورغا چىقىدىغان ياكى مۇقىمIP (نۇركابىل) نى بىۋاستە كومپىيۇتېر چېتىپ تورغا چىقىدىغان كومپىيۇتېرلاردا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭغا ھەر قانداق ئالاھىدە تەڭشەش ئىلىپ بىرىش ھاجەتسىز.
ئىغىز كۆرسىتىش ئارقىلىق تەمىنلەش بولسا، كومپىيۇتېر مەلۇم ئاپپارات (مەسىلەن: روتېر (يىتەكلىگۈچ) ياكى مەلۇم بىر مۇلازىمىتېر، مەزكۇر تېمىدا روتېر (يىتەكلىگۈچ)نى مىسالغا ئالىمىز) ئارقىلىق تورغا ئۇلانغان ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا، كومپىيۇتېرىمىزدا مۇلازىمەتنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن، يىتەكلىگۈچنىڭ تەكشەكلىرى ئارقىلىق مۇلازىمەت ئىغىزىنى سىرىتقا تەمىنلەيمىز. بىۋاستە تورغا ئۇلىنىدىغىنى يىتەكلىگۈچ بولسىمۇ، يىتەكلىگۈچنىڭ شۇ مۇلازىمەت ئىغىزى ئۆز كومپىيۇتېرىمىزغا كۆرسىتىلگەچكە، سىرىتتىكى ئابونىت بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت ئىغىزىدىن ئۇچۇر ئوقۇماقچى بولسا، يىتەكلىگۈچ ئاپتوماتىك ھالدا، ئەسلىدىكى ئىغىز كۆرسىتىلگەن كومپىيۇتېرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىغىزدىكى ئۇچۇرنى يوللاپ بىرىدۇ. يىتەكلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىدا ۋە كەسپى ئاتالغۇ بويىچە بۇنى "مەۋھۇم مۇلازىمىتېر (虚拟服务器)" دەپ ئاتايمىز. بۇ تېمىدىمۇ مۇشۇ ئاتالغۇ بويىچە ئىلىنىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان يىتەكلىگۈچلەرنىڭ تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، چوڭ جەھەتتە ئۈچ خىل بولۇپ:
1. IP ئادىرىس بىلە ن ئىغىزنىلا كۆرسىتىشكە بولىدىغان يىتەكلىگۈچلەر. بۇ خىلدىكى يىتەكلىگۈچلەرنى تەڭشەش ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تەڭشەيدىغان ئورۇنغا نىشان كومپىيۇتېرنىڭ IP ئادىرىسى ۋە نىشان ئۇلىنىش ئىغىزىنىلا يىزىپ قويساق بولىدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان TP-Link قاتارلىق يىتەكلىگۈچلەر مۇشۇ ئۇسۇلدا تەڭشىلىدۇ.
2. IPئادىرىسنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە كىرىش ئىغىزى بىلەن چىقىش ئىغىزنى ئايرىم بىكىتىشكە بولىدىغان يىتەكلىگۈچلەر. بۇ خىلدىكى يىتەكلىگۈچلەر نىسبتەن مۇرەككەپ كۆرۈنىدۇ. نىشان كومپىيۇتېرنىڭ IP ئادىرىسىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۇچۇرنىڭ كىرىش ئىغىزى ۋە چىقىش ئىغىزنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بىكىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: كومپىيۇتېرىزدا 80-ئىغىزدا ئىچىلغان تور بەتنى، سىرىتتا 88-ئىغىزدا ئاچسا كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشىيەلەيسىز. Huawei H3Cنىڭ Aolynk تۈرىدىكى يىتەكلىگۈچلىرى، تورخانىدا ئىشلىتىلىدىغان يىتەكلىگۈچلىرى، Tenda, D-Link قاتارلىق يىتەكلىگۈچلىرىدە مۇشۇنداق ئۇسۇلدا تەڭشىلىدۇ.
3. IPئادىرىس، كىرىش ئىغىزى، چىقىش ئىغىزى قاتارلىقلارنى ئايرىم- ئايرىم بىكىتىشكە بولىدىغان يىتەكلىگۈچلەر. بۇ خىلدىكى يىتەكلىگۈچلەر، ئادەتتە مەخسۇس ئىدارە ئورۇن، چوڭ شىركەتلەرنىڭ تور ئاساسى لىنىيېسىنى باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، "ئەقلى ئىقتىدارلىق يىتەكلىگۈچ" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىكلىرىدە تور بەت شەكلىدە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولغاندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى پۈتۈنلەي بۇيرۇق ئارقىلىق باشقۇرىلىدۇ. بۇ خىل يىتەكلىگۈچلەردە، ئۇچۇرنىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئىغىزىنى ئايرىم- ئايرىم كۆرسەتكەندىن باشقا، مۇشۇ يىتەكلىگۈچنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدە بولمىغان، لىكىن مۇشۇ يىتەكلىگۈچ بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدىغان بارلىق كومپىيۇتېردىكى مۇلازىمەتلەرنى سىرىتقا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن بىزنىڭ كومپىيۇتېرىمىزنىڭ IPئادىرىسى 192.168135.22 بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلىنالايدىغان IP ئادىرىسى 10.121.10.10 بولغان كومپىيۇتېرنىڭ مەلۇم ئىغىزىدىكى ئۇچۇرنى مۇشۇ يىتەكلىگۈچ ئارقىلىق سىرىتتا تەمىنلىيەلەيمىز.
nat server global 222.80.25.142 80 inside 10.121.10.10 80 tcp
دىگەندەك.
بىز مەزكۇر دەرىسلىكىمىزدە بىرىنجى ۋە ئىككىنجى خىلدىكى يىتەكلىگۈچتىن پايدىلىنىپ ئۆز كومپىيۇتېرىمىزدىكى تور مۇلازىمىتىنى سىرىتقا تەمىنلەشنى سۆزلەيمىز. بىرىنجى تۈردىكى يىتەكلىگۈچكە TP-LINK ماركىلىق TL-R402 تىپلىق Soho يىتەكلىگۈچنى، ئىككىنجى تۈردىكى يىتەكلىگۈچكە H3C شىركىتىنىڭ Aolynk ماركىلىق BR104H تىپلىق يىتەكلىگۈچنى مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز. (دىققەت: مەزكۇر دەرىسلىك يىتەكلىگۈچنىڭ مەۋھۇم مۇلازىمىتېر قىسىمىنى تەڭشەش دەرىسلىكى، ھەرگىزمۇ يىتەكلىگۈچ تەڭشەش دەرىسلىكى ئەمەس، شۇڭا باشقا تورغا ئۇلاش، ئادىرىس تەخسىملەش دىگەندەك ئىقتىدارلار سۆزلەنمەيدۇ.)
ئادەتتە قىسمى توردا، يىتەكلىگۈچ ئاشۇ قىسمى توردىكى ئابونىتلارنى تورغا ئۇلاپ بىرىش رولىنى ئۆتەيدۇ، دىمەك قىسمى توردىكى ئابونىتلارنىڭ IP ئادىرىسىنىڭ ئاستىغا يىزىلغان تور تۈگۈنىنىڭ (网关) ئادىرىسى دەپ مۇشۇ يىتەكلىگۈچنىڭ ئادىرىسىدىن ئىبارەت. (ئەگەر سىزنى تور بىلەن تەمىنلەۋاتقان يىتەكلىگۈچنىڭ قىسمى تور ئادىرىسىنى بىلمىسىڭىز، ئىنىقلاپ بىلىۋىلىڭ. بىلەلمىسىڭىز، مەزكۇر دەرىسلىكنى كۆرۈپ ئاۋارە بولماڭ.)
يىتەكلىگۈچنىڭ ئادىرسىىنى بىلگەندىن كىيىن، جاھاننامە ئارقىلىق يىتەكلىگۈچنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئاچىمىز. (مەن ئىشلىتىۋاتقان يىتەكلىگۈچنىڭ ئادىرىسى http://192.168.135.1 شۇڭا مەن مۇشۇ ئادىرىسنى ئاچىمەن.)
ئېچىپ، باشقۇرۇش ئىسىمى ۋە پارولنى بېسىپ كىرگەندىن كىيىن، يىتەكلىگۈچنىڭ تەڭشەش سۇپىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.
يىتەكلىگۈچنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگەندىن كىيىن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى سىرىتقى تور IP ئادىرىسىنى بىلىۋىلىشىمىز كىرەك.
سول تەرەپتىكى "ئىجرا ھالېتى (运行状态)" نى چەكسەك، يىتەكلىگۈچنىڭ بارلىق ھالىتىنى كۆرەلەيمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى "WAN ئىغىزىنىڭ ھالىتى (WAN口状态)" دەل بىزنىڭ سىرىتقى تور ئىغىزىنىڭ ھالىتى، IPئادىرىس دىگەن ئورۇندىكى ئادىرىس بولسا دەل بىزنىڭ سىرىتقى تورنىڭ IP ئادىرسىىدىن ئىبارەت.
سىرىتقى تورنىڭ ئادىرىسىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن، داۋاملىق تەڭشەشنى باشلايمىز. سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن "ئايلاندۇرۇش تەرتىپى (转发规则)"نى چەكسەك، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىزىملىك ۋە كۆزنەك ئېچىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىسمى توردىكى كومپىيۇتېرنىڭ تور مۇلازىمىتىنى سىرىتقا يوللاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىقتىدارلار، بىز بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت "مەۋھۇم مۇلازىمىتېر 虚拟服务器" ئىقتىدارىنىلا ئىشلىتىمىز.
تەڭشەشنى باشلاشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن ئۆز كومپىيۇتېرىمىزدىكى مۇلازىمەتلەرنى بىر سىناق قىلايلى.
80-ئىغىز ئارقىلىق ئېچىلغان، Apacheدا قۇرۇلغان Web مۇلازىمىتىرى (IISنىڭمۇ ئوخشاش.)
21-ئىغىزدا ئېچىلغان، Serv-U ئارقىلىق قۇرۇلغان FTP مۇلازىمىتىرى (باشقا ftp مۇلازىمىتېرلىرىنىڭمۇ ئوخشاش)
بۇلارنىڭ نورماللىقىنى بىلگەندىن كىيىن، يىتەكلىگۈچنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا مۇشۇ ئىككى مۇلازىمەتنىڭ ئىغىز نۇمۇرى ۋە قىسمى توردىكى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ IPئادىرىسىنى يازىمىز. (ئاخىرىنى بىر پىيالە چاي ئىچىۋىلىپ ئوقۇمسىز- يە؟ [face02] )
يىزىپ بولۇپ "ساقلاش (保存)"نى باسساقلا ئۆز كومپىيۇتېرىمىزدا ئېچىلغان يۇقۇرقى ئىككى مۇلازىمەت يەنى: web ۋە ftp مۇلازىمىتى سىرىتقا ئېچىلدى. ئەمدى بۇنى سىناپ باقايلى:
جاھاننامىنى ئېچىپ، بايام كۆرىۋالغان سىرىتقى تور IPئادىرىسىنى كىرگۈزىمىز. مەسىلەن: http://222.80.84.42 ۋە ftp://222.80.84.42
مانا بۇ، باياتتىن قىسمى تور ئادىرىسى http://192.168.135.22 ۋە ftp://192.168.135.22 نى ئېچىپ كۆرگەن web بېتى ۋە ftp بوشلۇقى. (ئۇھـــــــــ.)
Apacheدا ئېچىلغان web بېتى:
Serv_Uدا ئېچىلغان ftp بوشلۇقى:
مەزكۇر يىتەكلىگۈچتە مەۋھۇم مۇلازىمىتېر بەلگىلەش، ئالدىنقىسىغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ، بىراق يەنىلا بەزى بىر ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار.
جاھاننامىنى ئېچىپ يىتەكلىگۈچنىڭ ئادىرىسىنى كىرگۈزۈپ، باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرىمىز.
باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرسەك، ئالدى بىلەن روتېرنىڭ سىرىتقى تورغا ئۇلاش تەڭشەكلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىكى پارامىتېرلارغا چىقىلماي، بىۋاستە "يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭشەش (高级设置)"نى بېسىپ تەڭشەش سۇپىسىغا كىرىمىز.
"يۇقۇرى دەرىجېلىك تەڭشەش" سۇپىسىغا كىرگەندىن كىيىن، ئالدى بىلەن يىتەكلىگۈچنىڭ تورغا ئۇلىنىش ھالىتى كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردە ئالدىنقىسىغا ئوخشاشلا، "سىرىتقى تور ھالىتى (WAN状态)" دىن سىرىتقى تورنىڭ IPئادىرىسىنى كۆرىۋالىمىز.
سىرىتقى تورنىڭ ئادىرىسىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن، داۋاملىق تەڭشەشنى باشلايمىز. سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن "سېستىما مۇلازىمىتى (系统服务)"نى چەكسەك، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىزىملىك ۋە كۆزنەك ئېچىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئوخشاشلا "مەۋھۇم مۇلازىمىتېر 虚拟服务器" قىسمىغا تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز.
"يىڭىدىن قۇرۇش (新建) كۇنۇپكېسىنى بىسىپ، يىڭىدىن مەۋھۇم مۇلازىمىتېر قۇرۇش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.
"ئالدىن بىكىتىلگەن تەڭشەك (预置设置)" نى بېسىپ، "Web مۇلازىمىتى"نى كۆرسىتىۋەتكەندىن كىيىن. "ئىچكى مۇلازىمىتېر IP ئادىرىسى (内部服务器IP)" غا ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىنىڭ IPئادىرىسىنى يازىمىز. ئاندىن جەزىملەشتۈرۈشنى كىرگۈزۈپ كۆزنەكنى چىكىندۈرسەك بولىدۇ.
webنى ئېچىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق "يىڭىدىن قۇرۇش"نى بېسىپ، FTPنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئاچىمىز.
ئالدىنقى قىتىمقىدەك سىناق قىلساق ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز.
Apacheدا ئېچىلغان web بېتى:
Serv_Uدا ئېچىلغان ftp بوشلۇقى:
يۇقۇرقىلار ئۆز كومپىيۇتېرىمىزدىكى مۇلازىمەتنى سىرىتقا تەمىنلەشنىڭ ئۇسۇلى، بۇ ئۇسۇلدا سىرىتقا مۇلازىمەت تەمىنلىگەندە، بىزنىڭ سىرىتقى تور ئادىرىسىمىز مۇقىم بولۇشى كىرەك. بولمىسا ھەر قىتىم ADSLدا ئىرىشكەن ئادىرسىىمىزنى باشقىلارغا ئىيتىپ بەرسەك بولىدۇ. مەيلى مۇقىم ئادىرىس ياكى ئۆزگىرىشچان ئادىرىس بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىسىم ئاشۇ سىرىتقى تور ئادىرسىىغا باغلانغانلا بولسا، باشقىلار نورمال زىيارەت قىلالايدۇ. ئەگەردە مۇقىم IPئادىرىسىڭىز بولمىسا، ئىسىم باشقۇرۇش سۇپىسىدىن ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم ئادىرىس باغلاش ئىلىپ بارسىڭىزلا بولىدۇ.
ھازىرچە بۇ تېما ئاخىرلاشتى، ئالاقە تورىنى تىزگىنلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئاندىن ئىسىمنى ئۆزگىرىشچان IPغا دەخلىسىز ۋە مۇقىم باغلاش ھەققىدە سۆزلەيمىز. قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى














2009/09/24 23:42:37
ھە ئەمدى كۆردۈم، تور تىزگىنلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن مۇقىم IP قىلىش ھەققىدە توختىتىلىمىز دېگىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم [face50]
[reply=kokkaptar,2009-09-25 10:31 AM]"ئۆزگىرىشچان ئىسىم ئۇلاش" تېخنىكىسى چوقۇم مۇلازىمىتېر ۋە ئابونىت تەرەپنىڭ بىرلىكتە ئۇلىنىشى ئارقىسىدا بولىدۇ، شۇڭا ھازىر مۇلازىمىتېر بىلەن ئۇلانغىلى بولمايدۇ.
[/reply]
2009/09/25 13:51:22
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم ! ئالدى بىلەن دەرىسلىكلەرنى ئېرىنمەي تەييارلاپ چىققىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن . ئىككى ئىشنى ئۇيلاۋاتقان ئېدىم ، ئۆزگىرىشچان ئىسىم ئۇلاش تېخنىكىسىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغاندىن 花生壶لا بارمۇ ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭمۇ بارمۇ ؟ خالىغان ئىسىم مۇلازىمىتېرى ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان ئىسىم ئۇلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ ؟
[reply=kokkaptar,2009-09-25 03:03 PM]بۇنىڭغا مۇلازىمىتېر ۋە ئابونىت تەرەپ بىرلىكتە قوللىغاندا بولىدۇ. بۇنىڭ مۇلازىمىتېر پىروگراممىلىرىنى مەنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. [/reply]
2009/10/05 13:25:59
كومپىيۇتېرىمنىڭ ئىچكى ipئادىرىسى بويىچە ئاچسام نورمال لىكىن مۇقىم ipئادىرىسى بويىچە ئاچسام ئىچىلمىدى ..
لىكىن مۇقىم ipئادىرىسى بويىچە ئىچىلغان ftpنورمال …..
بۇزادى نىمە خاتالىق؟؟؟
[reply=kokkaptar,2009-10-05 06:14 PM]سۇئالىڭىزنى چۈشىنىشلىكرەك ئوتتۇرغا قويغان بولسىڭىز.
ئەگەردە ئىچكى ئادىرىس بويىچە ئىچىلغان بولسا، سىرىتقا تەمىنلىمەكچى بولسىڭىز، يىتەكلىگۈچنى تەڭشەشتىن باشقا، سېستىمىنىڭ قوغداش تېمىنىمۇ تەڭشىشىڭىز كىرەك، شۇڭىلاشقا مۇلازىمىتېرغا XPئىشلىتىلمەيدۇ. [/reply]
2009/10/06 00:10:42
ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلسۇن …
ئوڭۇشلۇق بولدى . ھەممىنى قىلىپ ئاشۇ سېستىمىنىڭ قوغداش تېمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ..
ئەسكەرىتكىنىڭىزگە رەھمەت!!!
2009/10/08 13:44:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئالدى بىلەن بۇ دەرىسلىكنى تۈزۈپ چىقىڭىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !
مەن بۇ دەرىسلىككە ئاساسەن ئالدىنقى باسقۇچتىكى مۇلازىمېتىر قۇرۇشنى تاماملىدىم .
2-باسقۇچقا كەلگەندە قىلالمىدىم . سەۋەبى مەن ئادەتتە تورخانىدا ياكى مەكتەپنىڭ ياتىقىدىكى توردا تورغا چىقالايمەن . 路由器 ئارقىلىق چىقالمايمەن . بۇنداق ئەھۋالدا قىلۈىلى بولامدۇ؟
[reply=kokkaptar,2009-10-10 09:30 AM]مەكتەپ تورى ئارقىلىق چىقسىڭىزمۇ، يىتەكلىگۈچ ئارقىلىق چىققان بولىسىز، تورخانىدا چىقسىڭىزمۇ ئوخشاش. [/reply]
2009/10/08 21:25:09
سىز بۇلارنى ئۆگىتىپ نىمە قىلماقچى؟ ھىچ چۈشىنەلمىدىم…
[reply=kokkaptar,2009-10-10 09:30 AM]ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتە تاقاش كۇنۇپكېسى بار، شۇنى بىسۋىتىڭ. قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. [/reply]
2009/10/09 12:13:15
ياخشى بوپتۇ.
[reply=kokkaptar,2009-10-10 09:31 AM] قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
[/reply]
2009/10/09 17:41:02
windows2003 نىڭ iis نى قاچىلىغانتىم پەقەت html لا ئىجرا بولىدۇ، چۈشەندۈرۈلىشىدىن قارىغاندا Windows2003 كە iis نى قاچىلىغان ۋاقىتتا asp ۋە asp.net لارنىمۇ ئىجرا قىلالايدۇ دىيىلىپتىكەن، قانداق قىلسام asp ۋە asp.net نىمۇ ئىجرا قىلالايدىغان قىلالايمەن. مەن قاچىلىغان iis نىڭ نەشىرى 6.0ئىكەن ، Windows2003 نىڭ تولۇق قاچىلىنىدىغان دېسكىسىدىن قاچىلىغان.
بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز.
[reply=kokkaptar,2009-10-10 09:33 AM]iisنى قوشقاندىلا asp نى بىۋاستە تونۇيدۇ، تونۇمىسا، iisنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرسىڭىز، web服务扩展 دەيدىغان تۈر بار، شۇنى بىسىپ، aspنى قوزغىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
aspxنى بولسا، net2.0نى قاچىلىسىڭىز قوشىلىدۇ. [/reply]
2009/10/09 23:57:28
ياخشىمۇسىز سىز ئەجرىڭىز گە كۆپ تەشەككۇر بولساTL-R402 ياكىAolynk-BR104H دىگنىڭز نىڭمۇ چۈشۈرۈشكە يوللاپ قوغان بولسىڭىز
مەن مۇشۇ يەر گە كىلىپ تۇرۇپ قالدىم
[reply=kokkaptar,2009-10-10 09:33 AM]كەچۈرۈڭ، بۇلار چۈشۈرىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى يىتەكلىگۈچنىڭ ئۆزىنىڭ سېستىمىسى. [/reply]
2009/10/10 18:26:05
DNS دىگەن ئىسىم سىستىمىسى دەيدىكەن
ئىسىمنىمۇ (يۈمىڭ دىمەكچى) نىمۇ ئۆزىمىزدە مۇلازىمىتىر بولسا تارقىتالايمىزمۇ ؟؟؟؟؟
ئۆزگىرىشچان IP دا ھازىرقى سېرت بىلەن ئالاقىسىز موھىتتىمۇ ئوراينىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەيمۇ
مۇلازىمىتېر قۇرالامدۇق ؟؟؟
؟؟؟؟
[reply=kokkaptar,2009-10-11 03:41 PM]ئىسىمنى ھەر قانداق ئادەم قۇرۋالالايدۇ، بىراق، شۇ ئىسىم قۇرغان مۇلازىمىتېر چوقۇم، تىلگىرافنىڭ ئىسىم مۇلازىمىتىرىگە ئۇلانغان بولۇشى كىرەك. بولمىسا، باشقىلار ئۇ مۇلازىمىتېردا قۇرغان ئىسىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، 本地连接 گە ئاشۇ مۇلازىمىتېرنىڭ ئىسىمىنى يىزىشقا توغرا كىلىدۇ. [/reply]
[reply=kokkaptar,2009-10-11 03:41 PM]oray, gnway دىگەنلەرنىڭ ھەممېسى ئىچكىردىكى مۇلازىمەتچىلەر، شۇڭا بولمايدۇ. [/reply]
2009/10/10 22:32:20
ياخشىمۇ سىز؟ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى كۈرۈپ نۇرغۇنلىغان بىلىمگە ئىگە بولدۇق ،مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئەسىرىڭىزىنى ئېلكىتاب قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز ،بىز ئۆيگە قايتقاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئۆگۈنۈشكە جىق ياردىمى بۇلاتتى .
شاگىرتىڭىزنىڭ كىچىكىنە تەلىۋى،ئەگەر مالال كۆرسىڭىز ،بىز مۇشۇ شەكىلدە ئۆگەنسەكمۇ بۇلىۋىرىدۇ،
[reply=kokkaptar,2009-10-11 03:42 PM]ھازىرچە ئىلكىتاب قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايمەن، كەچۈرۈڭ. [/reply]
2009/10/11 16:16:40
TL-R402 تىپلىق يىتەكلىگۈچ يىتەكلىگۈچنى بازاردا ساتامدۇ ياكى ئۇ بىرخىل سېستىمىمۇ؟ مەن تازا چۈشىنەلمىدىم
[reply=kokkaptar,2009-10-11 06:32 PM]شۇنداق بازاردا ساتىدۇ. 路由器 دىگەن شۇ. [/reply]
2009/10/12 12:35:01
نەقىل:
Windows2003 كە iisنى قوشقاندىلا asp نى بىۋاستە تونۇيدۇ، تونۇمىسا، iisنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرسىڭىز، web服务扩展 دەيدىغان تۈر بار، شۇنى بىسىپ، aspنى قوزغىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
——————————–
دەپتىكەنسىز، مەن web服务扩展 دە كۆرۈنۈپ تۇرغان 6دانە تۈرنىڭ ھەممىسىنى 允许 قىلىپ قويساممۇ يەنىلا asp ئىجرا بولمايۋاتىدۇ…..ئەگەر ۋاقتىڭىز يېتىشسە مۇشۇ توغرىسىدىمۇ بىر سۆرەتلىك دەرسلىك ئىشلەپ قويسىڭىز، بىز ھەۋەسكارلار سىزدىن تولىمۇ رازى بولغان بولاتتۇق، بۇ توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى كۆپ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم، كىتاپلاردىمۇ بۇ توغرىسىدىكى مەزمۇنلار يوقكەن، يەنىلا سىزنىڭ تەلىمىڭىز بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەرسكەن.
[reply=kokkaptar,2009-10-12 02:23 PM]IIS قاچىلانغاندىن كىيىنلا aspنى نورمال تونۇيدۇ. بەلكىم سىزنىڭ باش بېتىڭىزنى ئاچالمىغان بولۇشى مومكىن، شۇڭا تور ئادىرىسنىڭ كەينىگە index.asp دەپ يېزىپ بېقىڭ. مەسىلەن: http://localhost/index.asp دىگەندەك. [/reply]
2009/10/12 14:07:37
ياخشىمۇ سىز كۆك كەپتەر ئەپەندى. مىنىڭ ئىشلەتكەن يول باشلىغۇچۇم tenda tel402m مەن http مۇلازىمىتىرى ۋە ftp مۇلازىمەتلەرنى قۇرىۋالدىم . ئۆز كومپىيۇتىرىمدا شۇنداق نۇرمال بىراق يول باشلىغۇچقا ئۇلانغان باشقا كومپىيۇتىرلاردا پەقەت ئېچىلمىدى. 虚拟服务器 قۇرىۋالغان بولساممۇ يەنىلا ئېچىلمىدى. بۇ يول باشلىغۇچقا 4 كومپىيۇتىر ئۇلاغلىق ھەممىسى internet قا ئۇلىنىدۇ. تەكشۈرۈپ كورسەم ھەممىسىنىڭ ip نۇمۇرى ئوخشاش 1 ip ئىكەن .
دىمەكچى بولغىنىم قۇرغان http مۇھىتى ۋە ftp مۇھىتىنى يول باشلىغۇچقا ئۇلانغان باشقا كومپىيۇتىرلاردامۇ نۇرمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ۋە 虚拟服务器 نى نۇرمال ئىشلەيدىغان قىلىش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن بولسىڭىز . جاۋابىنى كۈتىمەن. ئاللا بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن !
[reply=kokkaptar,2009-10-12 02:22 PM]سىز ئۇچىرىغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ يازما شۇ. ئەگەردە باشقىلار زىيارەت قىلالمىغان بولسا، مۇلازىمەت قۇرغان كومپىيۇتېرنىڭ قوغداش تېمىنى تاقاپ كۆرۈپ بېقىڭ. [/reply]
2009/10/13 12:02:22
路由器 ئىشلەتمەيمۇ سىرتقا ئىچىۋەتكىلى بولماسمۇ؟
[reply=kokkaptar,2009-10-13 01:04 PM]بولىدۇ، تورغا بىۋاستە ئۇلىنىدىغان ئابونىتلار، بىۋاستە ADSLنىڭ IPسىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. [/reply]
2009/10/13 12:50:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئىشلىگەن دەرسلىرىڭىزدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق!
سىزگە كۆپ رەھمەت.
سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراي دىگەن.
مەن سىز تەييارلىغان دەرسلەردىن پايدىلىنىپ FTP مۇلازىمىتىرىنى قۇرىۋالدىم ، مەن بۇرۇن بىر ئىسىم سېتىۋالغان ئىدىم(شاڭخەيدىكى مۇلازىمىتىردىن سېتىۋالغان)،شۇ ئىسىمنى ئىچكىردىكى دوستلۇرۇم
ئارقىلىق ھازىرقى مۇلازىمىتىرنىڭ IP ئادرىسىغا ئۇلاپ ئىشلىتەلەمدىم؟
يەنە بىر مەسىلە.
ھەركەتچان IPئادرىس كومپىيوتېرنى ھەر قېتىم ئۆچۈرۈپ قوزغاتقاندا بىر قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن،
ئەگەر ئىسىمنى ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولسا ، بۇنىڭ مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك!
ياكى بۇ كومپىيوتېرنى چوقۇم ئۆچۈرمەسلىك كېرەكمۇ؟
[reply=kokkaptar,2009-10-13 01:03 PM]ئىسىمنى ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىراق IP ئادىرىس ئۆزگەرسە يەنە قايتا ئۇلاشقا توغرا كىلىدۇ.[/reply]
2009/10/13 17:17:06
ياخشمۇسىز سىزنىڭ دەرسلىڭز شۇنداق ياخشى بولىۋاتىدۇ .بۇرۇن باشقا توربەتلەردە كۆرگەن بولساقمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئېدى بېشى بار ئاخىرى يۇق ئېدى ..سز دەرسلىڭىزنى كۆرۇپ بىر ئېش كالامغا كېىلىپ قالدى سىمىز تورنمۇ شۇنداق قىلغىلى بوللارىمۇ …ئۇنىڭدا يا يول باشلغۇچ يۇق مەن دېمەكچى كۆچمە خەۋەرلىششنىڭ ….
[reply=kokkaptar,2009-10-14 10:06 AM]سىمسىز تورمۇ ADSLغا ئوخشاش. تورغا ئۇلاپ ئالغان IPئادىرىس ھىساب.[/reply]
2009/10/13 17:34:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز ، تەشەككۈر….
مېنىڭ ئىشلەتكەن سىز سۆزلىگەن( TL-R402 تىپلىق يىتەكلىگۈچ ئارقىلىق مەۋھۇم مۇلازىمىتېر قۇرۇش) ئەمەس بەلكى zte中兴 831 روتېرى ئىدى . بۇنى قانداق تەڭشىسەم سىرتقا ئۇلىغىلى بولىدۇ.
[reply=kokkaptar,2009-10-14 10:09 AM]ZTE831 بولسا، ADSLمودىم ۋە يىتەكلىگۈچنى بىرلەشتۈرگەن ئۈسكىنە. تەڭشىكى سەللا ئۆزگىرىپ كەتسە، تورغا ئۇلانغىلى ئۇنمايدۇ. مەن بۇ يەردىن تاپالىسام، تېمىنىڭ ئاستىغا تولۇقلاپ يىزىپ قوياي. [/reply]
2009/10/14 11:32:33
مەن ZTE831 دىن سىرتقا ئۇلىنىش ئورنىنى تاپتىم ، ئەمما قانداق ئۇلاشنى بىلەلمىدىم .
(رەسىم يوللىسام پەقەت يوللانمىدى ، سىز بىلەن قانداق ئالاقە قىلسام بولىدۇ)
مېنىڭ 腾讯通 نومۇرۇم : 200266
2009/10/14 13:10:00
ياخسىمۇسىز…ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ بىزنى مۇشۇنداق بىر بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت.مەقسەتكە كەلسەم،مەن 路由器بىلەن ھەرقانچە قىلىپمۇ مۇلازىمىتىر قىلالمىدىم،مەن APMServ5.2.6 مۇشۇنى ئىشلەتكەن،مەن قانداق قىلسام بولار،تىلفۇن قىلسام دەپ بىرەلەسىز مۇ؟
2009/10/15 01:39:01
ياخشىمۇ سىز كۆك كەپتەر ئەپەندى روتىر ئىشلەتمەيمۇ ئۈزىمىز قۇرغان مۇلازىمىتىردىكى تور بەتنى سىرىتقا ئۇلىغىلى بۇلامدۇ ؟مۇشۇ ھەقتە تەلىم بەرسىڭىز~
[reply=kokkaptar,2009-10-15 09:46 AM]يازمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ. [/reply]
2011/02/12 15:31:33
tenda ماركىلىق روتېردىن پايدىلىنىپ ھەر بىر كومپىيۇتېرغا مۇقۇم تور سۈرئىتى بەلگىلەپ قويۇدىغان ئىشنى بلىسىڭىز تېما سۈپىتىدە يوللاپ قويغان بولسىڭز.
2011/02/12 17:58:05
يىنىمدا Tenda ماركىلىق يىتەكلىگۈچ يوق ئىدى.
ئادەتتە ھەر قانداق يىتەكلىگۈچنىڭ IP带宽控制 دەيدىغان يىرى بولىدۇ. شۇ يەردىن تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.