بارماق دېسكىنىڭ سۈپەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى پەرىق ئېتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2009-09-23 / كۆرۈلۈشى: 706 قىتىم / 23 پارچە باھا [مەنمۇ سۆزلەي]
 

ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بارماق دېسكا بارا- بارا ئەسلىدىكى سىغىمى كىچىك بولغان يۇمشاق دېسكا ۋە قاتتىق دېتال تەلىپى يۇقۇرى بولغان ئوپتىك دېسكىلارنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قولايلىق ۋە سىغىمىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن بىزنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىمىزغا ئايلاندى.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك، ئەنسىرەشكە تىگىشلىك مەسىلىلەرمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى، مەسىلەن: بارماق دېسكىنىڭ سۈپېتى ناچار بولۇپ، ئاسانلا بۇزۇلۇپ قىلىش، مۇشۇ سەۋەبلىكلا نۇرغۇن مۇھىم ھۆججەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقتى.
مەزكۇر تىمىمىزدا بارماق دېسكىنىڭ ھەقىقى سۈپەتلىك ياكى سۈپەتلىك ئەمەسلىكىنى پەرىق ئېتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئادەتتە بارماق دېسكىنىڭ قىپى ئۈستىدە ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگېسى بار، بىراق بۇ بەلگىلەرگە قاراپ تەكشۈرۈش ئادەتتىكى بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق ۋە ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر پەرىقلاندۈرۈپ بولالمايدۇ. شۇڭا بىز بارماق دېسكېنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا نەزەر سىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
بارماق دېسكا، باشقا قاتتىق دېسكا ۋە ئوپتىك دېسكىلارغا ئوخشاش ماگىنىت ياكى نۇر ئارقىلىق ئۇچۇر ساقلىمايدۇ، بەلكى ئۆزەك ئارقىلىق ئۇچۇر ساقلايدۇ، شۇڭىلاشقا بارماق دېسكىنىڭ سۈپىتى دىگەنلىك بارماق دېسكا ئۆزىكىنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ دىسەك خاتالاشمايمىز.
بىز بۇ ئۇسۇلدا، دەل مۇشۇ بارماق دېسكىنىڭ ئۆزەك قىسمىغا يىزىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بارماق دېسكىنىڭ سۈپەتلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز.
سىز بەلكىم، بارماق دېسكىنىڭ ئۆزەك قىسىمىغا يىزىلغان ئۇچۇرلارنى قانداق كۆرەرمەن دەپ ئويلىشىڭىز مومكىن، ئەمەلىيەتتە بارماق دېسكا كومپىيۇتېرغا سىلىنغاندىن كىيىنلا مەشخۇلات سېستىمىسى بارماق دېسكىغا يىزىلغان ئۇچۇرلارنى ئوقۇيدۇ- ۋە بىزگە كۆرسىتىدۇ.
ئادەتتە بارماق دېسكىنىڭ ئۆزەك قىسىمىغا بارماق دېسكىنىڭ ماركا ۋە تىپ ئۇچۇرلىرى يىزىلىدۇ، بۇ ئۇچۇرلار كومپىيۇتېرغا سىلىنغاندىن كىيىن، مۇشۇ ئۇچۇرلارنى بىر قاتار ئوقۇۋەتكەندىن كىيىن، ئاندىن تونۇشقا باشلايدۇ.
بارماق دېسكىنى كومپىيۇتېر تۇنجى قىتىم سالغاندا، ئىكراننىڭ سول تەرەپ بۇرجىكىدە يىڭى قاتتىق دىتال بايقىغانلىق ئۇچۇرى ۋە ئۇنىڭ تىپ ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ، مەسىلەن: USB 2.0 Flash Disk دىگەندەك، ئەمەلىيەتتە USB2.0 Flash Disk بولسا، ئۇچۇر ساقلاش ئىقتىدارى بولغان بارلىق USB ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى، بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر بارماق دېسكىنىڭ ماركىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

بارماق دېسكىنىڭ ئۆزەك قىسىمىغا ماركا ئۇچۇرلىرىنى يىزىش بولسا، تېخنىكىلىك تەلىپى بىر قەدەر يۇقۇرى خىزمەت بولۇپ، ئادەتتىكى ساختا بارماق دېسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر بۇ خىزمەتنى ئىشلەپ بولالمايدۇ، شۇڭا ئۆزەك قىسىمىدا يۇقۇرقىدەك ئۇنىۋىرسال ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
ئەگەر بارماق دېسكا، ھەقىقى سۈپەتلىك بارماق دېسكا بولسا، كومپىيۇتېرغا سىلىنغاندىن كىيىن چىققان ئۇچۇرلىرىدا ئۇنىڭ ماركا ۋە تىپ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.

بىز مانا مۇشۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن بارماق دېسكىنىڭ سۈپەتلىك ياكى ئەمەسلىكگە ھۆكۈم قىلىمىز.
ئەگەردە بارماق دېسكا كومپىيۇتېرڭىزدا بىر قىتىم ئىشلىتىلگەن بولسا، يۇقۇرقىدەك ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ، بۇ ئەھۋالدا بىز بارماق دېسكىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇ ئۇچۇرنى تاپالايمىز.
"كومپىيۇتېرىم" (我的电脑) نىڭ ئىچىگە كىرىپ، بارماق دېسكا ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكېسىنى بېسىپ، "خاسلىق" (属性) غا كىرىمىز.

بۇ يەردە كومپىيۇتېرغا سىلىنغان قاتتىق دېسكا ۋە بارماق دېسكىلارنىڭ تىپى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.

يۇقۇرقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قاتتىق دىتاللار بولسا: 1. قاتتىق دېسكا، 2. سۈپەتلىك، ئۆزىكىگە ماركا ئۇچۇرى يىزىلغان بارماق دېسكا، 3. ئۆزەك قىسىمىغا ماركا ئۇچۇرى يىزىلمىغان بارماق دېسكا.
مۇشۇنىڭدەك. ئۆزەك قىسىمىغا ماركا ئۇچۇرى يىزىلمىغان بارماق دېسكىلارنى سۈپەتسىز بارماق دېسكا دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ، بۇنداق بارماق دېسكىنى ئامال بار ئىشلەتمىگەن ياخشى.
يەن بەزى بارماق دېسكىلارنىڭ ئۆزەك قىسىمىدىمۇ ماركا ئۇچۇرى بار، بىراق، يەنىلا گۇمانلىق بولسا، 2Gلىق بارماق دېسكىغا كەم دىگەندەك يەككە ھۆججەت سىغىمى 1G دىن يۇقۇرى بولغان ھۆججەت كۆچۈرسەك، سۈپەتسىز بارماق دېسكا، ھۆججەت كۆچۈرۈپ يىرىمدىن ئاشقاندىلا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. سۈپەتلىك بارماق دېسكىلار ئۇنداق بولمايدۇ. (ئەسكەرتىش: سىناق قىلىشتىن ئاۋۋال مۇھىم ماتېرياللىرىڭىز بولسا، زاپاسلىۋىلىڭ.)

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

23 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپتۇ، تالاشتا قالدى مانا!

  1. ئادىل
    2009/11/06 12:55:30

    بۇ مەزمۇن كومپىۇتېر تېىنىكىسىنى ئانچە ياىشى بىلمەيدىغان لېكىن كومپىۇتېرنى ئىشلىتىنى يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى .ئۈچۈن ناھاينتن ياخشى مەزمۇن ئىكەن.ئادىل

  2. yahxidost
    2009/11/08 22:46:18

    بۇلىدىغان ئامالكەن .رەخمات

  3. 520
    2009/11/08 23:07:03

    بۇتىمىنى ياخشى يۇللاپسىز رەھمەت[face76]yalquntagh@qq.com[face08][face23]

  4. sarakrda32
    2009/11/10 22:56:46

    rahmat sizga[face41][face01]

  5. turdiaji
    2009/11/12 13:49:00

    رەىمەت سىزگە ،

  6. yusanjan
    2009/11/23 16:01:38

    رەخمەت ئېيتىمەن[face02]

  7. yulwas
    2009/11/24 22:48:03

    كوپ رەخمەت مۇشۇنداق تىمىلارنى كۇپلەپ يۇللاپ تۇرسىڭىز بىز خاتىجەم ھالدا ماتىيال ئىشلىتەلەيمىز.

  8. my
    2009/11/27 12:19:58

    داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەڭ!

  9. aobama
    2009/11/29 11:03:32

    رەخمەت سىزگە

  10. uyghur
    2010/01/06 11:51:53

    تىلفۇننىڭ سىغىم كارتىسىنىمۇ ئاشۇ ئۇسۇل بىلەن پەرىقلەندۇرەىلى بولامدۇ…….سىغىم كارتىسىنى بارماق دىسكىدىكى ۋىروسنى تازلىغان ئۇسۇلدا تازلاپ ېىشلەتكىلى بولامدۇ .

  11. 630
    2010/01/07 19:48:20

    ياخشى ئۇسۇل ئىكەن ،بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ئالدامچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ئۇچۇرلارنى كۆپىرەك ئېلان قىلغيسىز

  12. kamalat
    2010/01/10 15:51:53

    رەخمەت ياخشى بىلىۋالدۇق مەن بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم

  13. alone
    2010/02/04 19:22:58

    رەھمەت ،بىلىۋالدىم

  14. xj
    2010/02/05 18:54:18

    داۋاملىقمۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمنلەپتۇرۇشىڭىزنى سۇرايمەن

  15. 97
    2010/02/19 13:38:47

    ياخشى

  16. imran
    2010/02/21 16:27:16

    ياخشىمۇ سىز؟ مەن بىر بارماق دىسكا سىتۋالغانتىم .ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى يۇغىلى بولمايدىغان سىرىتتىن ھۆججەت ئەكىرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئوڭشىغىلى بولارمۇ؟ ئوڭشايدىغان بىرەر دىتال بارمىدۇ؟

  17. alma
    2010/03/23 13:44:24

    رەھمەت !!!

  18. halan
    2010/03/27 10:27:51

    [face03] رەھمەت !

    ھار مىغايسىز!

  19. yarkanboy
    2010/04/22 22:20:52

    مىنىڭ بىر بارماق دىسكاممۇ ئىمران ئەپەندىم دىگەندەك بولۇپ قالغان …………… ئىمكان بولسا مۇشۇنىڭ ئوڭشاش ئۇشلۇلىنى تىپىپ چىققان بولسىڭىز ………… نۇرغۇنلىغان رەھمەتلەرگە مۇيەسسەر بولار ئىدىڭىز……….. !

  20. yalguz
    2010/07/29 14:29:37

    مەندە بىر 4Gلىق بارماق دىسكا بار ئىدى. كومپىيۇتىرغا چاتسام كۆرىنىدۇ. ئەمما ئېچىلمايدۇ. سىغىمىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

  21. مەمەتجان
    2010/12/30 00:43:59

    ئاپرىن بۇ ناھايتى ياخشى تېخنىكا ئىكەن [hao]

  22. blue19
    2011/01/23 13:26:47

    رەھمەت، ئۆزى ئاددى بولسىمۇ قىممىتى بار تېما ئىكەن.

  23. ئەلسىھەت
    2012/02/15 10:05:37

    [hao]

23 نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپ بولدى، چاققان بولمامسىز؟

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: