كۆزىڭىزنى ئاسرايمەن دىسىڭىز، ئىكراننى تۆۋەندىكىچە تەڭشەڭ
بۇرۇنلاردا يوغان قورساق ئىكرانلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتلىرىمىزدا، ئىكراننىڭ يۈزىگە قوغداش ئەينىكى تارتىۋالىدىغان ئىشلار بار ئىدى، ھازىر ھەممە ئادەم ئاساسەن كىرىستال ئىكران ئىشلىتىشكە كۆنۈپ كەتتۇق، بىراق مۇشۇ ئىكراننىڭمۇ نۇرىنىڭ زىيادە كۈچلۈكلىكىدىن كۆزگە زىيان قىلىدىغان يەرلىرى بار. بۇ ئاساسلىقى ئوچۇق بولغان ئاق ۋە قارا رەڭ سەۋەبلىك بولىدۇ. شۇڭا كۆزۈمنى يەنىمۇ ئاسرايمەن دىسىڭىز، ئىكران خاسلىقىنى تۆۋەندىكىچە تەڭشەڭ.
«ئۈستەل يۈزى» (桌面)نىڭ ئۈستىدە ئوڭ كۇنۇپكېنى بىسىپ، چىققان تىزىملىكتىن «خاسلىق» (属性)نى بىسىپ، ئىكران خاسلىقىنى تەڭشەش كۆزنىكىگە كىرىسىز.
ئاندىن ئۈستىدىكى تۈرلەردىن «سىرىتقى كۆرۈنۈش» (外观)نى بىسىپ چىققان كۆزنەكتىن «ئالىي» (高级) تۈرىگە كىرىسىز.
بۇ يەردىكى «تۈرلەر» (项目) دىگەن تىزىملىكتىن «كۆزنەك» (窗口)دىگەن تۈرنى تاللاپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى «رەڭ» (颜色) دىگەن يەرنى باسىمىز.
بۇ يەردىن «باشقىچە» (其他) دىگەن بۇيرۇقنى بىسىپ، رەڭنى ئۆزىمىز تاللاش كۆزنىكىگە كىرىمىز.
رەڭنى ئۆزىمىز تاللاش كۆزنىكىگە كىرگەندىن كىيىن، سول تەرەپتىكى رەڭ پارامىتېرىنى يازىدىغان يەردە، «رەڭ» (色调)نىڭ قىممىتىنى: 85، تويۇنۇش دەرىجىسى (饱和度)نىڭ قىممىتىنى 123، يورۇقلۇق دەرىجىسى (亮度)نى 205 قىلىپ تەڭشىگەندىن كىيىن، ئاچقان كۆزنەكلەردە جەزىملەشتۈرۈش (确定)نى بىسىپ چىكىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن شۇنىڭ بىلەن ئىكراننىڭ رەڭگى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «ئاق تەگلىك قارا خەت» ھالەتتىن كۆزگە ئارام بىرىدىغان يۇمشاق رەڭگە كىلىدۇ.
بۇ رەڭ فورمىلىسىنى كۆز كىسەللىكلىرىنى مۇتەخەسىسلىرى تەڭشىگەن بولۇپ، كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۋالىدىغانلار ئۈچۈن بىر قەدەر ياخشى قوغداش ۋاستىسى ھىسابلىنىدۇ.
ئادەتتە كۆز چارچىغاندا يىراقلارغا نەزەر سىلىش، كۆز ھاردۇقىنى چىقىرىشتىكى يەنە بىر ياخشى چارە ھىسابلىنىدۇ. ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتېر ئالدىدىكى ۋاقتىڭىزنى ھەقىقەتەن كونتىرول قىلالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ بىرىڭ ياكى رەڭلىك ھالەتتە بىسىپ چىقىرىپ، ئۈستىلىرىڭىزنى ئۈستىگە قويۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.




















2010/12/14 12:18:29
مەن سىزدىگەن بويۇنچە ئۆزگەرتىۋالدىم رەخمەت
2010/12/14 12:56:11
«كۆك كەپتەر»دىكى تۇنجى قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.
2010/12/15 08:24:36
كۈندە يېڭلىنۋاتقان كومپىيوتىر بىلمرىنى كۈرۈپ رەھمەت ئېيتالماي تۇرالمايمەن
ئەجرىڭلارغا باركاللا ………..
2010/12/15 09:09:16
كۆك كەپتەردىكى قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولغاي…
2010/12/15 10:47:35
سىزمۇ WordPress گە كۆچۋاپسىزدە!! ياخشى نەرسە جومۇ بۇ،
2010/12/15 12:26:01
شۇنداق، مەنمۇ كۆچىۋالدىم.
كۆك كەپتەردىكى قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولغاي..
2010/12/29 20:41:53
رەھمەت. بۇ دەل ماڭا كېرەك بۇلۇپ تۇراتتى
2011/02/20 17:41:21
مەن ۋىن 7نى ئىشلەتكەن ،قانداق تەڭشەشنى بىللەلمىدىم .
2011/12/22 19:26:16
ئەجەپ ياخشى بولدى، مەنمۇ تەڭشىۋالدىم، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!![[wx]](http://www.kokkaptar.com/wp-includes/images/smilies/wx.gif)
2012/03/01 11:35:44
ئەجرىڭىزگە رەخمەت ،بارىكاللا!