كومپىيۇتېر قارا ئىكران بولۇپ تۇرىۋىلىشنىڭ سەۋەبلىرى

كەپتەرۋاز: كۆك كەپتەر / قونغان ۋاقتى: ‏ 2009-08-31 / كۆرۈلۈشى: 152 قىتىم / 1 پارچە باھا [مەنمۇ سۆزلەي]
 

كومپىيۇتېر قارا ئىكران بولۇپ قوزغىلالماسلىقنىڭ سەۋەبى

كومپىيۇتېر ئادەتتە تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى قارا ئىكران بولۇپ تۇرىۋالىدۇ:
1. ئىكرانغا توك بىرىلمىگەن ياكى ئىكراننىڭ ئۇچۇر سىمى چىڭ چىتىلمىغان، ئاجىراپ كەتكەن.
بۇ ھالەتتە ئىكران چىرىغىنىڭ يانغان يانمىغىنىغا ياكى ئىكراندا «ئۇچۇر يوق» دىگەن خەت چىقىپ تۇرىدۇ.

2. ئاساسى تاختىغا توك بىرىلمىگەن.
توك مەنبەسىنىڭ ئاساسى تاختىغا ئۇلىنىدىغان چوڭ سىمىنى تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ.

3. كۆرسىتىش كارتىسى ياخشى تىگىشمىگەن ياكى بۇزۇلغان.
كۆرسىتىش كارتىسىنى ئاجىرىتىپ، ئاساسى تاختىغا چىتىلىدىغان تەرىپىنى سۈرتىۋىتىپ سىناپ بىقىڭ.
4. CPU ياخشى تىگىشمىگەن.

5. ئىچكى ساقلىغۇچ ياخشى تىگىشمىگەن.
كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا تەكشۈرىمىز.

6. كومپىيۇتېر ئىغىر دەرىجىدە ۋىرۇسلانغان ياكى BIOS بۇزۇلغان.

7. كۇنۇپكا تاختىسى ياكى مائۇس سىمىنىڭ چىتىش ئۇچى بۇزۇلغان، شۇنىڭ بىلەن تۇتىشىش يۈز بەرگەن.
بۇ ھالەتتە، كونۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس سىمىنى ئاجىرتىۋىتىپ، قوزغىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مەنبەسى: كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسى
توختاپ تۇرۇڭ، بۇ كەپتەرنىڭ تۇققانلىرىدىن بارمىكىن؟

بىر نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپتۇ، سىزچۇ؟

  1. bora
    2009/09/02 22:05:13

    يۈن كود تۇنۇماپتۇ خەتلەر نورمال كۈرۈنمىدى
    [reply=kokkaptar,2009-09-03 08:47 AM]تور بەت يۇنىكود ئۆلچىمىگە تولۇق ئەمەل قىلغان، بىراق eot ياسالمىغان، شۇڭا خەت نۇسقىسى قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا تونۇمايدۇ.
    قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. [/reply]

بىر نەپەر كەپتەرخۇمار باھا قويۇپتۇ، سىزچۇ؟

ئىسمىڭىز: * ئېلخەت ئادىرىسىڭىز: * تور بىتىڭىز: