Linuxقا ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن قاچىلىماقچى بولغان ئۇيغۇرچە فونىتلارنى بىر يەر مۇندەرىجىگە يىغۋالىمىز.
بىرىنجى قەدەمدە: 终端 گە كىرىپ، sudo nautilus نى ئىجرا قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ، ئاشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ، ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە كىرگەندىن كىيىن، بىر يەرگە يىغۋالغان فونىتلارنى مۇندەرىجىسى بىلەن قوشۇپ Ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە تاشلايمىز (كۆچۈرۈپ چاپلىساقمۇ بولىدۇ). دىققەت:
چوقۇم ئاۋۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندىن كىيىن ئىچىلغان كۆزنەكتە تۇرۇپ چاپلاش ئىلىپ بارىمىز، بولمىسا چاپلىغىلى بولمايدۇ.
ئىككىنجى قەدەمدە:
ماۋۇ بۇيرۇقنى 终端 دە ئىجرا قىلىمىز، ئاۋۇ UyghurFonht دىگەننىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچە فونىت قويغان مۇندەرىجىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇڭ.
sudo chmod 777 /usr/share/fonts/truetype/uyghurfont/*.ttf
بۇيرۇق ئىجرا بولغاندىن كىيىن، فونىت مۇندەرىجىسى 777 خاسلىققا (يەنى: ئوقۇش، يىزىش ئۆزگەرتىش ) ئىگە بولدى.
ئۈچىنجى قەدەمدە:
终端 دە fc-cache -f -v بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق فونت جەدىۋىلى يىڭىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فونىت قاچىلاش تاماملاندى!














2009/09/07 00:01:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھارمىغايسىز !
مەنمۇ مەۋھۇم كومپىيۇتېرغا مۇشۇ سېستىمىنى قاچىلاپ ھەپىلىشىۋاتقان !
بولسا يەنىمۇ تەپسىلىرەك بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز !!
يېڭى يېڭى تېخنىكىلىڭىزنى ئايىماي يوللىغان بولسىڭىز ! سىزنىڭ باھانىڭىزدە ھىچ بولمىسا بۇ سېستىما توغۇرلۇق ئانچە مۇنچە بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالسام دەپ ئويلايمەن !!
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن !!
2009/09/20 21:25:48
Linuxبىلەن windowsxpنى بىر كومپىيۇتىرغا قانداق قاچىلايمىز.تەلىم بەرگەن بولسىڭىز،رەھمەت.
2011/01/07 09:45:47
Ubuntu10.10 دا چىكىپلا قاچىلىغىلى بولىدىغاندەك ئىسىمدىغۇ؟ مەن خەت نۇسخىسىنى شۇنداق قاچىلىغاندەك قىلغان ئىدىم.